شىنجاڭ 750 كىلوۋولتلۇق ئېلېكتىر تورى بىلەن تولۇق قاپلاشنى ئىشقا ئاشۇردى

日期:2020年10月16日
来源:天山网
【字体:

شىنجاڭ گېزىتى پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرى چېن چياڭۋېينىڭ دۆلەت ئېلېكتىر تورى شىنجاڭ ئېلېكتىر ئېنېرگىيەسى چەكلىك شىركىتىدىن ئىگىلىشىچە، 10 - ئاينىڭ 14 - كۈنى، ئالتاي − شىمالىي جۇڭغار 750 كىلوۋولتلۇق توك يەتكۈزۈش - بېسىم ئۆزگەرتىش قۇرۇلۇشى رەسمىي ئىشقا كىرىشتۈرۈلگەن. بۇنىڭ بىلەن 750 كىلوۋولتلۇق ئېلېكتىر تورى شىنجاڭنىڭ ئەڭ شىمالىغىچە ئۇزارتىلىپ، 750 كىلوۋولتلۇق ئېلېكتىر تورى بىلەن پۈتۈن شىنجاڭنى قاپلاش ئىشقا ئاشۇرۇلغان.

ئالتاي − شىمالىي جۇڭغار 750 كىلوۋولتلۇق توك يەتكۈزۈش - بېسىم ئۆزگەرتىش قۇرۇلۇشىنىڭ ئومۇمىي سېلىنمىسى 1 مىليارد 670 مىليون يۈەن بولۇپ، 2018 - يىلى 9 - ئايدا قۇرۇلۇش باشلانغان. لىنىيە قۇرۇلۇشى چۆچەك 750 كىلوۋولتلۇق تىرانسفورموتور پونكىتى بىلەن قاناس 750 كىلوۋولتلۇق تىرانسفورموتور پونكىتىنى تۇتاشتۇرۇپ، تارباغاتاي ۋىلايىتىنىڭ قوبۇقسار موڭغۇل ئاپتونوم ناھىيەسى ھەمدە ئالتاي ۋىلايىتىنىڭ بۇرچىن ناھىيەسى، جېمىنەي ناھىيەسىدىن ئۆتىدۇ، قوش قايتما لىنىيە ئومۇمىي ئۇزۇنلۇقى 341 كىلومېتىر بولۇپ، جەمئىي 725 تۆمۈر مۇنار بار. قۇرۇلۇش ئىشقا كىرىشتۈرۈلگەندىن كېيىن، ئالتاي ئېلېكتىر تورىنىڭ سىرتقا يەتكۈزۈش ئىقتىدارى 2 مىليون كىلوۋاتقا ئۆستۈرۈلىدۇ.

ئالتاي − شىمالىي جۇڭغار 750 كىلوۋولتلۇق توك يەتكۈزۈش - بېسىم ئۆزگەرتىش قۇرۇلۇشىنىڭ رەسمىي ئىشقا كىرىشتۈرۈلۈشىگە ئەگىشىپ، دۆلەت ئېلېكتىر تورى چەكلىك شىركىتى شىنجاڭغا 136 مىليارد 800 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىپ، ئۈرۈمچىنى مەركەز قىلغان، شەرقتە قومۇلغىچە، غەربتە بورتالا موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستى، ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستىغىچە بولغان، جەنۇبتا قەشقەر، خوتەن ۋىلايىتىگىچە ئۇزارتىلغان، شىمالدا ئالتاي ۋىلايىتىگە تۇتاشتۇرۇلغان 750 كىلوۋولتلۇق غول تور رامكىسىنى قۇرۇپ، شەرقتىن غەربكە 2000 كىلومېتىرنى توغرىسىغا كېسىپ ئۆتىدىغان، جەنۇبتىن شىمالغا 3300 كىلومېتىرنى كېسىپ ئۆتىدىغان، قاپلاش دائىرىسى 1 مىليون 300 مىڭ كىۋادرات كىلومېتىردىن ئاشىدىغان «ئىچكى قىسىمنى تەمىنلەيدىغان تۆت ھالقا تور»دىن ئىبارەت ئاساسىي تور رامكىسى ئەندىزىسىنى شەكىللەندۈردى.

شىنجاڭنىڭ ئېنېرگىيە بايلىقى مول، يېرى كەڭ، پۈتۈن شىنجاڭنىڭ ئېلېكتىر تورىنى ئۆزئارا تۇتاشتۇرۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇشتا، يىراق مۇساپىلىك، چوڭ سىغىملىق، تۆۋەن سەرپىياتلىق بولۇشتەك ئالاھىدىلىككە ئىگە ئادەتتىن تاشقىرى يۇقىرى بېسىملىق ئېلېكتىر تورىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشقا توغرا كېلىدۇ.

ھازىرغا قەدەر، شىنجاڭدا 750 كىلوۋولتلۇق تىرانسفورموتور پونكىتىدىن 23ى قۇرۇلۇپ، تىرانسفورموتور سىغىمچانلىقى 57 مىليون 500 مىڭ كىلوۋولت ئامپېرغا يەتتى؛ توك يەتكۈزۈش لىنىيەسى 56 بولۇپ، ئومۇمىي ئۇزۇنلۇقى 7764.73 كىلومېتىر، كۈچلۈك، ئىشەنچلىك بولغان ئېلېكتىر تورى شىنجاڭنىڭ جەمئىيەت مۇقىملىقى ۋە ئىقتىسادىي تەرەققىياتىنى يېتەرلىك ئېنېرگىيە كاپالىتى بىلەن تەمىنلىدى، شۇنداقلا شىنجاڭنىڭ توكىنى كەڭ كۆلەمدە سىرتقا يەتكۈزۈشكە پۇختا ئاساس سالدى.