ئۈرۈمچىدە قار توختىماي ياغدى، توختىماي تازىلاندى

日期:2020年11月30日
来源:天山网
【字体:

تىيانشان تورى خەۋىرى: (مۇخبىرلار جاڭ دۇڭمېي، زوۋ يى خەۋىرى، فوتوسى) بىر مەيدان قار ئۈرۈمچىگە داۋاملىق تەسىر كۆرسەتتى، 11-ئاينىڭ 29-كۈنى، سەھەردىن باشلاپ، ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى ھەر قايسى قار تازىلاش مەشغۇلات ئورۇنلىرى تېزلىكتە ئۆزلىرى مەسئۇل بولغان يول بۆلەكلىرىگە يېتىپ بېرىپ قار تازىلاش خىزمىتىنى قانات يايدۇردى، مۇخبىر ماقالە ئەۋەتكىچە، قار تازىلاش خىزمىتى يەنىلا داۋاملىشىۋاتقان بولۇپ، كەڭ كۆلەمدە قاتناش قىستاڭچىلىقى كۆرۈلمىدى.

11-ئاينىڭ 29-كۈنى، قار تازىلاش ئاپتوموبىلى ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ خېڭشۈن كوچىسىدا يىغىلىپ قالغان قارلارنى تازىلىماقتا. سوغۇق ھاۋا ئېقىمىنىڭ تەسىرىدە، ئۈرۈمچى شەھىرىدە قار ياغدى، ھەر قايسى رايون، ناھىيەلەردىكى قار تازىلاش ئاپتوموبىللىرى قارنى بۇيرۇق قىلىپ، قارلارنى ۋاقتىدا تازىلاپ، شەھەر ئاھالىلىرىنىڭ يول يۈرۈشىگە قولايلىق ياراتتى.

11-ئاينىڭ 29-كۈنى، مۇخبىر شىنيىلۇ، يوۋخاۋلۇ، كېشىلۇ يول بۆلىكىدە قار تازىلاش ماشىنىسى مەشغۇلات قىلغاندىن كېيىن، يولدا قېلىن قار قالمىغانلىقىنى، لەپىلدەپ چۈشكەن قار ئۇچقۇنلىرىنىڭ يەرگە چۈشكەندىن كېيىن ناھايىتى تېزلا ئېرىپ سۇغا ئايلانغانلىقىنى كۆردى. جەنۇبىي خۇبېي يولىدا، بەش قار تازىلاش ئاپتوموبىلى شوتىسىمان شەكلىدە تىزىلىپ، يولنى بويلاپ تازىلىدى،كوچا بويىدىكى بىر قىسىم سودىگەرلەرمۇ ئۆزلىرىنىڭ ئىشىك ئالدىدىكى قارلارنى تازىلىدى.

11-ئاينىڭ 29-كۈنى سەھەر سائەت نۆلدە، ئۈرۈمچى شەھىرى سايباغ رايونىدىكى 140 قار تازىلاش ماشىنىسى يولغا چىقتى، ئۈرۈمچى شەھىرى سايباغ رايونى مۇھىت ئاسراش-توشۇش ئەترىتى ئىشلەپچىقىرىش 2-بۆلۈمىنىڭ باشلىقى جاڭ تيەنخۇەننىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، يول يۈزىنىڭ كېچىدە مۇز تۇتۇپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن، مۇھىت ئاسراش-تازىلاش مەشغۇلات ئاپتوموبىللىرى توختىماي تازىلاپ توشۇغان.

ئاسما كۆۋرۈكتىكى قارلارنى تازىلاش مەشغۇلاتىغا مەسئۇل بولغان ئۈرۈمچى شەھەرلىك شەھەر ئاممىۋى ئەسلىھەلىرى جىددىي ئىشلارغا تاقابىل تۇرۇش خەتەردىن قۇتقۇزۇش مەركىزى (شەھەرلىك مۇھىت تازىلىقى ئالاھىدە مەشغۇلات مەركىزى) تازىلاش ئاپتوموبىل ئەترىتىنىڭ باشلىقى لى جيەنشى مۇنداق دېدى: كۈندىلىك تازىلاشتىن باشقا، مەشغۇلات خادىملىرى 11-ئاينىڭ 29-كۈنى كەچتە ئاسان مۇز تۇتىدىغان يول بۆلەكلىرىدە قايتا-قايتا ئايلىنىش ئۇسۇلىنى قوللىنىدۇ، شۇنىڭ بىلەن بىللە، تېيىلىشتىن ساقلىنىش ماددى ئەشيالىرىنى تەييارلاپ، 11-ئاينىڭ 30-كۈنىدىكى ئەتىگەنلىك قاتناشنىڭ يۇقىرى پەللىسىدە يۈرۈشكە كاپالەتلىك قىلىدۇ.

شىنجاڭ شىنخې يېڭى مۇھىت تازىلىقى كۆكەرتىش چەكلىك شىركىتىدىكى 1400دىن ئارتۇق مۇھىت تازىلىقى ئىشچىسى 300دىن ئارتۇق كۆپ ئىقتىدارلىق قار تازىلاش ماشىنىسىنىڭ ماسلىشىشى بىلەن شەھەر تېز سۈرئەتلىك يولى ۋە جىڭكەي رايون (تۇدۇڭخابا رايونى) تەۋەلىكىدىكى 120دىن ئارتۇق ئاساسلىق ۋە قوشۇمچە يوللارنى توختىماي تازىلىدى. تۆت كوچا ئېغىزى، پىيادىلەر يولى، ئاسما كۆۋرۈك قاتارلىق ماشىنا بىلەن تازىلاش قىيىن بولغان جايلارنى تازىلىقچى ئادەم كۈچى بىلەن تازىلىغاندىن كېيىن ماشىنا بىلەن توشۇلدى.