كۈنەس ناھىيەسىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇش ئۆيى قۇرۇلۇشى ئومۇميۈزلۈك باشلاندى

日期:2020年10月20日
来源:天山网
【字体:

تىيانشان تورى خەۋىرى(ئىختىيارىي مۇخبىر لى چۇنپىڭ): بۇ يىل، شىنجاڭ ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستى كۈنەس ناھىيەسىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇش ئۆيى قۇرۇلۇشى تۈرىنىڭ بىرىنچى قارارلىق پىلاندىكى كۆلىمى 95.85 مو، ئومۇمىي قۇرۇلۇش كۆلىمى 90 مىڭ369.83 كىۋادرات مېتىر بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە سودا خاراكتېرلىك ئىمارەت 25 مىڭ137.34 كىۋادرات مېتىر، تۇرالغۇ ئۆي 65232.49 كىۋادرات مېتىر. نۆۋەتتە، بۇ تۈردە ئومۇميۈزلۈك قۇرۇلۇش باشلاندى.

قۇرۇلۇش ئورنىدا، ئىشچىلار قۇرۇلۇش قىلىش بىلەن ئالدىراش ئىدى. مەسئۇل خادىم تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: «قۇرۇلۇش باشلانغان يېرىم ئايدىن بۇيان، قۇرۇلۇش ئوڭۇشلۇق ئېلىپ بېرىلىۋاتىدۇ، بۇ يىل ئىچىدە يەر ئاستى بۆلىكىنىڭ قۇرۇلۇشنى تاماملاش مۆلچەرلەندى».

ئىلى يىڭخۇا تۈر باشقۇرۇش چەكلىك شىركىتىنىڭ باش نازارەتچى ۋەكىلى شىن خۇڭجۈن مۇنداق دېدى: «كۈنەس ناھىيەسىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇش ئۆيى قۇرۇلۇشى تۈرىدە 9-ئاينىڭ 25-كۈنى رەسمىي ئۇل ئورىكىنى قېزىش باشلانغان. بۇ يىللىق پىلان ئۇل قۇرۇلۇشنى تاماملاش، قۇرۇلۇش 2021-يىل 7-ئاينىڭ 30-كۈنى پۈتىدۇ، پۈتكەندىن كېيىنكى ئومۇمىي قۇرۇلۇش كۆلىمى 97 مىڭ كىۋادرات مېتىر، سودا بىناسى ئۈچ كورپۇس، تۇرالغۇ بىنا 17 كورپۇس، جەمئىي 1627 ئائىلىلىك بولىدۇ».

كارخانىلارنىڭ ئادەم ئىشلىتىش مۇقىملىقىغا كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، كۈنەس ناھىيەلىك پارتىيە كومىتېتى ۋە ھۆكۈمەت شۇ جايدىكى ئارتۇق ئەمگەك كۈچلىرىنى پائال ماسلاشتۇردى، تۈر قۇرۇلۇشىدا ئادەم ئىشلىتىشتە باشقۇرغۇچى خادىملارنى ئىچكى قىسمىدا تەڭشىگەندىن سىرت، قالغان ئىشچىلارنىڭ بىر قىسمىنى شۇ جايدىكى ئاھالىلەر ئىچىدىن، بىر قىسمىنى ناھىيە سىرتىدىن قوبۇل قىلىپ، مەھەللىدىكى بىكار يۈرگەن ئەمگەك كۈچلىرىنى ئازايتىپ، پۈتۈن ناھىيەدىكى ئىشسىزلارنىڭ قايتا ئىشقا ئورۇنلىشىش نىسبىتىنى ئاشۇردى.

ئىگىلىنىشىچە، 1-قارارلىق قۇرۇلۇش پۈتكەندىن كېيىن، 2-قارارلىق قۇرۇلۇش ئېلىپ بېرىلىدىكەن، 2-قارارلىق پىلان 75.77 مو بولۇپ،قۇرۇلۇش ئومۇمىي كۆلىمى 71 مىڭ540.56 كىۋادرات مېتىر كېلىدىكەن، جەمئىي 15 كورپۇس تۇرالغۇ بىنا، 624 ئائىلىلىك بار ئىكەن.