يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ھەققىدىكى مۇھىم ئەسكەرتمە كەلدى

日期:2020年10月19日
来源:天山网
【字体:

شەخسي مۇداپىئەنى قانداق ئىشلەشكە قارىتا

جۇڭگو كېسەلنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش مەركىزىنىڭ تارقىلىشچان كېسەللىك ئىلمى

باش مۇتەخەسسىسى ۋۇ زۇنيوۋ يېقىندا ئاممىغا

نۆۋەتتىكى دائىملاشقان ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش ئېڭىنى داۋاملىق ساقلاش كېرەكلىكىنى ئەسكەرتتى.

10-ئاينىڭ 14-كۈنى، چىڭداۋ شەھىرى شىبېي رايونى دۇڭۋەن يولى مەدەنىيەت مەيدانىدىكى تەكشۈرۈش نۇقتىسىدا، خىزمەتچى خادىم شەھەر ئاھالىلىرىنىڭ نوكلېئىك كىسلاتاسىنى تەكشۈرۈپ ئەۋرىشكە ئالماقتا. شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى لى زىخېڭ فوتوسى

دائىم ھاۋا ئالماشتۇرۇش، ماسكا تاقاش

قولنى پات-پات يۇيۇش،ئالاقە قىلىشتا ئارىلىقساقلاش

يەنىلا ئىنتايىن مۇھىم.

دائىملاشقان ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش ئارقا كۆرۈنۈشىدە،

ماسكا ئادەتتىكى پۇقرالارنىڭ «ئۆلچەملىك سەپلىمە»سى ھېسابلىنىدۇ،

ئامما ھەرۋاقىت ماسكا تەييارلاپ قويۇشى كېرەك.

ئادەملەر زىچ توپلاشقان جايلار، ھاۋا ئۆتۈشۈشى ياخشى بولمىغان جايلاردا

ماسكىنى چوقۇم تاقاش كېرەك.

10-ئاينىڭ 2-كۈنى، ئوقۇرمەنلەر ئۈرۈمچى شىنخۇا خەلقئارا كىتاب شەھەرچىسىدە كىتاب تاللىماقتا. شىنجاڭ گېزىتى پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرى ۋاڭ جېن فوتوسى

«ئامما چوقۇم نەپەس يولى يۇقۇملۇق كېسەللىكلىرىنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەشنى ياخشى ئىشلەپ، ماسكا تاقاش قاتارلىق ئالدىنى ئېلىش تەدبىرلىرىنى قوللىنىش كېرەك، بۇ تەدبىرلەر يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغىنىڭ تارقىلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىپلا قالماي، تارقىلىشچان زۇكام قاتارلىق باشقا نەپەس يولى يۇقۇملۇق كېسەللىكلىرىنىڭ ئالدىنى ئېلىشتىمۇ ئىنتايىن ئۈنۈملۈك، شەخسىي تازىلىق، جىسمانىي ۋە روھىي ساغلاملىقىنى قوغداشتىكى ئىنتايىن ياخشى ئۇسۇل» دېدى ۋۇ زۇنيوۋ.

10-ئاينىڭ 15-كۈنى،

ئاپتونوم رايونلۇق كېسەلنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش مەركىزى

دېزىنفېكسىيەلەش، يۇقۇملىنىشنى تىزگىنلەش مەركىزىنىڭ مۇدىرى ياڭ خۇڭسەي

مۇخبىرنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا مۇنداق دېدى:

ماسكىنى ئىلمىي تاقاش

ئەڭ ئاددىي، ئەڭ قولايلىق، ئەڭ ئۈنۈملۈك بولغان،

ئاممىنىڭ گىرەلەشمە يۇقۇملىنىشىنى ئازايتىدىغان،

تارقىلىش خەۋپ-خەتىرىنى تۆۋەنلىتىدىغان ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش تەدبىرىدۇر.

سوئال:

كۈندىلىك مۇداپىئەدە، ئادەتتىكى ئامما ماسكىنى قانداق تاللاش كېرەك؟

جاۋاب:

ياڭ خۇڭسەي: ماسكىنى توغرا تاللاپ ئىشلىتىش ئىنتايىن مۇھىم. بارلىق ماسكىلارنىڭ ھەممىسىلا يۇقۇملىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش رولىنى ئويناپ كېتەلمەيدۇ، مەسىلەن: بازاردا سېتىلىۋاتقان ئاكتىپلاشتۇرۇلغان كاربۇن ماسكا، پاختا رەخت ماسكا، داكا ماسكا قاتارلىقلارنىڭ ماتېرىيالى دېگەندەك زىچ بولمىغاچقا، ئالدىنى ئېلىش ئۈنۈمى چەكلىك، شۇڭا تاقاش تەكلىپى بەرمەيمىز. ھازىر، ئادەتتىكى شەھەر ئاھالىلىرىغا ئادەتتىكى مۇھىتتا داۋالاشتا ئىشلىتىلىدىغان بىر قېتىملىق ماسكا تاقاش تەكلىپى بېرىمىز، ماسكىنى توغرا يول ئارقىلىق سېتىۋېلىشقا دىققەت قىلىش كېرەك.

ئادەتتىكى ئادەملەرنىڭ N95 ماسكىسىنى ئۆلچەملىك سەپلىمە قىلىۋېلىشىنىڭ ھاجىتى يوق، سىرتقا چىققاندا داۋالاشتا ئىشلىتىلىدىغان بىر قېتىملىق ماسكىنى تاقىسىلا بولىدۇ. گۇمانىي ئاغرىقلار ياكى قىزىش، يۆتىلىش قاتارلىق كېسەللىك ئالامەتلىرى كۆرۈلگەن كىشىلەر داۋالاشتا ئىشلىتىلىدىغان تاشقى بۆلۈم ماسكىسى تاقىشى، تاق يۆنىلىشلىك نەپەسلىنىش كىلاپانى بار ماسكىنى تاقىماسلىقى كېرەك، بولمىسا ئۆزىدىكى ۋىرۇسلارنىڭ ھاۋادىن تارقىلىشىنى توسۇپ قالغىلى بولمايدۇ. ئەمما يۇقىرى خەۋپ-خەتەر مۇھىتىدىكى دوختۇر-سېسترالار ئەھۋالغا قارىتا داۋالاشتا ئىشلىتىلىدىغان تاشقى بۆلۈم ماسكىسى، N95 ماسكىسى ۋە داۋالاشتا ئىشلىتىلىدىغان مۇداپىئە ماسكىسى تاقىسا بولىدۇ.

10-ئاينىڭ 13-كۈنى، ئۈرۈمچى شەھىرى تىيانشان رايونى يۆگۇاڭ ئولتۇراق رايونىدا، پىدائىيلار يول بويىدىكى دۇكانغا يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئېلانى چاپلىماقتا. سۈرەت مەنبەسى: شىنجاڭ تورى

سوئال:

قانچە قەۋەت ماسكا تاقىغاندا، ۋىرۇس يۇقۇشنىڭ تېخىمۇ ياخشى ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ؟

جاۋاب:

    ياڭ خۇڭسەي: ئادەتتىكى مۇھىتتا،داۋالاشتا ئىشلىتىلىدىغان لاياقەتلىك ماسكىنى توغرا تاقىسىلا، بىر دانە ماسكا بىلەنلا مۇداپىئە ئۈنۈمىگە يەتكىلى بولىدۇ. بىر قېتىملىق ماسكىدىن بىر نەچچىنى تاقىۋالغاندا مۇداپىئە ئۈنۈمىنى ئاشۇرغىلى بولمايدۇ، بۇنىڭدا ماسكىنىڭ ھىملىقى تۆۋەنلەيدۇ ھەم كىشىنى تېخىمۇ بىئارام قىلىپ، نەپەس راۋان بولماسلىقنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن. شۇنىڭ بىلەن بىللە كۆپ قەۋەت ماسكا تاقىسا، ياخشى، مۇقىم ھالەتتە ماسكا تاقاش ئۈنۈمىگە يەتكىلى بولمايدۇ، كۆپ قەۋەت ماسكىنىڭ بېسىمى ئاستىدا،ماسكا ئەتراپىدا ناھايىتى ئاسانلا يوچۇق پەيدا بولۇپ قالىدۇ.

10-ئاينىڭ 16-كۈنى، ئۈرۈمچى شەھىرى مىدۇڭ رايونى كاڭجۈيۈەن ئولتۇراق رايونىدا، پىدائىيلار ئاھالىلەرگە ماسكا تاقاشتا دىققەت قىلىدىغان ئىشلارنى تەشۋىق قىلماقتا. سۈرەت مەنبەسى: شىنجاڭ تورى

سوئال:

قانداق قىلغاندا ئوخشاش بولمىغان سورۇنلاردا ماسكىنى ئىلمىي، مۇۋاپىق ئىشلەتكىلى بولىدۇ؟

جاۋاب:

ياڭ خۇڭسەي: بىر قېتىملىق داۋالاشتا ئىشلىتىلىدىغان ماسكا ئادەتتە مۇداپىئە قىلىشقا ئىشلىتىلىدۇ، بىر قېتىملىق تاشقى بۆلۈم ماسكىسى چاچراندىلارنى ئايرىۋىتىشكە ئىشلىتىلىدۇ،داۋالاشتا ئىشلىتىلىدىغانبىر قېتىملىق مۇداپىئە ماسكىسى ھاۋادىن ئايرىۋىتىشكە ئىشلىتىلىدۇ. ماسكا تاقاش ئۆزىنى قوغداش، نەپەس يولىدىن يۇقۇملىنىش خەۋپ-خەتىرىنى تۆۋەنلىتىشنى مەقسەت قىلغان بولۇپ، ئوخشاش بولمىغان سورۇنلاردا ئوخشاش بولمىغان ماسكا تاللاش كېرەك. دوختۇرخانىغا كېسەل كۆرسەتكىلى، ئاغرىقلارنى يوقلىغىلى بارغاندا، بولۇپمۇ دوختۇرخانىنىڭ قىزىتما ئامبۇلاتورىيەسى ياكى نەپەس بۆلۈمىگە كېسەل كۆرسەتكىلى بارغاندا، داۋالاشتا ئىشلىتىلىدىغان تاشقى بۆلۈم ماسكىسى تاقاش كېرەك؛ ناۋادا ئادەتتىكى ئاممىۋى سورۇنلارغا بېرىپ، ئاغرىقلار بىلەن ئۇچراشمىسا،داۋالاشتا ئىشلىتىلىدىغان بىر قېتىملىق ماسكا تاقاشنى تاللىسا بولىدۇ.

ھاۋا ئۆتۈشۈشى ناچار، يېپىق سورۇنلار، يېپىق قاتناش قوراللىرى، مەسىلەن: ئايروپىلان، يۇقىرى سۈرئەتلىك پويىز، ئاممىۋى ئاپتوبۇس، ھاۋا ئالمىشىشى ناچار، ئادەملەر زىچ توپلاشقان ئاممىۋى سورۇنلاردا پۈتۈن جەرياندا ماسكا تاقاش كېرەك.

دىققەت قىلىشقا تېگىشلىكى شۇكى،

ماسكىنى ساقلاش، دېزىنفېكسىيەلەش ۋە ئالماشتۇرۇشقا ئەھمىيەت بېرىش كېرەك.

ئۈرۈمچى شەھەرلىك 1-خەلق دوختۇرخانىسى شۆبە دوختۇرخانىسى

يۇقۇملىنىشنى باشقۇرۇش بۆلۈمىنىڭ مەسئۇلى يىن فېڭنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە،

ماسكىنى ئالغاندا، يىپىنى تارتىپلا ئالسا بولىدىكەن،

قول بىلەن ماسكىنىڭ بۇلغىنىش يۈزىنى تۇتۇپ

ئىچىگە قاتلىماسلىق كېرەككەن.

10-ئاينىڭ 5-كۈنى، شەھەر ئاھالىلىرى ئۈرۈمچى خۇاتيەن كىنو كىچىك بازىرىدا كىنو كۆرمەكتە. شىنجاڭ گېزىتى پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرى زوۋ يى فوتوسى

ماسكىنى تەكرار ئىشلەتكىلى بولۇش-بولماسلىقى

ئۇنىڭ پاكىز-پاكىز ئەمەسلىكى، بۇزۇلغان-بۇزۇلمىغانلىقىغا باغلىق.

ئەمەلىي ئەھۋالغا ئاساسەن،

ماسكا ئىشلىتىش قېتىم سانىنى بىخەتەر، مۇۋاپىق ئاشۇرسا بولىدۇ.

ئۇنداقتا ئىشلىتىپ بولغان ماسكىنى قانداق ساقلايمىز؟ يىن فېڭنىڭ دېيىشىچە، ئېلىۋەتكەندىن كېيىن ماسكىنىڭ ئىچى تەرىپىنى ياخشى ساقلاپ، ماسكىنى پاكىز، قۇرغاق، ھاۋا ئۆتۈشىدىغان مۇھىتتا قۇرۇتسا، مۇۋاپىق تەكرار ئىشلەتكىلى بولىدىكەن. ماسكىنى ئايرىم ساقلاپ، ئۆزئارا تېگىپ كېتىشتىن ساقلىنىش ھەم ئىشلەتكەن ئادەملەرنى پەرقلەندۈرۈپ، ئەڭ ياخشىسى تۆت سائەتتە بىر قېتىم ئالماشتۇرۇش كېرەك.

يىن فېڭنىڭ دېيىشىچە،

ماسكىنى تەكرار ئىشلىتىشتە

«ئۈچنى قىلىش» ۋە «ئۈچنى قىلماسلىق»قا ئەھمىيەت بېرىش كېرەككەن.

  مۇھىم نۇقتىنى ئايرىش

«ئۈچنى قىلىش»: پەقەت ئۆزى ئىشلەتكەن ماسكىنىلا تەكرار ئىشلىتىش؛ ھەر قېتىم ئىشلىتىپ بولغاندىن كېيىن، ماسكىنى پاكىز، قۇرغاق، ھاۋا ئۆتۈشىدىغان جايغا قويۇش ياكى پاكىز، ھاۋا ئۆتۈشىدىغان قەغەز خالتىغا سېلىپ، بۇلغىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش؛ تەكرار ئىشلىتىش قېتىم سانىنى مۇۋاپىق تىزگىنلەپ، زىيادە كۆپ ئىشلەتمەسلىك كېرەك.

«ئۈچنى قىلماسلىق»: داۋالاش ئاپپاراتلىرىغا بارغان، قىزىش، يۆتىلىش ئالامەتلىرى بارلار، گۇمانىي ياكى ئېنىق دىياگنوز قويۇلغان ئاغرىق مىساللىرى بىلەن يېقىن ئارىلىقتىن ئۇچراشقان چاغدىكى ماسكىنى قايتا تاقىماسلىق كېرەك؛ قان، پوتلا قاتارلىقلار بىلەن بۇلغانغان ياكى مەينەت بولۇپ كەتكەن، غەيرىي پۇراق بار ماسكىنىمۇ تەكرار تاقىماسلىق كېرەك؛ بۇزۇلغان ياكى شەكلى ئۆزگىرىپ كەتكەن ماسكىنىمۇ تاقىماسلىق كېرەك.

يىن فېڭ مۇنۇلارنى ئەسكەرتتى:داۋالاشتا ئىشلىتىلىدىغان بىر قېتىملىق تاشقى كېسەل ماسكىسىنى يۇيۇشقا بولمايدۇ، يەنە دېزىنفېكسىيە دورىسى، قىزدۇرۇش قاتارلىق ئۇسۇللار بىلەن دېزىنفېكسىيەلەشكىمۇ بولمايدۇ. ماسكىنى تاقاشتىن ئىلگىرى ياكى ئېلىۋەتكەندىن كېيىن قولنى يۇيۇش كېرەك، ماسكا تاقىغاندا ئەڭ مۇھىمى ھىملاشتۇرۇش بولۇپ، تاقاش ئۆلچەملىك بولمىغاندا، مەسىلەن: ماسكىنىڭ ئەتراپىدا يوچۇق بولسا، مۇداپىئە رولىنى ئوينىيالمايدۇ.

  ماقالە مەنبەسى: ئۇنىۋېرسال شىنخۇا تورى، شىنجاڭ تورى