گولمۇد-كورلا تۆمۈريولىنىڭ شىنجاڭ بۆلىكىدىكى ئۇچرىشىش تورىدا توك يەتكۈزۈش مۇۋەپپەقىيەتلىك بولدى

日期:2020年11月23日
来源:天山网
【字体:

شىنجاڭ گېزىتى، ئۈرۈمچى، 11-ئاينىڭ 22-كۈنى خەۋىرى: پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرى لۇ فىڭباۋ، ئىختىيارىي مۇخبىر ۋاڭ جىڭنىڭ جۇڭگو تۆمۈريول قۇرۇلۇشى ئېلېكتىرلەشتۈرۈش ئىدارىسى گۇرۇھى 1-قۇرۇلۇش چەكلىك شىركىتى گولمۇد-كورلا تۈر بۆلۈمىدىن ئىگىلىشىچە، 11-ئاينىڭ 21-كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، بىر ئېلېكتىروۋوزنىڭ يېتىمبۇلاق بېكىتىگە ئوڭۇشلۇق يېتىپ بېرىشىغا ئەگىشىپ، گولمۇد-كورلا تۆمۈر يولىنىڭ شىنجاڭ بۆلىكىدىكى ئېلېكتىرلەشتۈرۈش قۇرۇلۇشىنىڭ ئۇچرىشىش تورى پۈتۈن لىنىيە بويىچە تۇتاشتۇرۇلۇپ زەرەتلىنىپ، گولمۇد-كورلا تۆمۈر يولىنىڭ پۈتۈن لىنىيە بويىچە يۈرۈشۈشىنى توك بىلەن تەمىنلەش كاپالەتكە ئىگە قىلىندى.

11-ئاينىڭ 18-كۈنى، گولمۇد-كورلا تۆمۈريولىنىڭ ئۇچرىشىش تورى ئارقا-ئارقىدىن توك يەتكۈزۈشنى قوزغىتىپ، 11-ئاينىڭ 19-كۈنى سائەت 18دە پۈتۈن لىنىيەدە توك يەتكۈزۈشنى تاماملىدى. 11-ئاينىڭ 20-كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، بىر ئېلېكتىروۋوز كورلا ۋوگزالىدىن يولغا چىقىپ، ئالتۇنتاغ يۆنىلىشىگە قاراپ مېڭىپ، 11-ئاينىڭ 21-كۈنى چۈشتىن بۇرۇن يېتىمبۇلاق بېكىتىگە ئوڭۇشلۇق يېتىپ باردى.

گولمۇد-كورلا تۆمۈريولىنىڭ شىنجاڭ بۆلىكىدىكى ئۇچرىشىش تورىدا توك يەتكۈزۈش مۇۋەپپەقىيەتلىك بولغاندىن كېيىن، ھەرىكەت ھالىتىدە تەكشۈرۈپ ئۆتكۈزۈۋېلىش باسقۇچىغا كىرىدۇ، شۇ چاغدا بۇ تۆمۈريول «ئەمەلىي جەڭ»نىڭ سىنقىنى قوبۇل قىلىدۇ.