شىنجاڭدا يېزا تاشيولىنى ئاسراش ئىش ئورنىدىن 22 مىڭى تەسىس قىلىندى

日期:2020年10月16日
来源:天山网
【字体:

تىيانشان تورى خەۋىرى(مۇخبىر لۇ فېڭباۋ): «مەن ھازىر كەنتتىكى يولدا <باشقۇرغۇچى> بولدۇم، كىرىمىم بار بولۇپلا قالماي، يەنە باشقىلارنىڭ ھۆرمىتىگە ئېرىشتىم، بارغانسىرى غەيرەتكە تولدۇم.» 10-ئاينىڭ 14-كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، كېرىيە ناھىيە باغقۇم تەۋەلىك باشقۇرۇش كومىتېتى مەدەنىيەت كەنتىنىڭ كەنت ئاھالىسى غۇنچەمخان جامال تېلېفوندا شۇنداق دېدى.

41 ياشلىق غۇنچەمخاننىڭ ئىلگىرى مۇقىم خىزمىتى يوق بولۇپ، يەر تېرىپ تۇرمۇشىنى قامدايتتى، تۇرمۇشى قىيىنچىلىق ئىچىدە ئۆتەتتى، يېزا تاشيولىنى ئاسراش ئىش ئورنى ئۇنى مۇقىم ئىشقا ئورۇنلىشىش پۇرسىتى بىلەن تەمىنلىدى. بۈگۈنكى كۈندە، جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئۈچ ۋىلايەت، بىر ئوبلاستتا ئۇنىڭغا ئوخشاش يېزا تاشيولىدا يول ئاسراش ئىشچىسى بولغان كەنت ئاھالىسىدىن جەمئىي 22 مىڭى بار.

پارتىيە 18-قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، باش شۇجى شى جىنپىڭ كۆپ قېتىم يېزا تاشيولىنىڭ تەرەققىياتى توغرىسىدا مۇھىم كۆرسەتمە بېرىپ، يېزا تاشيولىنى ياخشى قۇرۇپ، ياخشى باشقۇرۇپ، ياخشى ئاسراپ، ياخشى يۈرۈشتۈرۈپ،دېھقانلارنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپ بېيىپ، ھاللىق سەۋىيەگە يۈرۈش قىلىشىغا تۈرتكە بولۇشنى تەلەپ قىلدى.

شىنجاڭ پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يېزا تاشيولىنى قۇرۇش، باشقۇرۇش، ئاسراش، يۈرۈشتۈرۈشنىڭ ماس تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولدى، 2019-يىلىنىڭ ئاخىرىغىچە، يېزا تاشيولىنىڭ ئومۇمىي مۇساپىسى 133 مىڭ 100 كىلومېتىر(بىڭتۇەننى ئۆز ئىچىگە ئالمايدۇ)غا يەتتى، بارلىق يېزا-بازار ۋە شارائىتى ھازىرلانغان ئىشتاتلىق كەنتلەرنىڭ ھەممىسىگە قاتتىقلاشتۇرۇلغان يول ۋە قاتناش تۇتاشتۇرۇلدى.

«كۆپ يىللىق تەرەققىيات ئارقىلىق، شىنجاڭنىڭ يېزا تاشيولى قۇرۇلۇشى، قاتنىشىدا ئالەمشۇمۇل ئۆزگىرىشلەر بولدى، ئەمما ئاسراش، باشقۇرۇش جەھەتتە يەنىلا يېتەرسىزلىكلەر بار، بۇ يېزا تاشيولىنىڭ ئىشلىتىلىش ئۆمرىگە تەسىر يەتكۈزىدۇ. بۇ يىلنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدا، بىز <يېزا تاشيولىنى ئاسراش + نامراتلىقتىن دەل جايىدا قۇتۇلدۇرۇش>يېڭى مېخانىزمىنى ئومۇملاشتۇرۇش ئۈستىدە ئىزدىنىپ، جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ قىسمەن ئېغىر نامرات ناھىيە، شەھەرلىرىدە نۇقتىدا سىناق قىلىش بويىچە يېزا تاشيولىنى ئاسراش ئىش ئورنى تەسىس قىلىپ، قىيىنچىلىقى بار ئاممىنى يېزا تاشيولىنى باشقۇرۇش، ئاسراش خىزمىتىگە قاتنىشىشقا جەلپ قىلىپ، يېزا تاشيولىنى باشقۇرۇش، ئاسراش ۋە نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشتا <قوش پايدا ئېلىش>نى ئەمەلگە ئاشۇردۇق» دېدى ئاپتونوم رايونلۇق قاتناش-تىرانسپورت نازارىتى پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، نازىر ھەسەنجان ئەخمەت.

نۇقتىدا سىناق قىلىش ئاساسىدا، شىنجاڭ «يېقىن ئەتراپتا، ئۆز جايىدا بولۇش، ئادەم بىلەن ئىش ئورنى ماس كېلىش» پىرىنسىپى بويىچە، يېزا تاشيولىنى ئاسراش مېخانىزمىنى جەنۇبىي شىنجاڭ رايونىدىكى بارلىق نامرات ناھىيە، شەھەرلەرگە كېڭەيتىپ، شۇ جايدىكى ئەمگەك كۈچلىرىنىڭ «ئىشىكى ئالدىدا» ئىشقا ئورۇنلىشىشىغا تۈرتكە بولىدىكەن.

ھەسەنجان ئەخمەتنىڭ دېيىشىچە،يېزا تاشيولىنى ئاسراشئىش ئورنى ھەم 14 مىڭ كىلومېتىر يېزا يولىنى، 24 مىڭ 700 كىلومېتىر كەنت يولىنى ۋە قىسمەن كەنت كوچا، يوللىرىنى كۈندىلىك ئاسراش مەسىلىسىنى ھەل قىلغان، ھەم جەنۇبىي شىنجاڭدىكى قىيىنچىلىقى بار ئاممىنى ئىشقا ئورۇنلىشىش پۇرسىتى بىلەن تەمىنلەپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشتىكى مۇھىم كۈچكە ئايلىنىپ، نامراتلىق قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش بىلەن يېزا-كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشنى ئۈنۈملۈك جىپسىلاشتۇرۇشقا تۈرتكە بولغان.