شىنجاڭدا بۇغداينىڭ ئەڭ يۇقىرى بىرلىك مەھسۇلاتىدا ئۇدا ئۈچ يىل يېڭى رېكورت يارىتىلدى

日期:2020年10月19日
来源:天山网
【字体:

شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى(مۇخبىرىمىز ليۇ يى): مۇخبىرنىڭ ئاپتونوم رايونلۇق يېزا ئىگىلىكى-يېزا نازارىتىدىن ئىگىلىشىچە، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، شىنجاڭنىڭ بۇغداي ئۇنىۋېرسال ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارى ئۈزلۈكسىز ئاشقان، جەنۇبىي، شىمالىي شىنجاڭدىكى كۈزگى بۇغداينىڭ ئەڭ يۇقىرى بىرلىك مەھسۇلاتىدا ئۇدا ئۈچ يىل يېڭى رېكورت يارىتىلغان بولۇپ، ئەڭ يۇقىرى مو بېشى ھوسۇلى 832 كىلوگىرامغا يېتىپ، مەملىكەت بويىچە ئالدىنقى سەۋىيەگە يەتكەن.

يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئاپتونوم رايونىمىز ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىشنى يەرگە باغلاش، ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىشنى تېخنىكىغا باغلاش ئىستراتېگىيەسىنى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يۇقىرى ئۆلچەملىك ئېتىز ـ ئېرىق، سۇ تېجەپ سۇغىرىش، پەن-تېخنىكىنى ئومۇملاشتۇرۇش قاتارلىق تۈرلەرنىڭ مۇھىم نۇقتىسىنى ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىش رايونلىرىغا مايىللاشتۇرۇشقا پائال ئىلگىرى سۈرۈپ، ئەلا سۈپەتلىك بۇغداي ئىشلەپچىقىرىش بازىسى قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىپ، بۇغداي، بولۇپمۇ كۈزگى بۇغداي ئىشلەپچىقىرىشىنى مۇقىملاشتۇرۇپ، ئاشلىق ئۇنىۋېرسال ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىنى پۇختا قەدەم بىلەن ئۆستۈرۈپ، ئاشلىق بىلەن تەمىنلەشنىڭ يېتەرلىك، ئېشىنچا بولۇشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىپ، ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىنىڭ ئىمكانىيەتلىك سىجىل ئېشىشىنى ئىشقا ئاشۇردى.

بۇ جەرياندا، ئاپتونوم رايون زامانىۋى تېرىقچىلىقنى تېز راۋاجلاندۇرۇپ، سورت يېتىشتۈرۈشتە يېڭىلىق يارىتىش ئىقتىدارىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈردى، ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىشىنىڭ ئەلا سورت بىلەن قاپلىنىش نىسبىتى %99تىن ئاشتى، جەنۇبىي شىنجاڭدا «ئاشلىقنى ئۇرۇقنىڭ ئورنىغا دەسسىتىش»نىڭ يۈز بېرىش نىسبىتى %1 تۆۋەنلىدى، يېڭى سورت بۇغداينىڭ بىرلىك مەھسۇلات سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈشنى مۇھىم تىرەككە ئىگە قىلدى. شۇنىڭ بىلەن بىللە، يېزا ئىگىلىكى-يېزا تارماقلىرى پەن-تېخنىكا مۇلازىمىتى بويىچە يېتەكچىلىك قىلىشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، سۈپەتلىك ئۇرۇققا ياخشى ئۇسۇلنى يانداشتۇرۇشقا ئەھمىيەت بېرىپ، بىر تۈركۈم ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىشتا ئاساسلىق ئىلگىرى سۈرىدىغان تېخنىكىلارنى تاللاپ، تۈجۈپىلەپ تېرىش، سۇ بىلەن ئوغۇتنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈش قاتارلىق زامانىۋى تېرىقچىلىق، باشقۇرۇش تېخنىكىلىرىنى توپلاشتۇرۇپ كېڭەيتىپ، ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىشىدا سۈپەتنى ئۆستۈرۈپ، ئۈنۈمنى ئاشۇرۇشنى ئىشقا ئاشۇردى.

بۇ يىل، يۇقۇم ئەھۋالىنىڭ پايدىسىز تەسىرىگە تاقابىل تۇرۇپ، ئاشلىق بىخەتەرلىكى تۆۋەن چېكىنى يەنىمۇ مۇستەھكەملەش ئۈچۈن، ئاپتونوم رايون بويىچە كۈزگى بۇغداي ئىشلەپچىقىرىشنىڭ چەكلەش خاراكتېرلىك نىشان پىلانى بۇلتۇرقىدىن 1 مىليون 660 مىڭ مو كۆپەيتىلىپ، بۇغداي تېرىش كۆلىمىنىڭ ئازايماسلىقى، مەھسۇلات مىقدارىنىڭ تۆۋەنلىمەسلىكىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىنىپ، كېلەر يىلى ئاشلىقتىن مول ھوسۇل ئېلىش ئاساسى پۇختىلاندى. ھازىرغا قەدەر، پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ كۈزلۈك تېرىش خىزمىتى تەرتىپلىك ئالغا سىلجىتىلدى، كۈزگى بۇغداي تېرىش كۆلىمى 8 مىليون 700 مىڭ مودىن ئاشتى، جەنۇبىي، شىمالىي شىنجاڭدا كۈزگى بۇغداي تېرىش مەزگىلى ئوتتۇرا ھېساب بىلەن ئۈچ كۈندىن بەش كۈنگىچە ئالدىغا سۈرۈلدى، تېرىش سۈرئىتى بۇلتۇرقىدىن كۆرۈنەرلىك تېز بولدى.