شىنجاڭ نامرات ناھىيەنىڭ ھەممىسىنىڭ قالپىقىنى ئېلىۋېتىشنى ئىشقا ئاشۇردى

日期:2020年11月18日
来源:天山网
【字体:

بۇ 9-ئاينىڭ 20-كۈنى سۈرەتكە تارتىلغان شىنجاڭ خوتەن ۋىلايىتى چىرا ناھىيەسىدىكى سۇ بىلەن تەمىنلەش زاۋۇتىنىڭ سىرتقى كۆرۈنۈشى (ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلاندا تارتىلغان). نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جەريانىدا، چىرا ناھىيەسى سۇنى ياخشىلاپ خەلققە نەپ يەتكۈزۈش قۇرۇلۇشىنى داۋاملىق ئىلگىرى سۈرۈپ، شەھەر، يېزا ئاھالىلىرىنىڭ ئىچىملىك سۇ بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلدى.

شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى خۇ خۇخۇ فوتوسى

شىنخۇا تورى خەۋىرى: 9-ئاينىڭ 20-كۈنى، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ، يەكەن ناھىيەسى قاتارلىق ئەڭ ئاخىرقى نامراتلىقتىن قۇتۇلمىغان 10 ناھىيەنى باھالاش، تەكشۈرۈپ ئېنىقلاش ئارقىلىق نامرات ناھىيەلەرنى چېكىندۈرۈش ئۆلچىمى ۋە شەرتىگە ئۇيغۇن كېلىپ، نامرات ناھىيەلەر قاتارىدىن چېكىندۈردى. بۇنىڭ بىلەن شىنجاڭدىكى 32 نامرات ناھىيەنىڭ ھەممىسىنىڭ قالپىقى ئېلىۋېتىلىپ، مۇتلەق نامراتلىق مەسىلىسى تارىخىي خاراكتېرلىك ھەل قىلىندى.

شىنجاڭ دۆلەت بېكىتكەن مەركەزلىك تۇتاش كەتكەن ئالاھىدە نامرات رايون، بولۇپمۇ جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئۈچ ۋىلايەت بىر ئوبلاست دۆلىتىمىزدىكى ئېغىر نامرات «ئۈچ رايون، ئۈچ ئوبلاست»نىڭ بىرى، نامرات نوپۇس كۆلىمى «ئۈچ رايون، ئۈچ ئوبلاست» نىڭ يېرىمىغا يېقىنلاشقان، بۇنىڭ ئىچىدە قەشقەر، خوتەن ۋىلايىتىدە نامرات نوپۇس ئەڭ كۆپ، تەبىئىي شارائىتى ناچار، ئۇل ئەسلىھەلىرى ئاجىز بولغاچقا، ئىزچىل دۆلىتىمىزنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشىدىكى قىيىنىنىڭ قىيىنى بولۇپ قالغان.

بۇ قېتىم شىنجاڭ ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش قىلغان نامرات ناھىيەلەر قاتارىدىكى 10 ناھىيەنىڭ ھەممىسى جەنۇبىي شىنجاڭ رايونىدا بولۇپ، ئايرىم-ئايرىم ھالدا قەشقەر ۋىلايىتىدىكى يەكەن ناھىيەسى، قاغىلىق ناھىيەسى، پەيزاۋات ناھىيەسى، يېڭىسار ناھىيەسى، خوتەن ۋىلايىتىدىكى قاراقاش ناھىيەسى، گۇما ناھىيەسى، لوپ ناھىيەسى، چىرا ناھىيەسى، كېرىيە ناھىيەسى ۋە قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتونوم ئوبلاستىدىكى ئاقتۇ ناھىيەسى ئىكەن.