شىنجاڭنىڭ باغچە رايونى(تەرەققىيات رايونى) ئۇنىۋېرسال تەرتىپى ئېلان قىلىندى

日期:2020年10月16日
来源:天山网
【字体:

ئۈرۈمچى ئىقتىساد-تېخنىكا تەرەققىيات رايونى، يۇقىرى، يېڭى تېخنىكىلىق كەسىپلەر تەرەققىيات رايونى دۆلەت دەرىجىلىك باغچە رايونى تەرتىپىدە ئالدىنقى ئىككى ئورۇندا تۇردى

  شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى(مۇخبىر ما يىنىڭ): مۇخبىرنىڭ ئاپتونوم رايونلۇق سانائەت ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش نازارىتىدىن ئىگىلىشىچە، يېقىندا، 2019-يىللىق ئاپتونوم رايوننىڭ باغچە رايونى(تەرەققىيات رايونى) ئۇنىۋېرسال تەرەققىيات سەۋىيەسىنى باھالاش نەتىجىسى ئېلان قىلىنغان. ئۈرۈمچى ئىقتىساد-تېخنىكا تەرەققىيات رايونى(تۇدۇڭخابا رايونى)، ئۈرۈمچى يۇقىرى، يېڭى تېخنىكىلىق كەسىپلەر تەرەققىيات رايونى(يېڭىشەھەر رايونى) دۆلەت دەرىجىلىك باغچە رايونى(تەرەققىيات رايونى) تەرتىپىدە ئالدىنقى ئىككى ئورۇندا تۇرغان.

ئاپتونوم رايونلۇق باغچە رايونى خىزمىتىگە رەھبەرلىك قىلىش گۇرۇپپىسى ئىشخانىسىدىكى ئالاقىدار خادىمنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، بۇ قېتىمقى باھالاش 3-تەرەپنىڭ ئاپتونوم رايوننىڭ باغچە رايونى(تەرەققىيات رايونى) ئۇنىۋېرسال تەرەققىيات سەۋىيەسى ئەھۋالىغا قارىتا باھالاشنى قانات يايدۇرۇشىغا ھاۋالە قىلىنغان بولۇپ، گوۋۇيۈەن ۋە ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ تەستىقلىشى بىلەن قۇرۇلغان تۈرلۈك باغچە رايونلىرى(ئىقتىساد-تېخنىكا تەرەققىيات رايونى، يۇقىرى، يېڭى تېخنىكىلىق كەسىپلەر تەرەققىيات رايونى، چېگرا ئىقتىسادىي ھەمكارلىق رايونى، ئۇنىۋېرسال باجدىن خالىي رايون، سانائەت باغچە رايونى)دىن 88نى قاپلىغان، بۇنىڭ ئىچىدە دۆلەت دەرىجىلىكتىن 23ى، ئاپتونوم رايون دەرىجىلىكتىن 65ى بار ئىكەن، باھالاش نومۇرى دۆلەت دەرىجىلىك باغچە رايونى(تەرەققىيات رايونى)، جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئۈچ ۋىلايەت، بىر ئوبلاستتىن باشقا ئاپتونوم رايون دەرىجىلىك باغچە رايونى(تەرەققىيات رايونى) ۋە جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئۈچ ۋىلايەت، بىر ئوبلاستتىكى ئاپتونوم رايون دەرىجىلىك باغچە رايونى(تەرەققىيات رايونى) قاتارلىق ئۈچ قاتلام-دەرىجىگە ئايرىلغان.

بۇ قېتىمقى باھالاش «شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايوننىڭ باغچە رايونى<تەرەققىيات رايونى>نى تەكشۈرۈپ باھالاش ۋاقىتلىق چارىسى»نىڭ تەلىپى بويىچە، تەرتىپتىكى قاتلام-دەرىجىسى ئالدىنقى رەتتىكى%20 بولغان باغچە رايونلىرىمۇنەۋۋەر، تەرتىپتىكى قاتلام-دەرىجىسى كېيىنكى رەتتىكى %15 بولغان باغچە رايونلىرى لاياقەتسىز، قالغانلىرى لاياقەتلىك دەپ باھالانغان.

دۆلەت دەرىجىلىك باغچە رايونى(تەرەققىيات رايونى) بويىچە، ئۈرۈمچى ئىقتىساد-تېخنىكا تەرەققىيات رايونى(تۇدۇڭخابا رايونى)، ئۈرۈمچى يۇقىرى، يېڭى تېخنىكىلىق كەسىپلەر تەرەققىيات رايونى(يېڭىشەھەر رايونى)، شەرقىي جۇڭغار ئىقتىساد-تېخنىكا تەرەققىيات رايونى، كورلا ئىقتىساد-تېخنىكا تەرەققىيات رايونى، شىخەنزە ئىقتىساد-تېخنىكا تەرەققىيات رايونى «مۇنەۋۋەر» دەپ بېكىتىلگەن.

جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئۈچ ۋىلايەت، بىر ئوبلاستتىن باشقا ئاپتونوم رايون دەرىجىلىك باغچە رايونلىرى(تەرەققىيات رايونى) بويىچە، قاراماي يۇقىرى، يېڭى تېخنىكىلىق كەسىپلەر تەرەققىيات رايونى، مىدۇڭ خىمىيە سانائىتى سانائەت باغچە رايونى، كورلا شاڭكۇ ئۇنىۋېرسال كەسىپلەر باغچە رايونى، فۇكاڭ كەسىپلەر باغچىسى، توقسۇن ئېنېرگىيە ئېغىر خىمىيە سانائىتى سانائەت باغچە رايونى، پىچان سانائەت باغچە رايونى، شىخۇ سانائەت باغچە رايونى، قومۇل سانائەت باغچە رايونى، پىچان تاش ماتېرىياللىرى سانائەت باغچە رايونى «مۇنەۋۋەر» دەپ بېكىتىلگەن.

جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئۈچ ۋىلايەت، بىر ئوبلاستتىكى ئاپتونوم رايون دەرىجىلىك باغچە رايونلىرى(تەرەققىيات رايونى) بويىچە، ئاقسۇ توقۇمىچىلىق سانائەت شەھەرچىسى(تەرەققىيات رايونى)، ئاقسۇ ئىقتىساد-تېخنىكا تەرەققىيات رايونى، شايار سانائەت باغچە رايونى، يېڭىشەھەر چىلۇ سانائەت باغچە رايونى «مۇنەۋۋەر» دەپ بېكىتىلگەن.

سانلىق مەلۇماتلاردا كۆرسىتىلىشىچە، بۇ يىل 1-ئايدىن 9-ئايغىچە، شىنجاڭدىكى 25 نۇقتىلىق كۆزىتىپ ئۆلچەنگەن باغچە رايونى310 مىليارد 621 مىليون يۈەن سانائەت ئومۇمىي مەھسۇلات قىممىتىنى تاماملىغان، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %0.5 ئېشىشى مۆلچەرلەنگەن.