خېجىڭ ناھىيەسى: دېھقانلارنى تەربىيەلەش كۇرسىغا يۇقىرى پەن-تېخنىكا دەرسلىكى كىرگۈزۈلدى

日期:2020年11月17日
来源:天山网
【字体:

تىيانشان تورى خەۋىرى (تەكلىپلىك مۇخبىر ۋېي يۈەن، ئىختىيارىي مۇخبىر ۋاڭ يۈرۇڭ): 11-ئاينىڭ 11-كۈنى، خېجىڭ ناھىيەلىك يېزا ئىگىلىك-يېزا ئىدارىسى خارمۇدۇن بازىرىدا يېڭى بىر قارارلىق دېھقانلارنى تەربىيەلەش كۇرسى ئاچتى. ئالدىنقى قارارلىق تەربىيەلەشكە ئوخشىمايدىغىنى، بۇ قېتىمقى تەربىيەلەشتە نۇرغۇن «پەن-تېخنىكا تەركىبى» كۆپەيتىلدى.

بۇ قېتىم خېجىڭ ناھىيەسى خارمۇدۇن بازىرى، بارۇن خارمۇدۇن بازىرى، خېجىڭ بازىرى، ئۇلاستاي دېھقانچىلىق مەيدانى قاتارلىق يېزا-بازار، دېھقانچىلىق مەيدانلىرىدا يېرىم ئايلىق دېھقانلار تەربىيەلەش كۇرسلىرىنى قانات يايدۇرۇشنى پىلانلىدى. تەربىيەلەشتە داجياڭ ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلان لېكتورلىرى ئۆسۈملۈك ئاسراش ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلانلىرىنىڭ ئۆلچەملىك مەشغۇلات قىلىش ۋە ئاسراش بىلىملىرى توغرىسىدا چۈشەنچە بېرىشكە تەكلىپ قىلىنىدۇ. دەرس ئۆتىدىغان ئوقۇتقۇچىلار يەنە ھەرقايسى يېزا-بازارلارنىڭ يېزا ئىگىلىك تېرىقچىلىق ئالاھىدىلىكىگە ئاساسەن، ئېتىز-ئېرىقلارغا بېرىپ، زىرائەت تېرىقچىلىقى تېخنىكىسى ۋە كېسەللىك، ھاشارات زىيىنىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تۈگىتىش تېخنىكىسىنى چۈشەندۈرىدۇ. ھەرقايسى يېزا-بازارلاردىكى دېھقانلار «يۇقىرى ساپالىق دېھقانلار ئۇچۇر باغچىسى بويىچە تەربىيەلەش» APPسىنى ئۆگىنىش، ئىشلىتىش ئارقىلىق تېرىقچىلىق تېخنىكىسىنى ئۆگىنىدۇ ۋە پىكىر ئالماشتۇرىدۇ.

بۇ قېتىمقى تەربىيەلەشنىڭ مەقسىتى دېھقانلارغا زامانىۋى پەن-تېخنىكىنىڭ يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىشىدا قوللىنىلىشىنى بىلدۈرۈش، پەن-تېخنىكا ئارقىلىق تەرەققىياتنى كۆزلەش، تېخنىكا ئارقىلىق يۇقىرى ئۈنۈمنى قولغا كەلتۈرۈشنى بىلىش، ئىلمىي پەرۋىشنى ئىشقا ئاشۇرۇش، يېزا ئىگىلىكىنى زامانىۋىلاشتۇرۇش تەرەققىياتى ئۈچۈن ئاساس سېلىشتىن ئىبارەت.