چارۋىچىلىق چوڭ رايونلىرىنىڭ چارۋىچىلىق كۈچلۈك رايونىغا يۈزلىنىشىگە تېز تۈرتكە بولۇش ——«شىنجاڭ چارۋىچىلىقىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش توغرىسىدىكى پىكىر» توغرىسىدا چۈشەنچە

日期:2020年11月23日
来源:天山网
【字体:

10 ـ ئاينىڭ 24 ـ كۈنى، موڭغۇلكۈرە ناھىيەسىنىڭ قاشاجار بازىرىدىكى چارۋىچىلار چارۋىلارنى ئاقياز جىلغىسىدىكى قىشلىق فېرمىغا كۆچۈردى. يېقىنقى كۈنلەردىن بۇيان، موڭغۇلكۈرە ناھىيەسىدىكى چارۋىچىلار قىشلىق فېرمىغا كۆچۈشكە باشلىدى، قىشلىق فېرمىنىڭ كۆپىنچىسى تىيانشاننىڭ ئىچكىرىسىدىكى جىلغىلاردا بولۇپ، قىشتا ئىللىق، يازدا سالقىن، ئوت ـ چۆپلەر مول، سۈيى ئەلۋەك بولۇپ، موڭغۇلكۈرە ناھىيەسىدىكى چارۋىچىلار ۋە چارۋىلار قىشلايدىغان ئاساسلىق چارۋىچىلىق مەيدانى ھېسابلىنىدۇ. لى ۋېنۋۇ فوتوسى

 شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرى خېي خۇڭۋېي خەۋىرى): يېقىندا، ئاپتونوم رايونىمىز «شىنجاڭ چارۋىچىلىقىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش توغرىسىدىكى پىكىر» (تۆۋەندە قىسقارتىلىپ«پىكىر» دېيىلىدۇ)نى ئېلان قىلىپ، شىنجاڭنىڭ چارۋىچىلىق چوڭ رايونىدىن كۈچلۈك رايونغا ئۆزگىرىشىنى تېز ئالغا سىلجىتىپ، تىرىشىپ بەش يىل ۋاقىت سەرپ قىلىپ، مەھسۇلات قىممىتى 10 مىليارد يۈەندىن ئاشىدىغان، دۆلەت ئىچىدە بەلگىلىك تەسىر كۈچكە ئىگە چارۋىچىلىق كەسىپلەر توپىدىن 3-5نى يېتىلدۈرۈپ شەكىللەندۈرۈپ، پۈتۈن ئاپتونوم رايون بويىچە گۆش ئومۇمىي مەھسۇلات مىقدارىنى 2 مىليون 200 مىڭ توننىدىن، سۈت مەھسۇلات مىقدارىنى 3 مىليون توننىدىن، تۇخۇم مەھسۇلات مىقدارىنى 500 مىڭ توننىدىن ئاشۇرۇپ، ئايرىم-ئايرىم ھالدا %30، %50 ۋە %25 ئاشۇرۇش؛ پۈتۈن ئاپتونوم رايون بويىچە چارۋىچىلىق مەھسۇلات قىممىتىنى 110 مىليارد يۈەندىن ئاشۇرۇپ، %20 ئاشۇرۇشنى ئوتتۇرىغا قويدى.

پىكىردە ئاپتونوم رايونىمىز چارۋىچىلىقىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشتىكى مۇھىم تەدبىرلەر ئوتتۇرىغا قويۇلدى

پىكىردە «5433» تەدبىرىنى قوللىنىپ، چارۋىچىلىقنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئوتتۇرىغا قويۇلدى.

«5» دېھقانچىلىق رايونىنى مۇھىم نۇقتا قىلىپ، بەش چوڭ گۈللەندۈرۈش ھەرىكىتىنى يولغا قويۇشنى كۆرسىتىدۇ

1. قوي گۆشى مەھسۇلاتىنى ئاشۇرۇش ھەرىكىتىنى يولغا قويۇپ، بەش يىلدا پۈتۈن ئاپتونوم رايون بويىچە 8 مىليون قوينى قوتاندىن چىقىرىدىغان ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىنى يېڭىدىن كۆپەيتىش؛

2. سۈتچىلىك كەسپىنى گۈللەندۈرۈش ھەرىكىتىنى يولغا قويۇپ، بەش يىلدا پۈتۈن ئاپتونوم رايون بويىچە ھولىستېين سېغىن كالىسىنىڭ قوتاندا ساقلاش سانىنى 200 مىڭ تۇياق يېڭىدىن كۆپەيتىش، خام ئەشيا سۈت مەھسۇلات مىقدارىنى 1 مىليون توننا يېڭىدىن كۆپەيتىش؛

3. گۆش كالىسى مەھسۇلاتىنى ئاشۇرۇش ھەرىكىتىنى يولغا قويۇپ، بەش يىلدا پۈتۈن ئاپتونوم رايون بويىچە 300 مىڭ تۇياق گۆش كالىسىنى قوتاندىن چىقىرىش ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىنى يېڭىدىن كۆپەيتىش؛

4. تىرىك چوشقا كەسپىنىڭ تىپىنى ئۆزگەرتىش، دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش ھەرىكىتىنى يولغا قويۇپ، بەش يىلدا پۈتۈن ئاپتونوم رايون بويىچە 1 مىليون 500 مىڭ چوشقىنى سىرتقا سېتىش ئىقتىدارىنى يېڭىدىن كۆپەيتىش؛

5. ئۆي قۇشلىرى ۋە خاس كەسىپلەرنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ھەرىكىتىنى يولغا قويۇپ، بەش يىلدا جەنۇبىي شىنجاڭ رايونىدا 100 مىليون گۆش قۇشىنى كاتەكتىن چىقىرىش ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىنى يېڭىدىن كۆپەيتىش، تىيانشاننىڭ شىمالىي ئېتىكىدە 20 مىليون گۆش قۇشىنى قوتاندىن چىقىرىش ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىنى يېڭىدىن كۆپەيتىش، پۈتۈن ئاپتونوم رايون بويىچە 5 مىليون تۇخۇم تۇغىدىغان ئۆي قۇشلىرىنى قوتاندا ساقلاشنى يېڭىدىن كۆپەيتىش؛ جەنۇبىي شىنجاڭدىكى كەپتەر، توشقان، ئېشەك، تۆگە قاتارلىق خاس كەسىپلەرنى مۇستەھكەملەپ ۋە ئۆستۈرۈپ، جەنۇبىي شىنجاڭ چارۋىچىلىقىنىڭ يېڭى ئېشىش نۇقتىسىنى يېتىلدۈرۈش.

«4» تۆت تۈرلۈك ئاساسىي خىزمەتنى ياخشى تۇتۇپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات ئاساسىنى پۇختىلاشنى كۆرسىتىدۇ

1. چارۋا-قۇش ئۇرۇقچىلىقىنى كۈچەيتىش. چارۋا-قۇش ئۇرۇقچىلىقىنى ئۆستۈرۈش پىلانىنى يولغا قويۇپ، شىنجاڭنىڭ خاس چارۋا-قۇش ئىرسىيەت بايلىقىنى قانۇن بويىچە قوغداش كېرەك. بەش يىلدا كالا، قويلارنىڭ يادرولۇق نەسىل مەنبەسى بىلەن ئۆزىنى تەمىنلەش نىسبىتىنى %90تىن ئاشۇرۇپ، چوشقا، ئۆي قۇشلىرىنىڭ ئۆز ئالدىغا نەسىل تەمىنلەش نىسبىتىنى %80تىن ئاشۇرۇپ، ئالاھىدە چارۋا، قۇش ئىرسىيەت بايلىقىنى قوغداش نىسبىتىنى %100كە يەتكۈزۈش كېرەك.

2. يەم-خەشەك كەسپىنى راۋاجلاندۇرۇش. تېرىقچىلىق قۇرۇلمىسىنى تەڭشەشنى تېزلىتىپ، ئەلا سۈپەتلىك ئوت-چۆپ تېرىش كۆلىمىنى كېڭەيتىش كېرەك. بەش يىلدا ئاپتونوم رايون بويىچە ئوت-چۆپ تېرىلغۇ كۆلىمىنى 2 مىليون مو (بۇنىڭ ئىچىدە يېڭىدىن كۆپەيتىلگەن سىلوس قونىقى 1 مىليون 200 مىڭ مو، بېدە 800 مىڭ مو) يېڭىدىن كۆپەيتىش، ئەلا سۈپەتلىك ئوت-چۆپتىن 6 مىليون توننا يېڭىدىن كۆپەيتىش كېرەك.

يۇقىرىدىكىلەر: يەم-خەشەك سانائىتىنى زور كۈچ بىلەن راۋاجلاندۇرۇلۇپ، يەم-خەشەك مەھسۇلاتىنى 1 مىليون توننا يېڭىدىن كۆپەيتىش، ئۆزگەرگەن زىرائەت شاخ-شۇمبىسىنى 1 مىليون توننا يېڭىدىن كۆپەيتىش كېرەك.

3. ھايۋانات يۇقۇمىنىڭ ئالدىنى ئېلىشنى كۈچەيتىش. ھۆكۈمەتنىڭ تەۋەلىك بويىچە باشقۇرۇش مەسئۇلىيىتى، فۇنكسىيەلىك تارماقلارنىڭ نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش مەسئۇلىيىتى، ئىشلەپچىقارغۇچىلار، تىجارەت قىلغۇچىلارنىڭ يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش سۇبيېكتلىق مەسئۇلىيىتىنى قانۇن بويىچە ئەمەلىيلەشتۈرۈش كېرەك. ۋىلايەت، ناھىيە، يېزا، كەنتتىن ئىبارەت تۆت دەرىجىلىك ھايۋانات يۇقۇمىنىڭ ئالدىنى ئېلىش- تىزگىنلەش تورى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، ھايۋانات يۇقۇمىنى كۆزىتىش، سىگنال بېرىش، ئالدىن مەلۇمات بېرىش ئىقتىدارى، ھايۋانات تازىلىقىنى نازارەت قىلىش ئىقتىدارى ۋە تۇيۇقسىز يۈز بەرگەن ھايۋانات يۇقۇمىنى جىددىي بىر تەرەپ قىلىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈش؛ ئاساسىي قاتلام يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئەترىتىنى مۇقىملاشتۇرۇپ، چارۋىچىلىق، مال دوختۇرلۇق ئىجتىمائىيلاشقان مۇلازىمەت ئىسلاھاتىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ھايۋانات يۇقۇمىنىڭ ئۇنىۋېرسال ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈش كېرەك.

4. پەن-تېخنىكا تىرىكىنى كۈچەيتىش. ئىشلەپچىقىرىش، ئوقۇتۇش، تەتقىقاتنى بىرلەشتۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، ئاپتونوم رايوننىڭ چارۋىچىلىق كەسپى تېخنىكا سىستېمىسى، ھەرىكەت جەمئىيىتىنىڭ رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، چارۋىچىلىق تېخنىكىسىنى توپلاش ۋە ئۈلگە كۆرسىتىشنى ئومۇملاشتۇرۇشنى تېزلىتىش كېرەك. چارۋىچىلىق ئىشلەپچىقىرىشىدىكى ئەمەلىي تېخنىكىنى كەنتلەرگە، ئائىلىلەرگە كىرگۈزۈشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، چارۋىچىلىقنى ئۇچۇرلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش كېرەك.

«3» ئۈچ تۈرلۈك تەدبىر قوللىنىپ، چارۋىچىلىقنىڭ كەسىپلىشىش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈش

1. باشلامچى كارخانىلارنى يېتىشتۈرۈش.

2. كەسىپلەر توپى بەرپا قىلىش.

3. داڭلىق ماركا قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش.

«3» ئۈچ مۇھىم نۇقتىنى گەۋدىلەندۈرۈپ، چارۋىچىلىقنىڭ يېشىل تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش

1. چارۋىچىلىقنى ئېكولوگىيەلەشتۈرۈپ راۋاجلاندۇرۇشتا چىڭ تۇرۇش.

2. چارۋا-قۇش تاشلاندۇقلىرىنى بايلىققا ئايلاندۇرۇپ پايدىلىنىشنى ئالغا سىلجىتىش.

3. چارۋا مەھسۇلاتلىرىنىڭ سۈپەت بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش.