بۈگۈن شىمالىي شىنجاڭنىڭ كۆپ جايلىرىدا تېمپېراتۇرا تۆۋەنلەيدۇ شەرقىي شىنجاڭدىكى بوران ئېغىزلىرىدا شامال كۈچى توققۇز بال ئەتراپىدا بولىدۇ

日期:2020年10月19日
来源:天山网
【字体:

ئانار بۇلۇت / شىنجاڭ گېزىتى (مۇخبىر يۈ مېڭفەن خەۋىرى): بۈگۈن ئالتاي ۋىلايىتىنىڭ كۆپ قىسىم جايلىرى ۋە قومۇل شەھىرىنىڭ شىمالىي قىسىم تاغلىق رايونلىرىدا ئازراق يامغۇر ياكى قار ياغىدۇ، ئالتاي ۋىلايىتىنىڭ شىمالىي قىسمى ۋە شەرقىي قىسىم تاغلىق رايونلىرىنىڭ قىسمەن جايلىرىدا ئوتتۇراھال ياكى قاتتىق قار ياغىدۇ. شىمالىي شىنجاڭنىڭ شىمالىي قىسمى ۋە شەرقىي قىسمىدا، شەرقىي شىنجاڭدا بەش بال ئەتراپىدا غەربىي شىمال شامىلى چىقىدۇ، بوران ئېغىزلىرىدا شامال كۈچى توققۇز بال ئەتراپىدا بولىدۇ، شىمالىي شىنجاڭنىڭ كۆپ قىسىم جايلىرىدا تېمپېراتۇرا ئازراق تۆۋەنلەيدۇ. پۈتۈن شىنجاڭنىڭ باشقا جايلىرىدا ھاۋا ئوچۇق بولۇپ بەزىدە بۇلۇتلۇق بولىدۇ، شامال كۈچى كۈچلۈك بولمايدۇ.

ئۈرۈمچى شەھىرىدە بۈگۈن ھاۋا بۇلۇتلۇق بولىدۇ، ئەڭ يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃16، ئەڭ تۆۋەن تېمپېراتۇرا ℃6، ئۈچ بال شامال چىقىدۇ.

بۈگۈن توققۇز بال ئەتراپىدىكى غەربىي شىمال بورىنى (ئۆتكۈنچى بوران كۈچى 10 بال)نىڭ تەسىرىگە ئۇچرايدىغان يول بۆلەكلىرىدىن: G3015 لىنىيەسىنىڭ دۆربىلجىن-تۆمۈرتام بۆلىكى، S201 لىنىيەسىنىڭ مايتاس شامال رايونى، S221 لىنىيەسىنىڭ تولى بوران ئېغىزى، S201 ۋە S319 لىنىيەسىنىڭ ئالتاي نوخەي بوران رايونى يول بۆلىكى، G3014 لىنىيەسىنىڭ قاراماي-ئورقۇ بۆلىكى، G217 لىنىيەسىنىڭ قاراماي-ئورقۇ بۆلىكى، G30، G312 لىنىيەسىنىڭ داۋانچىڭ-داخېيەن، چىقتىم-لياۋدۇن بۆلىكى بار.