چارۋىچىلار پايچىكقا ئايلاندى، نامرات ئائىلىلەرنىڭ ھەممىسىگە پايدا تەقسىملەپ بېرىلدى

日期:2020年10月19日
来源:天山网
【字体:

تىيانشان تورى خەۋىرى(مۇخبىرلار يۈ جياڭيەن، دوۋ شىڭجۈن، ئىختىيارىي مۇخبىرلىرىمىز سانات داكەن، بۇرلەن فوتوسى، خەۋىرى):10-ئاينىڭ 17-كۈنى، مورى قازاق ئاپتونوم ناھىيەسى بوستان يېزىسى يىرقاباق كەنتىدە، ئوت-چۆپ كەسپىي ھەمكارلىق كوپىراتىپىدا بېقىلىۋاتقان 190 كالا ئارقا-ئارقىدىن قوتاندىن چىقىپ، كەڭ كەتكەن دالىدا ئاپتاپقا قاقلاندى.

10-ئاينىڭ 17-كۈنى، مورى قازاق ئاپتونوم ناھىيەسى بوستان يېزىسى يىرقاباق كەنتىدە، قاسيەت مىرزابەك كالىلارغا يەم-خەشەك بەرمەكتە.

«بۇ يىل كالىنىڭ باھاسى يامان ئەمەس، تەقسىملىنىدىغان پايدىنىڭمۇ ياخشى بولىدىغانلىقىنى مۆلچەرلەۋاتىمىز» دېدى كەنت ئاھالىسى قاسيەت مىرزابەك.

قاسيەت مىرزابەك ئىلگىرى بىر ئائىلە ئايالى بولۇپ، ئېرى كالا-قوي باقاتتى، ھازىر، قاسيەت مىرزابەك بوستان يېزىسىنىڭ نامراتلارنى يۆلەش سېخىدا تىككۈچىلىك خىزمىتى بىلەن شۇغۇللىنىۋاتىدۇ، ئېرى شەرقىي جۇڭغار تەرەققىيات رايونى شىنجاڭ يىخۇا چەكلىك شىركىتىدە ئىشلەۋاتىدۇ، بىر ئائىلە كىشىلىرى مائاشىغا تايىنىپ تۇرمۇش كەچۈرۈۋاتقان بولۇپ، ھەر يىلى يەنە كەنتتىكى ھەمكارلىق كوپىراتىپىنىڭ ئۇلارغا تەقسىملىگەن پايدىسىغا ئېرىشەلەيدۇ، ھازىر ئۇلارنىڭ تۇرمۇشى بارغانسېرى ياخشى بولۇپكەتتى.

مۇخبىرنىڭ يىرقاباق كەنتى ئاھالە كومىتېتىدىن ئىگىلىشىچە، يېقىنقى بىرنەچچە يىلدىن بۇيان، كوپىراتىپنىڭ تەقسىملىگەن پايدا نىسبىتى %12نى ساقلىغان، بۇلتۇر پۈتۈن كەنتتىكى 171 ئارخىپ تۇرغۇزۇلۇپ كارتا بېجىرىلگەن نامرات ئائىلىگە ئوتتۇرا ھېساب بىلەن 1500 يۈەندىن پايدا تەقسىملەنگەن.

يىرقاباق كەنتىدە 271 ئائىلىلىك كەنت ئاھالىسى بار بولۇپ، 626 مىڭ مو ئوتلاق، 2400 مو تېرىلغۇ يەر، 1327 مو ئورمان بار. بۇ يەر ئۈنۈمسىز يەر بولغاچقا، كەنت ئاھالىلىرى پەقەت كۆلىمى چەكلىك بولغان يايلاققا تايىنىپ قوي-كالا باقاتتى.

بۇ خىل ئەھۋالنى ئۆزگەرتىش ئۈچۈن، 2014-يىلى يىرقاباق كەنتى چارۋىچىلارنى مەركەزلىك باقمىچىلىقنى تەرەققىي قىلدۇرۇشقا يېتەكلەپ، ئەمگەك كۈچلىرىنى تولۇق ئازاد قىلىپ، سىرتقا چىقىپ ئىشلەپ كىرىمىنى ئاشۇرۇش بىلەن بىللە، كەنتتە ئوت-چۆپ كەسپىي ھەمكارلىق كوپىراتىپى قۇردى، 2015-يىلى يىرقاباق كەنتى «پارتىيە ياچېيكىسى + ھەمكارلىق كوپىراتىپى + دېھقان ئائىلىسى» تەرەققىيات ئەندىزىسى ئۈستىدە ئىزدىنىپ، ھەمكارلىق كوپىراتىپىنىڭ تۈزۈلمىسىنى ئۆزگەرتتى، مەركەز، ئاپتونوم رايون، سانجى ئوبلاستىنىڭ نامراتلارنى يۆلەش تۈرى ۋە ياردەم مەبلىغىدىن پايدىلىنىپ پاي قوشتى. پارتىيە ياچېيكىسى ئارقىلىق ھەمكارلىق كوپىراتىپىنى يېتەكلەش، ھەمكارلىق كوپىراتىپى ئارقىلىق كەسىپلەرنى تەرەققىي قىلدۇرۇش، كەسىپلەر ئارقىلىق نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇشنى ئىلگىرى سۈردى.

10-ئاينىڭ 17-كۈنى، مورى قازاق ئاپتونوم ناھىيەسى بوستان يېزىسى يىرقاباق كەنتىدە، ئوت-چۆپ كەسپىي ھەمكارلىق كوپىراتىپى بېقىۋاتقان كالىلار.

ھەمكارلىق كوپىراتىپى باقمىچىلىقى ئارقىلىق، 2016-يىلىدىن بۇيان، 171 ئارخىپ تۇرغۇزۇلۇپ كارتا بېجىرىلگەن نامرات ئائىلىگە يىل ئاخىرىدا پايدا تەقسىملىدى، ئەسلىدە ئائىلىسىدە 10،20 قويى بار ئارخىپ تۇرغۇزۇلۇپ كارتا بېجىرىلگەن نامرات ئائىلە قويلىرىنى ھەمكارلىق كوپىراتىپىنىڭ ۋاكالىتەن بېقىشىغا تاپشۇرۇپ بېرىپ، سىرتقا چىقىپ ئىشلەپ پۇل تاپتى.