2020-يىلىنىڭ ئالدىنقى 10 ئېيىدا شىنجاڭغا كىرىپ-چىققان خەلقئارا پوچتا يوللانمىسى 7 مىليون 500 مىڭدىن ئاشتى

日期:2020年11月18日
来源:天山网
【字体:

ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى خەۋىرى: (مۇخبىر لى نىڭيەن خەۋىرى): دائىملاشقان يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش تەدبىرلىرىنى ياخشى ئىشلەش ئالدىنقى شەرتى ئاستىدا، 2020-يىلىنىڭ ئالدىنقى 10 ئېيىدا، ئۈرۈمچى چېگرادىن كىرىدىغان-چىقىرىلىدىغان پوچتا يوللانمىلىرىنى بىر تەرەپ قىلىش مەركىزى (ئۈرۈمچى خەلقئارا پوچتا يوللانمىلىرىنى ئۆزئارا ئالماشتۇرۇش ئىدارىسى) جەمئىي 7 مىليون 527 مىڭ 500 پارچە خەلقئارا پوچتا يوللانمىسىنى بىر تەرەپ قىلغان بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %49.6ئاشقان، پۈتۈن شىنجاڭ بويىچە خەلقئارا پوچتا يوللانمىلىرىنىڭ %99ى ئۈرۈمچىنىڭ نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشى ئارقىلىق تەكشۈرۈپ ئۆتكۈزۈۋېلىنغان.

مۇخبىرنىڭ 11-ئاينىڭ 15-كۈنى،ئۈرۈمچى پوچتا ئىدارىسى تاموژنىسىدىن ئىگىلىشىچە، بۇ يىلنىڭ ئالدىنقى 10 ئېيىدا، بۇ تاموژنا جەمئىي 7 مىليون 390 مىڭ 200 پارچە خەلقئارا پوچتا يوللانمىسىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرغان، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %55.5ئېشىپ، چېگرادىن كىرگەن خەلقئارا پوچتا يوللانمىسى 137 مىڭ 300گە يەتكەن.

خەلقئارا پوچتا يوللانمىسى ئادەتتىكى پوچتا يوللانمىسى (خەت-ئالاقە ۋە پوسۇلكىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ)، خەلقئارا ئالاھىدە تېز يوللانمىلار، خەلقئارا كىچىك پوسۇلكا ياكى پوچتا تۈرىدىكى ئېلېكتىرونلۇق سودا پوسۇلكىسىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ئۈرۈمچىنىڭ خەلقئارا پوچتا يوللانمىلىرىنى بىر تەرەپ قىلىش مىقدارى 2013-يىلىدىكى 553 مىڭ 900 پارچىدىن 2019-يىلىدىكى 6 مىليون 855 مىڭ پارچىغا كۆپىيىپ، يەتتە يىلدا 10 ھەسسىدىن ئارتۇق ئاشتى. ھەر يىلى ئۈرۈمچى پوچتا ئىدارىسى تاموژنىسى نازارەت قىلىپ باشقۇرىدىغان خەلقئارا پوچتا يوللانمىلىرى پۈتۈن شىنجاڭ ئومۇمىي مىقدارىنىڭ %99ىنى ئىگىلەيدۇ، باشقا خەلقئارا پوچتا يوللانمىلىرى ئىلى ئوبلاستىغا يەتكۈزۈلىدۇ.

ئۈرۈمچى شەھەرلىك پوچتا ئىدارىسى تاموژنا تەكشۈرۈش بۆلۈمىنىڭ مەسئۇلى ياڭ يىگاڭنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە،يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، چېگرا ئىچى-سىرتىدىكى ئالاقە تورىدا مال سېتىۋېلىش يوللىرىنىڭ ئۈزلۈكسىز بېيىشىغا ئەگىشىپ، چەت ئەلدىن كەلگەن شەخسىي پوچتا ئارقىلىق يەتكۈزۈلىدىغان بۇيۇملار بارغانسېرى كۆپەيگەن، شەخسىي ئىمپورت قىلىنغان پوچتا ئارقىلىق يەتكۈزۈلىدىغان بۇيۇملار ئاساسلىقى شياڭگاڭ، ئاۋمېن، تەيۋەن، ياپونىيە، كورېيە، ياۋروپا ئىتتىپاقى، ئاۋسترالىيە قاتارلىق دۆلەت ۋە رايونلاردىن ئەۋەتىلىدىغان سۈت پاراشوكى، ساغلاملىق بۇيۇملىرى، گىرىم بۇيۇملىرى، كىيىم-كېچەكلەرنى ئاساس قىلغان، ئېكسپورت قىلىنىدىغان پوچتا يوللانمىلىرى ئاساسلىقى رۇسىيە، قازاقىستان قاتارلىق دۆلەتلەرگە ئەۋەتىلىدىغان ئېلېكتىرونلۇق سودا پوسۇلكىلىرىنى ئاساس قىلغان.

ئۈرۈمچى پوچتا ئىدارىسى تاموژنىسى شۇنى ئەسكەرتىدۇكى، چېگرادىن كىرگۈزۈلىدىغان-چىقىرىلىدىغان شەخسىي پوچتا ئارقىلىق يەتكۈزۈلىدىغان بۇيۇملىرى مۇۋاپىق مىقدار بىلەن چەكلىنىدۇ. مۇناسىۋەتلىك بەلگىلىمىلەرگە ئاساسەن، شەخسلەر شياڭگاڭ، ئاۋمېن، تەيۋەن رايونلىرىغا ئەۋەتكەن پوچتا يوللانمىلىرىنىڭ ھەر قېتىملىق چەك قىممىتى 800 يۈەن خەلق پۇلى بولىدۇ؛ باشقا خەلقئارا ۋە رايونلارغا ئەۋەتىلىدىغان بۇيۇملار ھەر قېتىملىق چەك قىممىتى 1000 يۈەن خەلق پۇلى بولىدۇ.چەكتىن ئېشىپ كەتسە قايتۇرۇپ توشۇش رەسمىيىتىنى بېجىرىش ياكى مال بەلگىلىمىسى بويىچە تاموژنىدىن ئۆتكۈزۈش رەسمىيىتىنى بېجىرىشى كېرەك. لېكىن پوچتا يوللانمىلىرىنىڭ ئىچىدە پەقەت بىرلا بۇيۇم بولۇپ، ئۇنى ئايرىۋەتكىلى بولمايدۇ، گەرچە بەلگىلەنگەن چەكتىن ئېشىپ كەتكەن بولسىمۇ، تاموژنا تەكشۈرۈشى ئارقىلىق ھەقىقەتەن شەخسلەر ئۆزى ئىشلىتىدىغان بولسا، شەخسىي بۇيۇملارنىڭ بەلگىلىمىسى بويىچە تاموژنىدىن ئۆتكۈزۈش رەسمىيىتى بېجىرىلسە بولىدۇ.

شەخسلەر چېگرادىن كىرگۈزۈلىدىغان بۇيۇملارنى پوچتا ئارقىلىق ئەۋەتسە، تاموژنا قانۇن بويىچە ئىمپورت بېجى ئالىدۇ، لېكىن ئېلىشقا تېگىشلىك ئىمپورت بېجى سوممىسى خەلق پۇلى ھېسابىدا 50 يۈەن (50 يۈەننىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ) دىن تۆۋەن بولسا، تاموژنا ئورگىنى كەچۈرۈم قىلىدۇ.