لياۋنىڭ ئۆلكىسىنىڭ پارتىيە، ھۆكۈمەت ۋەكىللەر ئۆمىكى شىنجاڭغا كېلىپ نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتىنى تەكشۈردى

日期:2020年10月16日
来源:天山网
【字体:

شىنجاڭ گېزىتى پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرلىرى يۈەن لېي، لى ياڭ خەۋەر قىلىدۇ: 10 - ئاينىڭ 10 - كۈنىدىن 14 - كۈنىگىچە، لياۋنىڭ ئۆلكىلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ رەئىسى شيا دېرېن لياۋنىڭ ئۆلكىسىنىڭ پارتىيە، ھۆكۈمەت ۋەكىللەر ئۆمىكىنى باشلاپ شىنجاڭغا كېلىپ نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتىنى تەكشۈرۈپ، ئىككى جاينىڭ ھەمكارلىقى، ئالماشتۇرۇشىغا تۈرتكە بولدى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى شۆھرەت زاكىر، ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەشنىڭ رەئىسى نۇرلان ئەبىلمەجىن ئالاقىدار پائالىيەتلەرگە قاتناشتى.

10 - ئاينىڭ 13 - كۈنى چۈشتىن كېيىن، لياۋنىڭ − شىنجاڭ ھەم بىڭتۇەن نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتى سۆھبەت يىغىنى ئۈرۈمچىدە ئېچىلدى. شۆھرەت زاكىر سۆھبەت يىغىنىدا مۇنداق دېدى: لياۋنىڭ ئۆلكىلىك پارتىيە كومىتېتى ۋە ئۆلكىلىك ھۆكۈمەت يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتىنى مۇھىم، زور سىياسىي مەسئۇلىيەت قىلىپ، مۇھىم ئورۇنغا قويۇپ ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىپ، شىنجاڭنىڭ مۇقىملىقى، تەرەققىياتى ئۈچۈن مۇھىم تۆھپە قوشتى، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلق چىن كۆڭلىدىن مىننەتدار بولدى. ھازىر، شىنجاڭ 3 - قېتىملىق مەركەز شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىنىڭ روھى، بولۇپمۇ باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش، يېڭى دەۋردىكى شىنجاڭ خىزمىتىنى جاسارەت بىلەن ئالغا سىلجىتىش ئاچقۇچلۇق مەزگىلىدە تۇرۇۋاتىدۇ، بىز يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا ئىزچىللاشتۇرۇپ، شىنجاڭ خىزمىتى باش نىشانىنى مەھكەم ئىگىلەپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭغا ياردەم بېرىش خىزمىتى توغرىسىدىكى ئورۇنلاشتۇرما - تەلەپلىرىنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، سۇبيېكتلىق رولىمىزنى جارى قىلدۇرۇپ، ئىلغار تەجرىبىلەرنى ئۆگىنىپ، چوڭقۇر ھەمكارلىقنى ئالغا سىلجىتىپ، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ سەمىمىي غەمخورلۇقى، لياۋنىڭ خەلقىنىڭ شەخسىيەتسىز ياردىمى، شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىشتىكى ئالاھىدە ئەۋزەللىكنى شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكىنى ئالغا سىلجىتىشتىكى كۈچلۈك ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچكە ئايلاندۇرۇپ، تىرىشىپ يېڭى دەۋردىكى شىنجاڭنىڭ مۇقىملىقى، تەرەققىياتىنىڭ يېڭى سەھىپىسىنى ياخشى پۈتىمىز.

شيا دېرېن لياۋنىڭ ئۆلكىلىك پارتىيە كومىتېتى ۋە ئۆلكىلىك ھۆكۈمەتكە ۋاكالىتەن شىنجاڭنىڭ يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىدا قولغا كەلتۈرگەن مۇھىم، زور مۇۋەپپەقىيەتلىرىنى تەبرىكلىدى، شىنجاڭنىڭ ئۇزاقتىن بۇيان لياۋنىڭنى قوللىغانلىقى، ياردەم بەرگەنلىكى ۋە شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىۋاتقان كادىرلار، ئىختىساسلىقلارغا كۆڭۈل بۆلگەنلىكى، غەمخورلۇق قىلغانلىقىغا چىن كۆڭلىدىن رەھمەت ئېيتتى. ئۇ مۇنداق دېدى: لياۋنىڭ ئۆلكىلىك پارتىيە كومىتېتى ۋە ئۆلكىلىك ھۆكۈمەت شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتىگە باشتىن - ئاخىر يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭ خىزمىتى توغرىسىدىكى بىر قاتار مۇھىم، زور تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، شىنجاڭ خەلقى بىلەن بىرلىكتە «بىر ۋىلايەت، ئىككى شى»نىڭ ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىنى ئورتاق ئالغا سىلجىتتى. كېيىنكى قەدەمدە، لياۋنىڭ يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى ئەستايىدىل ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ياردەم بېرىش سالمىقىنى يەنىمۇ زورايتىپ، «14 - بەش يىل»لىق شىنجاڭغا ياردەم بېرىش يىرىك پىلانىنى ئىلمىي تۈزۈپ، كەسىپلەر ھەمكارلىقىنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىپ، مائارىپ، داۋالاش ئارقىلىق شىنجاڭغا ياردەم بېرىشنى سىجىل ياخشى ئىشلەپ، ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ كەڭ ئالاقىلىشىشى، ئومۇميۈزلۈك ئالماشتۇرۇشى، چوڭقۇر يۇغۇرۇلۇشىنى يەنىمۇ ئىلگىرى سۈرۈپ، شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتىنى چىن قەلبى، چىن ھېسسىياتى، پۈتۈن كۈچى بىلەن ياخشى ئىشلەپ، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن تېگىشلىك تۆھپە قوشىدۇ.

شىنجاڭدىكى مەزگىلدە، لياۋنىڭ ئۆلكىسىنىڭ پارتىيە، ھۆكۈمەت ۋەكىللەر ئۆمىكى شىخەنزە شەھىرى، چۆچەك شەھىرى، دۆربىلجىن ناھىيەسى قاتارلىق جايلارغا بېرىپ، دوختۇرخانا، مەكتەپ، سانائەت باغچە رايونى، چېگرا پورتلىرىغا چوڭقۇر چۆكۈپ، شىنجاڭغا ياردەم بېرىش تۈرلىرىنىڭ ئىلگىرىلەش ئەھۋالىنى نەق مەيداندا تەكشۈردى، شىنجاڭغا ياردەم بېرىۋاتقان كادىرلار، ئىختىساسلىقلارنى يوقلىدى ۋە ئۇلاردىن ھال سورىدى.

ئاپتونوم رايون ۋە بىڭتۇەن رەھبەرلىرىدىن ليۇ سۇشې، كۇڭ شىڭلۇڭ، ئىلھام سابىر يۇقىرىقى پائالىيەتلەرگە قاتناشتى.