شىنجاڭ بازار نازارەت قىلىش-باشقۇرۇش تارماقلىرى كۆپ خىل تەدبىرلەر ئارقىلىق ئازادە، قولاي تىجارەت-سودا مۇھىتى بەرپا قىلىپ، بازار سۇبيېكتىنىڭ ھاياتىي كۈچىنى قوزغاتتى

日期:2020年11月23日
来源:天山网
【字体:

تىيانشان تورى خەۋىرى (مۇخبىر ۋاڭ نا خەۋىرى): شىنجاڭ بازار نازارەت قىلىش-باشقۇرۇش تارماقلىرى تېخىمۇ ئازادە، قولاي بازار ئىجازىتى مۇھىتىنى كۈچەپ بەرپا قىلدى، ئادەتتىكى كارخانلارنىڭ قۇرۇش رەسمىيەتلىرىنى بېجىرىش ۋاقتى بەش خىزمەت كۈنىگە قىسقارتىلىپ، بازار سۇبيېكتىغا يوشۇرۇنغان غايەت زور ھاياتىي كۈچ تولۇق قوزغىتىلدى.

11-ئاينىڭ 19-كۈنى، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسى ئۆتكۈزگەن خەلق تۇرمۇشىغا يېقىنلىشىپ ئاپتونوم رايوننىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش توغرىسىدىكى ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا، ئاپتونوم رايونلۇق نازارەت قىلىش-باشقۇرۇش ئىدارىسى پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى، مۇئاۋىن ئىدارە باشلىقى شۈ شياۋنىڭنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، ئاپتونوم رايونلۇق بازار نازارەت قىلىش-باشقۇرۇش تارماقلىرى قۇرۇلغاندىن كېيىن، شىنجاڭنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا مۇلازىمەت قىلىشنى چۆرىدەپ، كېڭىشىش تۈزۈمى ئىسلاھاتىنى داۋاملىق چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، تۈزۈم خاراكتېرلىك تەننەرخنى ئازايتىپ، تېخىمۇ ئەلا تىجارەت-سودا مۇھىتىنى كۈچەپ بەرپا قىلغان.

تەستىقلاشنى بىر توردا ئەمەلگە ئاشۇرۇش جەھەتتە، ئاپتونوم رايونلۇق نازارەت قىلىش-باشقۇرۇش تارماقلىرى «ئالاقە تورى + بازار نازارەت قىلىش-باشقۇرۇش»نى قوللىنىپ، ئەسلىدىكى بازار سۇبيېكتىنى تىزىملاش، يېمەكلىك ئىشلەپچىقىرىش، يېمەكلىك تىجارىتى، مىقدار ھېسابلاش، تەكشۈرۈش-ئۆلچەش ئاپپاراتلىرى، ئالاھىدە ئۈسكۈنىلەر، سانائەت مەھسۇلاتلىرى ئىشلەپچىقىرىش قاتارلىق سەككىز مەمۇرىي تەستىق سۇپىسىنى بىرلەشتۈرۈپ، يېڭى تەستىقلاش سىستېمىسىنى ئېچىپ، پۈتۈن شىنجاڭدىكى بازار نازارەت قىلىش-باشقۇرۇشتىكى بارلىق مەمۇرىي ئىجازەت ۋە تىزىملاپ رويخەتكە ئېلىش ئىشلىرىنى «بىر توردا ئومۇميۈزلۈك بېجىرىش»نى ئەمەلگە ئاشۇرغان.

ئىشنى بىرلا جايدا بېجىرىش، كۆپ قاترىماسلىقنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش جەھەتتە، سانائەت مەھسۇلاتلىرى، يېمەكلىك، ئالاھىدە ئۈسكۈنىلەر، تەكشۈرۈش-ئۆلچەش قاتارلىق تۈرلۈك مەمۇرىي ئىجازەت كەسىپلىرىنى بىر تارماقتا بېجىرىشكە مەركەزلەشتۈرۈپ، بىر كۆزنەكتە مۇلازىمەت قىلىپ، ئاممىنى ئىش بېجىرىشتە بىرلا جايدا بېجىرىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىدىكەن. شۇنىڭ بىلەن بىللە، ئېلېكتىرونلۇق تىجارەت كىنىشكىسى ھۆكۈمەت ئىشلىرى مۇلازىمىتى قوللىنىش دائىرىسىنى ئۈزلۈكسىز كېڭەيتىپ، «ئېلېكتىرونلۇق گۇۋاھنامە»، «ھۆكۈمەت-بانكا ھەمكارلىقى»، «ھۆكۈمەت-پوچتا ھەمكارلىقى» ئارقىلىق، كارخانىلارنىڭ يېقىن ئەتراپتا كىنىشكە بېجىرىش ۋە ھېسابات ئېچىشىغا قولايلىق يارىتىپ، «گۇۋاھنامە-كىنىشكە»نى ھەقسىز ئەۋەتىپ، مەمۇرىي تەستىقنى «كۆپ قاتراش»تىن «نۆل قاتراش»قا ئۆزگەرتىشنى ئەمەلگە ئاشۇرغان.

ئەرز قىلىشتا بىر نومۇر بىلەنلا ئالاقىلىشىشنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش جەھەتتە، ئاپتونوم رايونلۇق بازار نازارەت قىلىش-باشقۇرۇش ئىدارىسى مەملىكەت بويىچە باشلامچىلىق بىلەن ئەسلىدىكى «سودا-سانائەت 12315»، «سۈپەت-تېخنىكا نازارەتچىلىكى 12365»، «يېمەكلىك-دورا 12331»، «مال باھاسى 12358»، «بىلىم مۈلۈك ھوقۇقى 12330» قاتارلىق بەش تۈرلۈك ئەرز قىلىش-پاش قىلىش قىزىق لىنىيەسى سۇپىسىنى يېڭى «12315 قىزىق لىنىيە سۇپىسى» قىلىپ بىرلەشتۈرۈپ، ئەرز قىلىش-پاش قىلىش قىزىق لىنىيەسىدە «بەش لىنىيەنى بىرلەشتۈرۈش»نى تاماملاپ، ئىستېمالچىلارنىڭ ھوقۇقىنى قوغداشنى قولايلىقلاشتۇرۇش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرگەن.

بۇنىڭدىن باشقا، تەستىقلاشنى تېخىمۇ ئازايتىش، تەرتىپلەرنى تېخىمۇ ئاددىيلاشتۇرۇشنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن، 13 تۈرلۈك سانائەت مەھسۇلاتلىرى ئىشلەپچىقىرىش ئىجازىتى بېجىرىشنى ئەمەلدىن قالدۇرۇپ، 10 تۈرلۈك سانائەت مەھسۇلاتلىرى تەستىقلاش تەرتىپىنى ئاددىيلاشتۇرۇپ، ساقلاپ قالغان ئۆلكە دەرىجىلىك تۆت تۈرلۈك تەستىقلاش مەھسۇلاتىغا «ئاۋۋال ئىجازەتنامە بېرىش، ئاندىن تەكشۈرۈپ تەستىقلاش»نى قوللانغان، ئالاھىدە ئۈسكۈنىلەرنى ئىشلەپچىقىرىدىغان ئورۇنلارغا ئىجازەت بېرىلگەن تارماق تۈر سانىنى 244 تۈردىن 112 تۈرگە ئازايتىپ، بازار نازارەت قىلىش-باشقۇرۇش ساھەسىدىكى 100 تۈردە «گۇۋاھنامە بىلەن كىنىشكىنى ئايرىش» ئىسلاھات ۋەزىپىسىنى تاماملىغان.