خەلق تۇرمۇشىغا زىچ يېقىنلىشىپ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولايلى

日期:2020年10月16日
来源:天山网
【字体:

− 3- قېتىملىق مەركەز شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش توغرىسىدا

شىنجاڭ گېزىتى ئوبزورچىسى

3 - قېتىملىق مەركەز شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىدا، باش شۇجى شى جىنپىڭ «تەرەققىيات شىنجاڭنىڭ ئەبەدىي ئەمىنلىكىنىڭ مۇھىم ئاساسى» دەپ كۆرسەتتى ھەم 2 - قېتىملىق مەركەز شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىدا ئوتتۇرىغا قويۇلغان «شىنجاڭنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش، شىنجاڭنى ئىتتىپاقلىشىپ مۇقىم قىلىش، شىنجاڭنى ئۇزاققىچە گۈللەندۈرۈش»تە چىڭ تۇرۇشنى «شىنجاڭنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش، شىنجاڭنى ئىتتىپاقلىشىپ مۇقىم قىلىش، شىنجاڭنى مەدەنىيەت ئارقىلىق ئوزۇقلاندۇرۇش، خەلقنى بېيىتىپ شىنجاڭنى روناق تاپقۇزۇش، شىنجاڭنى ئۇزاققىچە گۈللەندۈرۈش»كە كېڭەيتتى. مەيلى تەرەققىياتنىڭ شىنجاڭ خىزمىتى باش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇشتىكى مۇھىم ئەھمىيىتىنى شەرھلەشتە بولسۇن، ياكى «خەلقنى بېيىتىپ شىنجاڭنى روناق تاپقۇزۇش»نى مۇھىم ئورۇنغا قويۇشتا بولسۇن، ھەممىسىگە يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت ئاممىنىڭ گۈزەل تۇرمۇش كەچۈرۈشىگە بولغان سەمىمىي ئۈمىدى سىڭگەن.

ئاپتونوم رايونلۇق 9 - نۆۋەتلىك پارتىيە كومىتېتى 10 - ئومۇمىي يىغىنىدا مۇنداق تەكىتلەندى: 3 - قېتىملىق مەركەز شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىنىڭ روھىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇشتا، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، خەلق تۇرمۇشىغا زىچ يېقىنلىشىپ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇش كېرەك.

پارتىيە 18 - قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، باش شۇجى شى جىنپىڭ شىنجاڭنى مۇقىم، ئەمىن قىلىش ئىستراتېگىيەسى يۈكسەكلىكىدىن، «تەرەققىياتنى تۇتۇش، خەلق تۇرمۇشىغا نەپ يەتكۈزۈش ئارقىلىق، ئاممىنى قىلىدىغان ئىشى بولۇش، پۇل تاپالايدىغان بولۇش، ئۈمىدۋار بولۇش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىپ، پارتىيەنىڭ ھەر مىللەت ئامما ئارىسىدىكى ئۇيۇشتۇرۇش كۈچىنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىپ، ۋەتەننى سۆيىدىغان، شىنجاڭنى سۆيىدىغان ئاكتىپ كۈچنى ئۈزلۈكسىز قوشۇش كېرەك» «ھەر مىللەت ئاممىنىڭ خاتىرجەم ياشىشى، خۇشال - خۇرام ئىشلىشىنى زىچ چۆرىدەپ، ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇش شارائىتىنى ياخشىلايدىغان تۈرلەرنى كۆپرەك يولغا قويۇپ، خەلق تۇرمۇشىغا نەپ يەتكۈزىدىغان ئەمەلىي ئىشلارنى كۆپرەك بېجىرىپ، ھەر مىللەت ئامما دائىم غەم قىلىدىغان مەسىلىلەرنى كۆپرەك ھەل قىلىپ، ھەر مىللەت ئاممىغا پارتىيەنىڭ غەمخورلۇقى ۋە ۋەتەن چوڭ ئائىلىسىنىڭ ئىللىقلىقىنى ھەقىقىي ھېس قىلدۇرۇش كېرەك» دەپ تەكىتلىدى. باش شۇجىنىڭ بىر قاتار مۇھىم سۆزى ۋە مۇھىم يوليورۇقلىرىنىڭ روھى تەرەققىيات «كىم ئۈچۈن، كىمگە تايىنىش كېرەك»تىن ئىبارەت بۇ چوڭقۇر تېمىنى چوڭقۇر شەرھلەپ بەردى. باش شۇجى كۆرسىتىپ بەرگەن يۆنىلىشنى بويلاپ، شىنجاڭدا جەمئىيەت مۇقىم بولغان، خەلق خاتىرجەم ياشايدىغان، خۇشال - خۇرام ئىشلەيدىغان ياخشى ۋەزىيەت بارلىققا كېلىپ، ئەبەدىي ئەمىنلىككە قەدەم قويۇشقا پۇختا ئاساس سېلىندى. ئەمەلىيەت شۇنى ئىسپاتلىدىكى، خەلق تۇرمۇشىغا زىچ يېقىنلىشىپ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇش ئەبەدىي ئەمىنلىككە ئالاقىدار چوڭقۇر قاتلاملىق مەسىلىلەرنى ھەل قىلىدىغان «ئالتۇن ئاچقۇچ».

بۇ بىرقانچە يىلدا، دۆلەتنىڭ سىرتقا ئېچىۋېتىشنى كېڭەيتىش، غەربىي قىسىمنى كەڭ ئېچىش، «بىر بەلباغ، بىر يول» قۇرۇلۇشىنى ئۈزلۈكسىز ئالغا سىلجىتىشىغا ئەگىشىپ، شىنجاڭ نىسپىي بېكىنمە ئىچكى قۇرۇقلۇقتىن سىرتقا ئېچىۋېتىشنىڭ ئالدىنقى سېپىگە ئايلاندى، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات مۇھىم پۇرسەتنى كۈتۈۋالدى. خەلق تۇرمۇشىغا زىچ يېقىنلىشىپ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇشتا يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش ۋە ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، «ئالتىنى مۇقىملاشتۇرۇش» خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەپ، «ئالتىگە كاپالەتلىك قىلىش» ۋەزىپىسىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئىقتىسادنىڭ تەكشى، مۇقىم، ساغلام تەرەققىياتىنى ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك. يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى يادرولۇق رايونى قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىشنى تۈرتكە قىلىپ، شىنجاڭنىڭ ئۆزىنىڭ رايون خاراكتېرلىك ئېچىۋېتىش ئىستراتېگىيەسىنى دۆلەتنىڭ غەربكە ئېچىۋېتىش ئومۇمىي ئورۇنلاشتۇرۇشىغا كىرگۈزۈپ، سىرتقا ئېچىۋېتىش ۋاسىتىسىنى بېيىتىپ، سىرتقا ئېچىۋېتىش قاتلىمىنى ئۆستۈرۈپ، ئوچۇق ئىقتىساد تۈزۈلمىسىدە يېڭىلىق يارىتىپ، ئىچكى قۇرۇقلۇقنى ئېچىۋېتىش ۋە چېگرا بويىنى ئېچىۋېتىش ئېگىزلىكىنى بەرپا قىلىش كېرەك. خاس، ئەۋزەل كەسىپلەرنى يېتىلدۈرۈپ، زورايتىپ، ئاممىنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇپ بېيىشىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك؛ سانائەتنىڭ ئاساسىنى كۈچەيتىپ ئۈنۈمىنى ئاشۇرۇش ۋە تىپىنى ئۆزگەرتىپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشكە تۈرتكە بولۇپ، ئىقتىسادىي تەرەققىياتنىڭ سۈپەت ئۆزگىرىشى، ئۈنۈم ئۆزگىرىشى، ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ ئۆزگىرىشىگە تۈرتكە بولۇش كېرەك. ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشىنى داۋاملىق كۈچەيتىپ، تەرەققىياتتىكى بوغما ھالەت چەكلىمىسىنى ئۈزلۈكسىز بۇزۇپ تاشلاش كېرەك. شەھەر - بازارلاشتۇرۇشنى پائال ئالغا سىلجىتىپ، يېزىلاردىكى تېخىمۇ كۆپ ئاز سانلىق مىللەت ئاممىنى شەھەرگە كىرىپ خىزمەت قىلىش، تۇرمۇش كەچۈرۈش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىش كېرەك. جەنۇبىي شىنجاڭ خىزمىتىنى كۈچەيتىشكە ئەھمىيەت بېرىپ، جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتى ۋە خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاشقا زور كۈچ بىلەن تۈرتكە بولۇپ، تەرەققىيات داۋامىدا خەلق تۇرمۇشىدىكى كەمتۈكلۈكلەرنى تولۇقلاش كېرەك. شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىشنى پۇختا ئالغا سىلجىتىپ، تېخىمۇ كۆپ كارخانىنى شىنجاڭغا كىرىپ مەبلەغ سېلىپ تەرەققىي قىلىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىپ، شىنجاڭغا ياردەم بېرىشنىڭ ماھىيەتلىك مەزمۇنىنى بېيىتىپ، شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىشنىڭ ئۇنىۋېرسال ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈش كېرەك. سۈزۈك سۇ، يېشىل تاغنىڭ ئۆزى بىر بايلىق، دېگەن ئىدىيەدە چىڭ تۇرۇپ، ئېكولوگىيەنى قوغداش قىزىل چېكىنى قەتئىي ساقلاپ، قۇمنى تىزگىنلەش، سۇنى تىزگىنلەش ۋە ئورمان، ئوتلاقنى قوغداش خىزمىتىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ قانات يايدۇرۇپ، گۈزەل شىنجاڭنىڭ ئاسمىنىنى تېخىمۇ كۆك، تاغلىرىنى تېخىمۇ يېشىل، سۈيىنى تېخىمۇ سۈزۈك قىلىش كېرەك.

خەلق تۇرمۇشىغا زىچ يېقىنلىشىپ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولساقلا، بىز شىنجاڭ خىزمىتى باش نىشانىغا يېتىشنىڭ ماددىي ئاساسىنى ئۈزلۈكسىز پۇختىلىيالايمىز، خەلقنىڭ كۈنسېرى ئېشىپ بېرىۋاتقان گۈزەل تۇرمۇشقا بولغان ئېھتىياجىنى ئۈزلۈكسىز قاندۇرالايمىز، ئومۇميۈزلۈك سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەت قۇرۇش يېڭى مۇساپىسىدە گۈللىنىش، تەرەققىيات ئۈستىدە ئورتاق ئىزدىنىش، گۈزەل تۇرمۇشتىن ئورتاق بەھرىلىنىشنىڭ يېڭى مەنزىرىسىنى سىزىپ چىقالايمىز.