شىنجاڭدا تۇتاش تەنلىك بوۋاقنى ئايرىش ئوپېراتسىيەسى مۇۋەپپەقىيەتلىك بولدى

日期:2020年11月18日
来源:天山网
【字体:

تىيانشانتورى خەۋىرى (مۇخبىرىمىز كاڭ خاۋيەن، ئىختىيارىي مۇخبىرگو جىڭجىڭ خەۋىرى): ئەمدىلا تۇغۇلغان ئىككى قىز بوۋاقنىڭ بېشى، پۇت-قولى نورمال، لېكىن كۆكرەك، قورساق قىسىمى تۇتاش بولۇپ، كۆكرەك سۆڭىكى ۋە كىندىك بېغى بىرلا ئىدى. تۇغۇلۇپ ئىككىنچى كۈنى، يەنى 11-ئاينىڭ 13-كۈنى، شىنجاڭ بالىلار دوختۇرخانىسىنىڭ كۆپ پەن مۇتەخەسسىسلىرىنىڭ بىرلىكتە ھەمكارلىشىشى بىلەن، 13 نەپەر داۋالاش خادىمى ئىككى سائەت ئوپېراتسىيە قىلىش ئارقىلىق ئاخىرى بۇ تۇتاش تەنلىك بوۋاقنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئايرىپ چىقتى.

11-ئاينىڭ 13-كۈنى، شىنجاڭ بالىلار دوختۇرخانىسىنىڭ كۆپ پەن مۇتەخەسسىسلىرىنىڭ بىرلىكتە ھەمكارلىشىشى ئارقىسىدا، 13 نەپەر تېببىي خادىم ئىككى سائەت ئوپېراتسىيە قىلىش ئارقىلىق ئاخىرى بۇ تۇتاش تەنلىك بوۋاقنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئايرىپ چىقتى.

11-ئاينىڭ 16-كۈنى، شىنجاڭ بالىلار دوختۇرخانىسىنىڭ بوۋاقلار ئېغىر كېسەللەرنى كۆزىتىش ئۆيىدە، بۇ قوشكېزەك ئاچا-سىڭىللارنىڭ ھاياتلىق ئالامەتلىرى نورمال، ئەسلىگە كېلىش ئەھۋالى ياخشى بولدى. ئۇلارنىڭ ئۇلارنىڭ ئاتا-ئانىسى ئۈرۈمچىدىن بولۇپ، ئۈچ ياشلىق بىر بالىسى بار ئىدى، بۇ ئۇلارنىڭ ئىككىنچى قېتىم بالىلىق بولۇشى. 11-ئاينىڭ 12-كۈنى، بۇ تۇتاش تەنلىك قىز بوۋاقلار 34 ھەپىتىدە مۇددەتتىن بۇرۇن تۇغۇلغان بولۇپ، بەدەن ئېغىرلىقى 4500 گىرام ئىدى. بۇنىڭدىن ئىلگىرى ھامىلدارلىقنى تەكشۈرگەندە، قوشكېزەكلەرنىڭ بەدەن ئورنى توسۇلۇپ قالغانلىقتىن، ئۇنىڭ ئۈستىگە بىر كىندىكنى ئورتاق ئىشلىتىشمۇ نورمال ئەھۋال ھېسابلانغاچقا، پەقەت بالىنىڭ بەدىنى تۇتاش بولۇشى مۇمكىن دەپ گۇمان قىلىنغانىدى، بۇ ياش ئاتا-ئانا پەقەت بالا تۇغۇلغاندىن كېيىنبالىلىرىنىڭ بەدىنىنىڭ تۇتاش ئىكەنلىكىنى بىلىپ، كۆڭلى يېرىم بولغانىدى.

تۇتاش تەنلىك بوۋاقلار مۇرەككەپ ھەم ئاز ئۇچرايدىغان غەيرىي بوۋاقلار بولۇپ، ئۇنىڭ كۆرۈلۈش نىسبىتى تەخمىنەن 50 مىڭ\1دىن 100 مىڭ\1 غىچە بولىدۇ، تۇتاش تەنلىك بوۋاقلارنى ئايرىش ئوپېراتسىيەسى تۇتاش تەنلىك بوۋاقلارنى ئايرىشنىڭ بىردىنبىر ئۇسۇلى. بۇ خىلدىكى ئوپېراتسىيە مۇرەككەپ پەنلەرگە چېتىلىدىغان شۇنداقلا ئىنتايىن زور رىقابەت كۈچىگە ئىگە بولغاچقا، پىشقان داۋالاش ئەترىتى ۋە بىر يۈرۈش ئۈسكۈنىلەر بولمىسا بولمايتتى، شۇ كۈنى قوشكېزەك ئاچا-سىڭىللار شىنجاڭ بالىلار دوختۇرخانىسىغا ئېلىپ بېرىلدى.

«B چاۋ ۋە خېسى قاتارلىقلار ئارقىلىق تەكشۈرۈلگەندىن كېيىن، بۇ تۇتاش تەنلىك بوۋاقلارنىڭ كۆكرەك سۆڭىكى، ئۈستۈنكى قورساق دىۋارىنىڭ تۇتاش ئىكەنلىكى، جىگىرىنىڭ تۇتاش بولۇشى مۇمكىن ئىكەنلىكىنى جەزملەشتۈردۇق، بۇ بىزنىڭ بۇ تۇتاش تەنلىك بوۋاقلارنىڭ كۆكرەك سۆڭىكى، قورساق دىۋارى ۋە جىگىرىنى ئايرىش ئوپېراتسىيەسى قىلىدىغانلىقىمىزدىن دېرەك بېرەتتى، ئىككى بالىنى بىرلا ۋاقىتتا ناركوز قىلىش ئۈچۈن ئىككى ناركوز ماشىنىسى كېتەتتى، بۇ ئەھۋاللارغا بىز ئەزەلدىن ئۇچراپ باقمىغان. ناركوز قىلىشنىڭ ئۆزى بىر قىيىن مەسىلە، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئوپېراتسىيە جەريانىدا يەنە قان چىقىپ كېتىشى مۇمكىن. داۋالاش ئەترىتىدىكى مۇتەخەسسىسلەر كۆپ خىل ئىلمىي مۇھاكىمە ئېلىپ بېرىپ، ئوپېراتسىيەدىن بۇرۇنقى تەييارلىقنى تولۇق ياخشى ئىشلىدۇق» دېدىلى شۈي.

11-ئاينىڭ 13-كۈنى، قوشكېزەك ئاچا-سىڭىللار ئوپېراتسىيە ئۆيىگە ئېلىپ كىرىلدى. ناركوز قىلىش ئەترىتى ئالدى بىلەن ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى بىر بالىنى ناركوز قىلىپ، ئەھۋالى تۇراقلاشقاندىن كېيىن ئاندىن يەنە بىرىنى ناركوز قىلدى، ئارقىدىن، تۇتاش تەنلىك بوۋاقلارنى بىخەتەر دېزىنفېكسىيە قىلىپ، تۇتاش تەنلىك بوۋاقلاردا ئىككىلەمچى يۇقۇملىنىش مەسىلىسى كۆرۈلۈشنىڭ ئالدىنى ئالدى. ئوپېراتسىيە تەرتىپلىك ئېلىپ بېرىلىپ،بوۋاقلارنىڭ جىگىرىنىڭ تۇتاش ئەمەسلىكىنى بايقىغاندا،لى شۈيشۆ ۋە پۈتۈن كوللېكتىپنىڭ يۈرىكى خېلى ئارامىغا چۈشتى. ئارقىدىن، ئوپېراتسىيە ئۆمىكى كۆكرەك سۆڭىكىنى ئايرىش + شەكىل تۈزەش ۋە قورساق دىۋارىنى ياماش ئوپېراتسىيەسى قىلىپ، توپتوغرا ئىككى سائەتتە ئوپېراتسىيەنى پۈتۈنلەي تاماملىدى.

يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقلار ئېغىر كېسەللەرنى كۆزىتىش ئۆيىدە كۆزىتىش ئاپپاراتىدا كۆزىتىلگەنۋە پەرۋىش قىلىنغاندىن كېيىن، قوشكېزەك ئاچا-سىڭىللارنىڭ تۈرلۈك بەدەن ئالامەتلىرى نورمال، روھىي ھالىتى ياخشى بولدى. بىر ئائىلە كىشىلىرى ئاخىرى خاتىرجەم بولۇپ، بالىلىرىنىڭ يەنە بىر قېتىملىق يېڭى ھاياتى ئۈچۈن خۇشال بولدى.

لى شۈي مۇنداق دېدى: نۆۋەتتە بالىلار تاشقى كېسەللىكلەر كوللېكتىپى مېڭە سىرتى، ئادەتتىكى تاشقى كېسەللىكلەر، كۆكرەك سىرتى، ئۆسمە ۋە سۈيدۈك ئاجرىتىش سىستېمىسى قاتارلىق كۆپ تەرەپلىك تاشقى كېسەللىكلەر ئوپېراتسىيەسىنى قانات يايدۇرىدۇ، بۇنىڭدىن كېيىن شىنجاڭ بالىلار تاشقى كېسەللەر مىكرو زەخىم داۋالاش مەركىزىنى نۇقتىلىق بەرپا قىلىپ، شىنجاڭدىكى بالىلارغا بەخت يارىتىدۇ.