11-ئاينىڭ 30-كۈنى شەرقىي شىنجاڭ بوران ئېغىزىدا 9-10 بالغىچە غەربىي شىمال بورىنى چىقىدۇ

日期:2020年11月30日
来源:天山网
【字体:

تىيانشان تورى خەۋىرى(مۇخبىرىمىز يۈ مېڭفەن): بۈگۈن 11-ئاينىڭ ئاخىرقى كۈنى، شىنجاڭنىڭ كۆپ قىسىم جايلىرىدا يەنىلا قار ياغىدۇ. شىمالىي شىنجاڭنىڭ كۆپ قىسىم جايلىرى، ئاقسۇ ۋىلايىتىنىڭ شىمالىي قىسىم تاغلىق رايونى، بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستىنىڭ شىمالىي قىسمى، تۇرپان شەھىرى، قومۇل شەھىرىدە ئازراق قار ياغىدۇ، بۇنىڭ ئىچىدە تارباغاتاي ۋىلايىتىنىڭ جەنۇبىي قىسم تاغلىق رايونى، شىخەنزە شەھىرى، سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستىنىڭ تاغلىق رايونىنىڭ قىسمەن جايلىرىدا ئوتتۇراھال، قاتتىق قار ياغىدۇ، شەرقىي شىنجاڭ بوران ئېغىزىدا 9-10 بالغىچە غەربىي شىمال بورىنى چىقىدۇ.

ئۈرۈمچى شەھىرىدە بۈگۈن ئازراق يامغۇر ياغىدۇ، ئەڭ يۇقىرى تېمپېراتۇرا 3-، ئەڭ تۆۋەن تېمپېراتۇرا 6-، شامال كۈچى ئۈچ بال بولىدۇ. كەلگۈسى ئۈچ كۈندە ئۈرۈمچى شەھىرىدە ھاۋا ئاساسەن ئوچۇق قىلىدۇ، تېمپېراتۇرا تۆۋەنلەيدۇ.

بۈگۈن ئازراق قارنىڭ تەسىرىگە ئۇچرايدىغان يول بۆلەكلىرىدىن: شىمالىي شىنجاڭنىڭ كۆپ قىسىم تاشيول يول بويى لىنىيەلىرى، G216 لىنىيەسى خوۋشيادىن بالغۇنتايغىچە بولغان بۆلىكى، G30، G312 لىنىيەسىنىڭ لياۋدۇندىن قومۇلغىچە بولغان بۆلىكى، بۇنىڭ ئىچىدە G30،G312لىنىيەسىجىڭ ناھىيەسىدىن كۈيتۈنگىچە بولغان بۆلىكىنىڭ جەنۇبىي قىسىم تاغلىق رايونىدا، G7 لىنىيەسىنىڭ جەنۇبىي قىسىم تاغلىق رايونىدا ئوتتۇراھال، قاتتىق قار ياغىدۇ. توققۇز بال ئەتراپىدا قىيپاش شىمال بورىنىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرايدىغان يول بۆلەكلىرىدىن: G30،G312لىنىيەسىنىڭ داۋانچىڭدىن داخېيەنگىچە بولغان بۆلىكى، چىقتىمدىن لياۋدۇنگىچە بولغان بۆلىكى بار.