5G تېخنىكىسى شىنجاڭنىڭ توكىنى شەرققە يەتكۈزۈشتىكى چوڭ تومۇرنىڭ يىللىق «سالامەتلىك تەكشۈرۈشى»نى مۇھاپىزەت قىلدى

日期:2020年10月16日
来源:天山网
【字体:

10-ئاينىڭ 12-كۈنى، شىنجاڭ سانجى شەرقىي جۇڭغار ئىقتىساد-تېخنىكا تەرەققىيات رايونىغا جايلاشقان 1100± كىلوۋولتلۇق سانجى ئالماشتۇرۇش پونكىتىدا، رېمونت خادىمى چارلاش ماشىنا ئادىمى ئارقىلىق مەشغۇلات قىلىپ تۆۋەن بوشلۇقنى كۆزەتمەكتە.

شىنخۇا تورى خەۋىرى: 10-ئاينىڭ 12-كۈنى، كۆپ تۈرلۈك 5G تېخنىكىسىنى قوللىنىشنىڭ ياردىمىدە، شىنجاڭ سانجى-ئەنخۇي گۇچۇەن 1100 ± كىلوۋولتلۇق يۇقىرى بېسىملىق تۇراقلىق توك يەتكۈزۈش قۇرۇلۇشىدىكى يەتكۈزۈش«يۈرىكى» __ سانجى ئالماشتۇرۇش پونكىتىنى ئۇنىۋېرسال تەكشۈرۈش ۋە رېمونت قىلىش باشلاندى، بۇ نۆۋەتتىكى دۇنيادىكى توك بېسىم دەرىجىسى ئەڭ يۇقىرى، يەتكۈزۈش سىغىمى ئەڭ چوڭ، توك يەتكۈزۈش ئارىلىقى ئەڭ يىراق ئالاھىدە يۇقىرى بېسىملىق تۇراقلىق توك يەتكۈزۈش قۇرۇلۇشىدا يىللىق توك توختىتىپ «سالامەتلىك تەكشۈرۈش»نىڭ باشلانغانلىقىدىن دېرەك بەردى. بۇ قېتىمقى تەكشۈرۈش ۋە رېمونت قىلىش 13 كۈن ئېلىپ بېرىلىدىغان بولۇپ، تۇراقلىق توك مەيدانى، ئالماشتۇرۇش، ئۆزگەرتىش، يەرگە ئۇلاش قۇتۇپى قاتارلىق ئەسلىھەلەرنى قەرەللىكتەكشۈرۈش، رېمونت قىلىش، سىناق قىلىش ۋە ئاسراش، ئۆزگەرتىش خىزمىتىقاتارلىقلارغا چېتىلىدۇ، ئەسلىھەلەرنىڭسەۋىيەسىنى يۇقىرى كۆتۈرۈپ، شىنجاڭنىڭ توكىنى سىرتقا يەتكۈزۈش چوڭ يولىنىڭ بىخەتەرلىكى، مۇقىملىقىغا كاپالەتلىك قىلىش، شىنجاڭنىڭ بايلىق ئۈستۈنلۈكىنى كەسىپ ۋە ئىقتىسادىي ئۈستۈنلۈككە ئايلاندۇرۇشنى سىجىل ئالغا سىلجىتىش ئۈچۈن، قۇرۇلۇش ھەر يىلى يىللىق ئۇنىۋېرسال تەكشۈرۈلىدۇ ۋە رېمونت قىلىنىدۇ.(دىڭ لېي فوتوسى)

10-ئاينىڭ 12-كۈنى، شىنجاڭ سانجى شەرقىي جۇڭغار ئىقتىساد-تېخنىكا تەرەققىيات رايونىغا جايلاشقان 1100± كىلوۋولتلۇق سانجى ئالماشتۇرۇش پونكىتىدا، رېمونت خادىمى تۇراقلىق توك قايتىش يولى توكىنىڭ كاشىلىسىنى سىناپ تەكشۈرۈش مەشغۇلاتى قىلماقتا.

10-ئاينىڭ 12-كۈنى، شىنجاڭ سانجى شەرقىي جۇڭغار ئىقتىساد-تېخنىكا تەرەققىيات رايونىغا جايلاشقان 1100± كىلوۋولتلۇق سانجى ئالماشتۇرۇش پونكىتىدا، رېمونت خادىملىرى ئەسلىھەلەرنى تەكشۈرۈش ۋە رېمونت قىلىش خىزمىتىنى قانات يايدۇرماقتا.

10-ئاينىڭ 12-كۈنى، شىنجاڭ سانجى شەرقىي جۇڭغار ئىقتىساد-تېخنىكا تەرەققىيات رايونىغا جايلاشقان 1100± كىلوۋولتلۇق سانجى ئالماشتۇرۇش پونكىتىدا، باشقۇرۇش خادىملىرى VR كۆزەينىكى ئارقىلىق نەق مەيداندا تەكشۈرۈش ۋە رېمۇنت قىلىش خىزمىتىگە بىخەتەر نازارەتچىلىك قىلماقتا.

10-ئاينىڭ 12-كۈنى، تەكشۈرۈش ۋە رېمونت خادىملىرى 1100± كىلوۋولتلۇق سانجى ئالماشتۇرۇش پونكىتىغا تەرتىپ بىلەن كىرمەكتە.

10-ئاينىڭ 12-كۈنى، شىنجاڭ سانجى شەرقىي جۇڭغار ئىقتىساد-تېخنىكا تەرەققىيات رايونىغا جايلاشقان 1100± كىلوۋولتلۇق سانجى ئالماشتۇرۇش پونكىتىدا، رېمونت خادىمى كۆزىتىش سىستېمىسىغا كابىل ئورنىتىش مەشغۇلاتى قىلماقتا.

10-ئاينىڭ 12-كۈنى، شىنجاڭ سانجى شەرقىي جۇڭغار ئىقتىساد-تېخنىكا تەرەققىيات رايونىغا جايلاشقان 1100± كىلوۋولتلۇق سانجى ئالماشتۇرۇش پونكىتىدا، خىزمەتچى خادىم نەق مەيداندا كۆزىتىش شارچىسىنى تەڭشىمەكتە.