توققۇزتارا يەنە ھەر خىل بېلىجانلاردىن 180 مىڭنى قويۇپ بەردى

日期:2020年11月18日
来源:天山网
【字体:

ئىلى دەرياسى بېلىقچىلىق بايلىقىنىڭ ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈردى

تىيانشان تورى خەۋىرى (مۇخبىر يەن لىڭ، ئىختىيارىي مۇخبىر يۈەن يې): بېلىقچىلىق بايلىقىنىڭ ئەسلىگە كېلىشىنى يەنىمۇ تېزلىتىپ، ئىلى دەرياسى ۋادىسىنىڭ بېلىقچىلىق مەھسۇلاتىنى ئاشۇرۇش، ئىلى دەرياسىنىڭ بېلىقچىلىق بايلىقىنىڭ ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىياتىغا كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، 10-ئاينىڭ 29-كۈنى، توققۇزتارا ناھىيەسى جىرغىلاڭ يېزىسىنىڭ ئېكولوگىيەلىك قوغدىلىدىغان سۇ رايونىغا 180 مىڭ بېلىجان قويۇپ بەردى، بۇنىڭ ئىچىدە ئوتخور بېلىق، لاققا بېلىق، كارپ بېلىقى، چىپار سۇختا بېلىق قاتارلىقلار بار.

توققۇزتارا ناھىيەسىنىڭ سۇ بايلىقى مول، سۇ جانلىقلىرىنىڭ تۈرى كۆپ، بېلىقچىلىقنىڭ تەرەققىيات يوشۇرۇن كۈچى زور. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، توققۇزتارا ناھىيەسى سۇ جانلىقلىرىنى كۆپەيتىش، قويۇپ بېرىشنى ئېكولوگىيەلىك سۇنى تىزگىنلەشتىكى مۇھىم ۋاسىتە قىلىپ، سۇ رايونىنىڭ بايلىق ئەۋزەللىكىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، سۇ ساھىلىنىڭ بايلىق ئەۋزەللىكىنى زور كۈچ بىلەن تەرەققىي قىلدۇردى، ھازىر سۇ مەھسۇلاتلىرى باقمىچىلىق كۆلىمى 2700 مودىن ئاشتى.

بۇ قېتىمقى كۆپەيتىش، قويۇپ بېرىش پائالىيىتىگە سۇ مەھسۇلاتلىرى مەخسۇس مەبلىغىدىن 170 مىڭ يۈەن ئاجرىتىلىپ، توققۇزتارا ناھىيەسىنىڭ جىرغىلاڭ دەرياسى بىلەن سۇ ئامبىرى تۇتاشقان جايدىكى ئېكولوگىيەنى قوغداش سۇ رايونىغا 180 مىڭ بېلىجان قويۇپ بېرىلدى.

پائالىيەت مەيدانىدا، ئىلى دەرياسى ۋادىسىنى ئېچىش-قۇرۇش-باشقۇرۇش ئىدارىسى، توققۇزتارا ناھىيەلىك يېزا ئىگىلىكى-يېزا ئىدارىسى، كۈنەس ناھىيەلىك ھۆكۈمەت گۇۋاھلىقى ئورنىنىڭ مۇناسىۋەتلىك خىزمەتچىلىرىدىن بولۇپ 20 نەچچە كىشى بېلىقچىلىق بايلىقىنى كۆپەيتىش، قويۇپ بېرىش پائالىيىتىگە قاتناشتى، ھۆكۈمەت گۇۋاھلىقى ئورنىدىكى خادىملار پۈتۈن مۇساپىلىك ئىز قوغلاپ نازارەت قىلىپ، كۆپەيتىش، قويۇپ بېرىش پائالىيىتىنىڭ ھەقىقىي، ئۈنۈملۈك بولۇشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلدى.

ئىگىلىنىشىچە، بېلىقچىلىقنى كۆپەيتىش، قويۇپ بېرىش پائالىيىتىنى كۆزلىگەن ئۈنۈمگە يەتكۈزۈش ئۈچۈن، يېزا ئىگىلىك ئۇنىۋېرسال قانۇن ئىجرا قىلىش چوڭ ئەترىتى كۆپ خىل تەدبىرلەرنى قوللىنىپ بېلىقچىلىق بايلىقىنى قوغداپ، قويۇپ بېرىلگەن رايوندا بېلىق تۇتۇشنى چەكلەيدىكەن، بېلىق تۇتۇشنى چەكلەش مەزگىلىدىكى ئالاقىدار بەلگىلىمىلەرنى قاتتىق ئىجرا قىلىپ، بېلىقنى توك بىلەن سوقۇش، بېلىقنى پارتلىتىش، بېلىقنى زەھەرلەش قاتارلىق بېلىقچىلىق بايلىقىغا ئېغىر زىيان يەتكۈزىدىغان ۋە سۇ بايلىقىنى بۇلغايدىغان قانۇنغا خىلاپ قىلمىشلارغا قاتتىق زەربە بېرىدىكەن.

توققۇزتارا ناھىيەلىك يېزا ئىگىلىكى-يېزا ئىدارىسى ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى شياۋ فېڭ مۇنداق دېدى: «كۆپەيتىش، قويۇپ بېرىش پائالىيىتىنى يولغا قويۇشتىكى مەقسىتىمىز سۇ رايونى ئېكولوگىيەسىنىڭ تەڭپۇڭلۇقىنى ساقلاشتىن ئىبارەت. كۆپەيتىش، قويۇپ بېرىش ئارقىلىق ئىلى دەرياسىدىكى جانلىقلار تۈرىنىڭ كۆپ خىللىقىنى ساقلاپ، بېلىقچىلىق بايلىقىنىڭ ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرىمىز».