ئاپتونوم رايونلۇق بازارنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ئىدارىسى قاتارلىق 12 تارماق بىرلىشىپ تور خەنجەر ھەرىكىتىنى قانات يايدۇرۇشنى ئورۇنلاشتۇردى

日期:2020年11月23日
来源:天山网
【字体:

تىيانشان تورى خەۋىرى: (مۇخبىر يۈ جياڭيەن خەۋىرى) يېقىندا، ئاپتونوم رايونلۇق بازارنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ئىدارىسى قاتارلىق 12 تارماق بىرلىشىپ 2020-يىللىق تور بازىرىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش مەخسۇس ھەرىكىتى قانات يايدۇرۇش (تور خەنجەر ھەرىكىتى)نى قانات يايدۇرۇشنى ئورۇنلاشتۇردى، مەخسۇس ھەرىكەت 12–ئايدا ئاخىرلىشىدۇ.

بۇ قېتىمقى مەخسۇس ھەرىكەت «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئېلېكتىرونلۇق سودا قانۇنى»نى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى بىر تۇتاش يېتەكچى قىلىپ، «گوۋۇيۈەن بەنگۇڭتىڭىنىڭ سۇپا ئىقتىسادىنى قېلىپلاشتۇرۇش، ساغلام تەرەققىي قىلدۇرۇش توغرىسىدىكى يېتەكچى پىكىر»دىكى ئالاقىدار تەلەپلەرگە ئاساسەن، توردا ۋە تور سىرتىدا بىر گەۋدىلەشتۈرۈپ نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش پىرىنسىپىدا چىڭ تۇرۇپ، توردىكى گەۋدىلىك مەسىلىلەرنى مەركەزلىك تۈزەپ، تور بازىرى مۇھىتىنى ساپلاشتۇرۇپ، ئىستېمالچىلار ۋە تىجارەتچىلەرنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق-مەنپەئىتىنى قوغداپ، ئادىل، تەرتىپلىك بازار مۇھىتىنى قوغداپ، تور ئىقتىسادىنىڭ ساغلام تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ.

بۇ قېتىمقى مەخسۇس ھەرىكەتتە ئاساسلىقى يەتتە تۈرلۈك نۇقتىلىق ۋەزىپىنى چىڭ تۇتۇش كېرەك: بىرىنچى، ئېلېكتىرونلۇق سودا سۇپىسىنىڭ مەسئۇلىيىتىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ئاساسىنى پۇختىلاش. ئىككىنچى، ناتوغرا رىقابەت قىلمىشلىرىغا زەربە بېرىپ، تور بازىرىنىڭ رىقابەت تەرتىپىنى قېلىپلاشتۇرۇش. ئۈچىنچى، توردا ھوقۇققا دەخلى-تەرۇز قىلىنغان ساختا، ناچار تاۋارلارنى سېتىشنى تۈزەپ، بىخەتەرلىك تۆۋەن چېكىنى ساقلاش. تۆتىنچى، ياۋايى ھايۋانات، ئۆسۈملۈكلەر ۋە ئۇلاردىن ياسالغان بۇيۇملار قانۇنسىز سودىسى قىلمىشلىرىغا قاتتىق زەربە بېرىپ، ياۋايى ھايۋانات، ئۆسۈملۈك بايلىقى ۋە ئاممىۋى ساغلاملىقى بىخەتەرلىكىنى قوغداش. بەشىنچى، ئالاقە تورى ئېلانىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ، ئالاقە تورى ئېلان بازىرىنىڭ تەرتىپىنى قوغداش. ئالتىنچى، جەمئىيەتتىكى قىزىق نۇقتا مەسىلىلىرىنى قانۇن بويىچە تۈزەپ، ياخشى تور بازىرى مۇھىتى يارىتىش. يەتتىنچى. تور سودىسىدىكى قانۇنغا خىلاپ باشقا قىلمىشلارنى قانۇن بويىچە تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىپ، ئىستېمالچىلارنىڭ ھوقۇق-مەنپەئىتىنى قوغداش كېرەك.

بۇ قېتىمقى مەخسۇس ھەرىكەت ئاپتونوم رايونلۇق تور بازىرىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش تارماقلىرى بىرلەشمە يىغىنىنىڭ رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، جايلاردىن مۇنۇلارنى تەلەپ قىلدى: بىرىنچى. مەسىلە يۆنىلىشىنى گەۋدىلەندۈرۈپ، تور بازىرىدا تاسادىپىي يۈز بەرگەن قىزىق نۇقتا مەسىلىلىرىگە كۆڭۈل بۆلۈپ، قېلىپلاشتۇرۇش بىلەن تۈزەشنى بىرلەشتۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، ھەقىقىي يولغا قويۇشقا بولىدىغان كونكرېت يولغا قويۇش لايىھەسىنى تەتقىق قىلىش كېرەك. ئىككىنچى، قانۇن-بەلگىلىمە بويىچە قانات يايدۇرۇپ، بىرلەشمە قانۇن ئىجرا قىلىشنى كۈچەيتىپ، ماسىلىشىش، ھەمتۈرتكە بولۇشنى كۈچەيتىپ، ئەۋزەللىكلەر ئارقىلىق بىر-بىرىى تولۇقلايدىغان، ئىش تەقسىماتى بويىچە ھەمكارلىشىدىغان، ئالاقە راۋان بولغان، تەڭ تۇتۇپ ئورتاق باشقۇرىدىغان تور بازىرىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ئەندىزىسىنى شەكىللەندۈرۈش كېرەك. ئۈچىنچى، ئاممىۋى پىكىر يېتەكچىلىكىنى كۈچەيتىپ، ياخشى كەيپىيات يارىتىش كېرەك. ئىجابىي تەشۋىقات ئارقىلىق يېتەكلەشتە چىڭ تۇرۇپ، تەشۋىقات تارماقلىرى، ئاخبارات ۋاسىتىلىرى بىلەن بولغان ئالاقە ۋە ماسلىشىشنى كۈچەيتىپ، سىياسەت تەدبىرلەرنى چۈشەندۈرۈپ، تۈزەش نەتىجىلىرىنى ئېلان قىلىش كېرەك. جەمئىيەت ئورتاق ئىدارە قىلىدىغان، ئومۇمىي خەلق نازارەت قىلىدىغان ياخشى ئاممىۋى پىكرى كەيپىياتىنى پائال ئىلگىرى سۈرۈپ، ياخشى تور بازىرى تەرتىپىنى ئورتاق قوغداپ، ئىستېمالچىلار ۋە تىجارەتچىلەرنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق-مەنپەئىتىنى قوغداش كېرەك.