ئۇچتۇرپان ناھىيەسىنىڭ خاس مەھسۇلاتلىرى 103-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك شېكەر-ھاراق تاۋارلىرى يەرمەنكىسىدە كۆرگەزمە قىلىندى

日期:2020年10月19日
来源:天山网
【字体:

تىيانشان تورى خەۋىرى(مۇخبىر لۈ نا، ئىختىيارىي مۇخبىر شېن جۈن): 10-ئاينىڭ 13-كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، 103-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك شېكەر-ھاراق تاۋارلىرى يەرمەنكىسى شەندۇڭ خەلقئارا كۆرگەزمە مەركىزىدە باشلاندى. جۇڭلياڭ شېكەرچىلىكىنىڭ نامراتلارنى يۆلەش، دېھقانلارغا ياردەم بېرىش مەخسۇس رايونىدا، ئۇچتۇرپان ناھىيەسىدىن ئېلىپ كېلىنگەن ياڭاق، نوقۇت، ئۈزۈم، قارا مور قاتارلىق ئىنچىكە پىششىقلانغان خاس مەھسۇلاتلار يەرمەنكىدە نامايان قىلىندى.

ئىگىلىنىشىچە، مەملىكەتلىك شېكەر-ھاراق تاۋارلىرى يەرمەنكىسى 1955-يىلى ئۆتكۈزۈلۈشكە باشلانغان بولۇپ، ئېلىمىزدىكى تارىخى ئەڭ ئۇزۇن چوڭ تىپتىكى كەسپىي يەرمەنكىلەرنىڭ بىرى، ھەر يىلى ئەتىياز ۋە كۈزدە ئىككى نۆۋەت ئۆتكۈزۈلىدۇ. بۇ نۆۋەتلىك يەرمەنكىنىڭ ۋاقتى ئۈچ كۈن بولۇپ، توردا ۋە تور سىرتىدا بىرلەشتۈرۈش ئۇسۇلى قوللىنىلدى، يەرمەنكىنىڭ ئومۇمىي كۆلىمى 110 مىڭ كىۋادرات مېتىر بولۇپ، ئەنئەنىۋى ھاراق تۈرلىرى، ئۈزۈم ھارىقى ۋە خەلقئارادىكى كۈچلۈك ھاراق، يېمەكلىك ۋە ئىچىملىك، تەم تەڭشىگۈچ ۋە يېمەكلىك ماشىنىلىرى، يېمەكلىك ئورالمىسى ۋە شەندۇڭ يەرمەنكە رايونىدىن ئىبارەت يەتتە چوڭ يەرمەنكە رايونى تەسىس قىلىندى، 2500 ھاراق كارخانىسى 30 مىڭ خىلدىن ئارتۇق مەھسۇلاتنى يەرمەنكىىگە قاتناشتۇردى.

ئۇچتۇرپان يەرمەنكە رايونىدا، سەرخىل مىللىي ناخشا-ئۇسسۇللار يەرمەنكىگە قاتناشقان نۇرغۇن كىشىنى جەلپ قىلدى، كۆپچىلىك بەس-بەستە يان تېلېفونىنى ئېلىپ سۈرەتكە تارتتى. يەرمەنكە رايونىغا كىرگەندە، بىر يانغاتىزىپ قويۇلغان ياڭاق، ئۈزۈملەر نۇرغۇن خېرىدارنى جەلپ قىلدى. «بۇ ئۈزۈملەر ئۇچتۇرپان ناھىيەسىدىن ئېلىپ كېلىنگەن، سانائەتتىن بۇلغانمىغان، ھەممىسى يېشىل، ئورگانىك ئۇسۇلدا تېرىلغان، كۆپچىلىكنىڭ تېتىپ بېقىشىنى قارشى ئالىمىز» دېدى ئۇچتۇرپان ناھىيەسى شىنشىيۈەن ئۈزۈم ھاراقچىلىقى چەكلىك شىركىتىنىڭ باش مۇدىرى لى سۇڭيىڭ.

بۇ نۆۋەتلىك سودا يەرمەنكىسىگە، ئاقسۇ جىنشاۋ مېۋىچىلىك چەكلىك شىركىتى ئىنچىكە پىششىقلانغان يەتتە خىل ياڭاق مەھسۇلاتىنى قاتناشتۇردى، ھەسەل تەملىك، خەيتەي تەملىك قاتارلىق ھەر خىل تەملىك ياڭاق مېغىزى تېتىپ بېقىشقا كەلگەن سودىگەرلەرگە تېتىپ قالدى. شەندۇڭلۇق سودىگەر تاۋ دېچياڭ مۇنداق دېدى: «ياڭاق مېغىزى ئېسىل ئورالغان، يەتتە خىل تەملىك مەھسۇلاتنىڭ تەمى ئىنتايىن ياخشى بولۇپ، بازار ئىستىقبالى پارلاق. پۇرسەت بولسا ئۇچتۇرپانغا بېرىپ كۆرۈپ، ھەمكارلىشىش ئارقىلىق ياخشى مەھسۇلاتلارنى تېخىمۇ ياخشى سېتىشىنى خالايمەن».

«بۇ يەرمەنكە بىر چوڭ سەھنە، بۇ قېتىم يەرمەنكىدە ئۆزىمىزنىڭ ئەۋزەللىكىنىمۇ، يېتەرسىزلىكلىرىنىمۇ ھېس قىلدۇق، بۇ كارخانىنىڭ بۇنىڭدىن كېيىنكى ئىشلەپچىقىرىش، سېتىش ئىشلىرىمىزغا زور ياردىمى بولىدۇ. ھازىر بۇ پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ، ھەرقايسى زاكاز تالونلارنى پائال ئۇدۇللاشتۇرۇپ، ئۇچتۇرپاننىڭ خاس ياخشى مەھسۇلاتلىرىنى سىرتقا يۈزلەندۈرۈپ، تېخىمۇ كۆپ كىشىنى تېتىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىمىز».