شىنجاڭ پوچتىسى خەلققە قولايلىق مۇلازىمەت سۇپىسىدىن 2625نى قۇردى

日期:2020年10月19日
来源:天山网
【字体:

شىنجاڭ گېزىتى، 10-ئاينىڭ 9-كۈنى خەۋىرى(پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرى مېھرىگۈل غوپۇر خەۋىرى): 10-ئاينىڭ 9-كۈنى 51-نۆۋەتلىك دۇنيا پوچتا كۈنى. شۇ كۈنى، جۇڭگو پوچتا گۇرۇھى چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى شىنجاڭ شۆبە شىركىتى(تۆۋەندە قىسقارتىلىپ شىنجاڭ پوچتىسى دېيىلىدۇ) ئۈرۈمچى شەھىرىدە باش تېمىلىق تەشۋىقات پائالىيىتى ئۆتكۈزۈپ، كەڭ شەھەر ئاھالىلىرىغا پوچتا ئارقىلىق خەلققە قولايلىق مۇلازىمەت قىلىش قاتارلىقلارنى تونۇشتۇردى.

شىنجاڭ پوچتىسى ئۆزىنىڭ تور نۇقتىسى ئەۋزەللىكىدىن پايدىلىنىپ، ھۆكۈمەتنىڭ ئاممىۋى مۇلازىمىتى سىستېمىسى قۇرۇلۇشىغا پائال سىڭىپ كىردى، پوچتا تور نۇقتىسى ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن ئاپتونوم رايون بويىچە «بىر گەۋدىلەشكەن تور ھۆكۈمەت ئىشلىرى مۇلازىمەت سۇپىسى»دىكى «يېقىن ئەتراپتا بېجىرىش» نۇقتىسى قاتارىغا كىرگۈزۈلدى، تۈرلۈك ھۆكۈمەت ئىشلىرى كەسپى ۋاكالىتەن بېجىرىلىدۇ. ھازىر، ئاپتونوم رايونىمىزدا ھۆكۈمەت ئىشلىرى مۇلازىمەت مەركىزىدىن جەمئىي 119 بار بولۇپ، ئاساسلىقى ئەۋەتىش كەسپى، ۋاكالىتەن تالون كېسىش، ۋاكالىتەن ئاپتوموبىل سېتىۋېلىش بېجى ئېلىش، يېقىلغۇ گاز ھەققىنى ۋاكالىتەن ئېلىش ۋە پار پۇلىنى ۋاكالىتەن ئېلىش قاتارلىق كەسىپلەرنى بېجىرىدۇ. شىنجاڭ پوچتىسى يەنە «خەلققە قولايلىق يارىتىش، خەلققە نەپ يەتكۈزۈش»نى مەقسەت قىلىپ، پوچتا مۇلازىمىتىنى ئاممىۋى مۇلازىمەت سىستېمىسىغا تەشەببۇسكارلىق بىلەن كىرگۈزۈپ، تۈرلۈك خەلققە قولايلىق مۇلازىمەت سۇپىسىدىن 2625نى قۇرۇپ، يەتتە خىل ئاممىۋى ئىشلار خىراجىتى، ئۈچ خىل خەۋەرلىشىش ھەققىنى ۋاكالىتەن يىغىش، ۋاكالىتەن تاپشۇرۇشنى ئىشقا ئاشۇردى، ئاپتونوم رايون بويىچە 591 پوچتا تور نۇقتىسىدا باج تالونىنى ۋاكالىتەن كېسىش كەسپى، 270 پوچتا تور نۇقتىسىدا جامائەت خەۋپسىزلىكى قاتناش باشقۇرۇش كەسپىنى ۋاكالىتەن بېجىرىشنى يولغا قويۇپ، كەڭ ئاھالىلەرنىڭ تۇرمۇشىغا قولايلىق يارىتىپ بەردى.

يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، شىنجاڭ پوچتىسى «خەلق پوچتىسى خەلق ئۈچۈن» مۇلازىمەت قىلىش ئاساسىي مەقسىتىنى باشتىن-ئاخىر ئەستە چىڭ ساقلاپ، مەركەز كارخانىلىرىنىڭ مەسۇلىيىتىنى ئەستايىدىل ئادا قىلىپ، ئومۇميۈزلۈك مۇلازىمەت قىلىش بىلەن ئالاھىدە مۇلازىمەت قىلىش ئىقتىدارى ۋە سەۋىيەسىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈردى. بولۇپمۇ بۇ يىلقى يېڭى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمى مەزگىلىدە، شىنجاڭ پوچتىسى تەشەببۇسكارلىق بىلەن، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش ئىئانە ماددىي ئەشياسىنى يەتكۈزۈش يېشىل يولىنى ئېچىپ، يۇقۇم مەزگىلىدە مۇلازىمەتنىڭ ئۈزۈلۈپ قالماسلىقى، سۈپەتنىڭ تۆۋەنلەپ كەتمەسلىكىگە كاپالەتلىك قىلىپ، جەمئىي 5 مىليون 230 مىڭ دانە يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش ماددىي ئەشيالىرىنى يەتكۈزۈپ بەردى.

شىنجاڭ پوچتىسى يەنە ئۇچۇر ئېقىمى، مەبلەغ ئېقىمى، ئەشيا ئوبوروتىدىن ئىبارەت «ئۈچ ئېقىمنى بىرلەشتۈرۈش» ئەۋزەللىكىنى پائال جارى قىلدۇرۇپ، يۇۋلې تورى، جىسۇشەن، شىنيوۋجى قاتارلىق تور سۇپىلىرى ۋە پوچتا تور نۇقتىلىرى، يۇۋلېگۇۋ بېكىتى قاتارلىق تور سىرتىدىكى ئەمەلىي يوللارغا بىرلەشتۈرۈپ، يېزا ئېلېكتىرونلۇق سودىسىنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ، «سانائەت مەھسۇلاتلىرىنى يېزىلارغا يەتكۈزۈش، يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى شەھەرلەرگە كىرگۈزۈش»تەك قوش يۆنىلىشلىك يولنى دەسلەپكى قەدەمدە ئېچىپ، يېزا ـ كەنتلەرنىڭ سېتىۋېلىش-سېتىش قىيىن بولۇش مەسىلىسىنى ئۈنۈملۈك ھەل قىلدى.