غۇلجا شەھىرىدە كۈزگى بۇغداي تېرىقچىلىقى ئومۇميۈزلۈك تاماملاندى

日期:2020年11月17日
来源:天山网
【字体:

تىيانشان تورى خەۋىرى (ئىختىيارىي مۇخبىر ما يۈ): 11-ئاينىڭ 10-كۈنى، غۇلجا شەھەرلىك يېزا ئىگىلىك تېخنىكىسىنى كېڭەيتىش پونكىتىنىڭ تېخنىكلىرى پەنجىم بازىرىغا كېلىپ، كۈزگى بۇغداي تېرىقچىلىقى ئەھۋالىنى تەكشۈردى. ئىگىلىنىشىچە، غۇلجا شەھىرىدىكى ھەرقايسى يېزا-بازارلاردا كۈزلۈك تېرىلغۇ خىزمىتى ئارقا-ئارقىدىن ئاخىرلاشقان، پۈتۈن شەھەردە تېرىلغان كۈزگى بۇغداي 43 مىڭ 527.5 مو بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن 3527.5 مو كۆپىيىپ، كۈزگى بۇغداي تېرىلغۇ ۋەزىپىسى نورمىدىن ئاشۇرۇپ ئورۇندالغان.

غۇلجا شەھەرلىك يېزا ئىگىلىك تېخنىكىسىنى كېڭەيتىش پونكىتىنىڭ تېخنىكى چېن دۇڭمىڭ مۇنداق دېدى: نەق مەيداندا تەكشۈرۈش ئارقىلىق، ئالدىنقى مەزگىلدە تېرىلغان كۈزگى بۇغداينىڭ مايسىسى بىر قەدەر تەكشى، ياخشى ئۆسكەن.

ئىگىلىنىشىچە، بۇ يىل كۈزلۈك تېرىلغۇ مەزگىلىدە، ئىلى دەريا ۋادىسىنىڭ ئوتتۇرىچە تېمپېراتۇرىسى يۇقىرىراق بولۇپ، كۈزگى بۇغداي تېرىشقا، مايسا چىقىرىشقا پايدىلىق ئىكەن. غۇلجا شەھىرىنىڭ ھەر قايسى يېزا-بازارلىرىدىكى دېھقانلار ۋاقىتنى چىڭ تۇتۇپ، تېرىقچىلىق سۈرئىتىنى تېزلەتكەن، ھازىر پۈتۈن شەھەرنىڭ كۈزلۈك تېرىلغۇ خىزمىتى ئاساسىي جەھەتتىن ئاخىرلاشقان.

بۇ يىللىق كۈزلۈك تېرىلغۇ خىزمىتىدە، غۇلجا شەھىرى بالدۇر ئورۇنلاشتۇرۇپ، بالدۇر تەقسىملەپ، بالدۇر ھەرىكەتكە كېلىپ، ئۇرۇق ئۆتكىلىنى چىڭ تۇتۇپ، سۈپەتلىك ئۇرۇق تىكىشنى ياخشى ئىشلىدى. يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرى تارماقلىرى كۈزلۈك تېرىلغۇ يېزا ئىگىلىك ماشىنا-سايمانلىرىنىڭ تەييارلىق خىزمىتىنى مۇددەتتىن بۇرۇن ياخشى ئىشلەپ، كۈزلۈك تېرىلغۇ نىسبىتىنى %100كە يەتكۈزۈپ، كۈزلۈك تېرىلغۇ خىزمىتىنىڭ تېز، ئوڭۇشلۇق، ئۆلچەملىك ئىشلىنىشىگە كاپالەتلىك قىلدى. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، يېزا-بازارلار يەنە مەھەللىۋى ئوغۇتنى توشۇش ۋە تېرىشتىن بۇرۇنقى سۇغىرىش خىزمىتىنى ئالدىن تەشكىللەپ ياخشى ئىشلىدى. يېزا ئىگىلىك تېخنىكلىرى كۈزلۈك تېرىلغۇ مەزگىلىدە، دېھقانلارنىڭ كۈزلۈك تېرىلغۇ سۈپىتىنى باشقۇرۇش ۋە تېخنىكىلىق ئىز قوغلاپ مۇلازىمەت قىلىشىغا ياردەم بېرىپ، كۈزگى بۇغداي تېرىلغۇ سۈپىتىنىڭ ئۆلچەمگە يېتىشىگە كاپالەتلىك قىلدى.