كىچىك سۈپۈرگە «بوغۇش» يېڭى تۇرمۇش ياراتتى

日期:2020年10月16日
来源:天山网
【字体:

شىنجاڭ گېزىتى پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرى خەن چىنيەن

سۈپۈرگە بوغۇشمۇ ناھايىتى ئىنچىكە ئىش، ھاشىم توختىنىڭ مۇشۇنداق ئۆزگىچە ھۈنىرى بار.

«بىر قەۋىتىنى ئۇزۇن، بىر قەۋىتىنى قىسقا قىلىمىز، ئوتتۇرىغا يەنە بىر قەۋەت قوشۇپ بوغىمىز.» ھاشىمنىڭ يۇرتى كوناشەھەر ناھىيەسىنىڭ توققۇزاق بازىرى ئاياغمەنگەن كەنتىدە بۇرۇندىنلا سۈپۈرگە قوناق تېرىلغاچقا، نۇرغۇن كەنت ئاھالىلىرى سۈپۈرگە بوغۇشنى ئوبدان بىلەتتى. گەرچە بۇ يەردىكى ھەممە ئائىلىدە سۈپۈرگە بوغۇش ئەنئەنىسى بولسىمۇ، ناھايىتى ئۇزاق بىر مەزگىلدىن بۇيان، ئەۋزەل كەسىپ بولۇپ شەكىللەنمىگەنىدى.

بۈگۈنكى كۈندە، بۇ كەنت سۈپۈرگە بوغۇشنى كەسىپكە ئايلاندۇردى، كىچىك سۈپۈرگە «بوغۇش» ئاياغمەنگەن كەنتىدىكى كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ھاللىق يېڭى تۇرمۇشىنى ياراتتى.

كىچىك سۈپۈرگە «ئەتىۋارلىق بۇيۇم»غا ئايلاندى

«ئىلگىرى ئائىلىدە ئىشلىتىش ئۈچۈن سۈپۈرگە بوغاتتۇق، ھازىر بۇ مېنىڭ ھاللىق تۇرمۇش كەچۈرۈشۈمدىكى ئەتىۋارلىق بۇيۇمغا ئايلاندى. سۈپۈرگە بوغۇشقا تايىنىپ، ھەر ئايدا 3000 يۈەندىن ئارتۇق كىرىم قىلىمەن.» 10 - ئاينىڭ 12 - كۈنى، 20 نەچچە يىل سۈپۈرگە بوغۇش بىلەن شۇغۇللانغان ھاشىمنىڭ چېھرىدە بالىلارچە خۇشاللىق جىلۋىلەندى.

ھاشىم ئائىلىسىنىڭ دەرۋازىسىغا «قول ھۈنەر بۇيۇملىرى دېھقان ئائىلىسى سېخى» دېگەن ۋىۋىسكا ئېسىلغان بولۇپ، دېھقانچىلىقنىڭ ئارىسالدى ۋاقتىدا، ئۆيىدە سۈپۈرگە بوغۇش ئۇنىڭ ئاساسلىق خىزمىتى ئىكەن. سۈپۈرگە بوغىدىغان سۈپۈرگە قوناق شادىسى ئېتىزدا تەييار بولۇپ، بىر سۈپۈرگىنى ئون نەچچە يۈەنگە ساتالايدىكەن.

ئاياغمەنگەن كەنتىدىكى ۋارىس قول ھۈنەر بۇيۇملىرى دېھقانلار كەسپىي ھەمكارلىق كوپىراتىپىدا، قادىر ئەيسا بىلەن خوتۇنى روشەنگۈل ئابدۇكېرەم چېۋەرلىك بىلەن ماسلىشىپ، نەچچە مىنۇتتىلا سۈپۈرگە قوناق شادىسىدىن بىر كىچىك سۈپۈرگىنى بوغۇپ بولدى. «ئىككىمىز دېھقانچىلىقنىڭ ئارىسالدى ۋاقتىدا كۈندە ئالتە سائەت ئىشلەيمىز، بىر كۈندە 40 سۈپۈرگە بوغىمىز، بىرىدىن بەش يۈەن ساپ كىرىم قىلغىلى بولىدۇ، بىر ئايدا 6000 يۈەندىن ئارتۇق كىرىم قىلالايمىز. ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۆيدە بېقىۋاتقان قوي - كالا ۋە ئېتىزدىكى كۆكتات، مېۋىلەرنى قوشقاندا، يىللىق كىرىمىمىز 50 مىڭ يۈەندىن ئاشىدۇ. ھازىرقى تۇرمۇشىمىزنى ھەقىقەتەن چۈشىمىزدىمۇ كۆرۈپ باقمىغانىدۇق.» روشەنگۈل ئىشلىگەنسېرى غەيرەتكە تولدى.

ۋارىس قول ھۈنەر بۇيۇملىرى دېھقانلار كەسپىي ھەمكارلىق كوپىراتىپىنىڭ كېڭەش باشلىقى داۋۇتجان ئابدۇرېھىم مۇنداق دېدى: پۈتۈن كەنتتە ھەر يىلى 1 مىليونغا يېقىن سۈپۈرگە ئىشلەپچىقىرىمىز، بۇ، كەنت ئاھالىلىرىنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇپلا قالماي، زور مىقداردىكى سۈپۈرگە قوناق شادىسىغا بولغان ئېھتىياج يەنە ئەتراپتىكى يېزا - كەنتلەرنىڭ سۈپۈرگە قوناق تېرىشىغا تۈرتكە بولدى.

كىچىك سۈپۈرگىنىڭ «چوڭ سۈپەتلىك ماركا»سى بار بولدى

ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى پارتىيە مەكتىپىنىڭ ئاياغمەنگەن كەنتىدە تۇرۇشلۇق «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» خىزمەت ئەترىتى بۇ يەرگە ئورۇنلاشقان دەسلەپكى مەزگىلدە، كەنتتىكى كۆپىنچە كىشىنىڭ سۈپۈرگە بوغۇش ھۈنىرى بارلىقىنى ئىگىلىدى. ئۇلار كەنت ئاھالىلىرىنى بۇ ھۈنىرىنى ئىشلىتىشكە سەپەرۋەر قىلدى، لېكىن كەنت ئاھالىلىرى بېشىنى كولدۇرمىدەك چايقاپ: «سۈپۈرگە بوغۇپ ئۆيدە ئىشلەتسەك بولىدۇ، بازارغا ئاپىرىپ ساتساق ھېچقانچە پۇل تاپالمايمىز» دېيىشتى.

ئەسلىدە، كەنت ئاھالىلىرى قولدا بوغقان سۈپۈرگىلەر پۇختا، چىداملىق بولسىمۇ، لېكىن كۆلەم شەكىللەنمىگەچكە، سېتىش يوللىرى كەڭ ئەمەس ئىدى.

كەنت ئاھالىلىرىنىڭ سۈپۈرگىچىلىك كەسپىنى زورايتىشى، كۈچەيتىشىگە ياردەم بېرىش ئۈچۈن، 2016 - يىلىنىڭ بېشىدا، كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتى ۋە كەنت «ئىككى كومىتېت»ى كەنت ئاھالىلىرىنى ۋارىس قول ھۈنەر بۇيۇملىرى دېھقانلار كەسپىي ھەمكارلىق كوپىراتىپىنى قۇرۇپ، زاۋۇت ئۆيى سېلىپ، «ۋارىس» ماركىسىنى رويخەتكە ئالدۇرۇشقا يېتەكلىدى، كەنت ئاھالىلىرىنىڭ بىرتۇتاش ماتېرىيال كىرگۈزۈشى، بىرتۇتاش سېتىشىغا ياردەم بەردى. كەنتتە يەنە سۈپۈرگە بوغۇش كۇرسى ئېچىپ، سۈپۈرگە بوغۇش ماھارەت مۇسابىقىسى ئۆتكۈزدى، كەنت ئاھالىسى يۈسۈپ ئابدۇللا بوۋاي ئۆزىلا 150 نەچچە شاگىرت تەربىيەلىدى.

«ھەمكارلىق كوپىراتىپىغا ئەزا بولغاندىن بۇيان، ئائىلىمىزنىڭ تىجارىتى بارغانسېرى جانلاندى.» كەنتتىكى سۈپۈرگە بوغۇش چوڭ ئائىلىسى ئىسمائىل يۈسۈپ ھاياجانلانغان ھالدا مۇنداق دېدى: «ئىلگىرى ئۆزىمىز سېتىش يولى ئىزدەيتتۇق، ھازىر كەنتىمىزدىكى <ۋارىس> سۈپۈرگىسىنىڭ داڭقى چىقىپ، نۇرغۇن خېرىدار داڭقىنى ئاڭلاپ كېلىپ تۈركۈملەپ زاكاز قىلىدىغان بولدى».

زاۋۇتقا كېلىپ ئىشلەشكە قولايسىز بولغان كەنت ئاھالىلىرىگە قارىتا، ھەمكارلىق كوپىراتىپى خام ئەشيانى كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ئۆيىگىچە يەتكۈزۈپ بەردى، يەنە تەييارلانغان سۈپۈرگىنىڭ ھەربىرىنى بەش يۈەندىن ئون يۈەنگىچە باھادا ئۆتكۈزۈۋالدى.

«مەن كۈندە 15 سۈپۈرگە بوغۇپ، بىر كۈندىلا 100 يۈەندىن كۆپرەك پۇل تاپالايمەن» دېدى نامرات ئائىلىدىكى روزى شېرىپ خۇشال ھالدا.

«كەنتتە خەلقنى بېيىتىش كەسپى بولسا، ئادەمنى، بولۇپمۇ ياشلارنى تۇتۇپ قالغىلى بولىدۇ» دېدى داۋۇتجان.

كەنتتە سۈپۈرگە بوغىدىغانلار بارغانسېرى كۆپەيدى، سۈپۈرگىلەر كەنت ئاھالىلىرىنىڭ تۇرمۇش سەۋىيەسىنى كۆرۈنەرلىك ئۆستۈردى، بەزى كەنت ئاھالىلىرى يېڭى ئۆي سالدى، بەزىلىرى شەخسىي ئاپتوموبىل سېتىۋالدى.

ئالاقە تورىدا سېتىش يوللىرى كېڭەيدى

تور لىنىيەسى ئاياغمەنگەن كەنتىدىكى سۈپۈرگىنىڭ داڭقىنى يىراقلارغا تارقاتتى، تېخىمۇ كەڭ بازار ئېچىلدى.

«بازىرى ئىتتىك، سېتىشتىن غەم قىلمايمىز!» دېدى داۋۇتجان كۈلۈپ تۇرۇپ «ئىلگىرى سۈپۈرگىمىزنى ئاساسلىقى قەشقەردە ساتاتتۇق، بۈگۈنكى كۈندە ئالاقە تورىنىڭ ياردىمىدە تىيانشاننىڭ جەنۇبى - شىمالىغا سېتىپلا قالماي، يەنە يىراقتا گەنسۇ، شەندۇڭ قاتارلىق جايلارغا ساتتۇق، يىللىق سېتىش كىرىمىمىز 6 مىليون يۈەنگە يەتتى».

ئاياغمەنگەن كەنتى ۋارىس قول ھۈنەر بۇيۇملىرى دېھقانلار كەسپىي ھەمكارلىق كوپىراتىپىدا بوغۇپ تەييارلانغان سۈپۈرگىلەر تورۇسقا تاقاشقۇدەك تىزىلغان بولۇپ، مالنى تاپشۇرۇۋالىدىغان يۈك ئاپتوموبىلى ئۆي سىرتىدا ساقلاپ تۇراتتى.

«بۇ زاكاز قىلىنغان 1000 سۈپۈرگە شىمالىي شىنجاڭغا ئەۋەتىلىدۇ، كۆپچىلىك يەنە تەپسىلىي تەكشۈرۈپ بېقىڭلار» دېدى داۋۇتجان سېختىكى ئىشچىلارغا قايتا - قايتا تاپىلاپ.

ئوخشاش بولمىغان ئىستېمالچىلارنىڭ ئېھتىياجىغا قارىتا، ئاياغمەنگەن كەنتىنىڭ كەنت ئاھالىلىرى كارىۋات سۈپۈرگىسى، قازان چوتكىسى، ساياھەت ھۈنەر سەنئەت سۈپۈرگىسى قاتارلىق مەھسۇلاتلارنى ياساشقا باشلىدى.

«كارخانا پەقەت ئۈزلۈكسىز يېڭىلىق يارىتىپ، يېڭى ئىستېمال ئېھتىياجىنى ئۈزلۈكسىز قاندۇرغاندىلا، ئاندىن ھاياتىي كۈچىنى ئۇزاققىچە ساقلىيالايدۇ.» داۋۇتجان كەنت ئاھالىلىرىنى دېھقان ئائىلىسى قول ھۈنەر بۇيۇملىرىنى سىناق تەرىقىسىدە توقۇشقا يېتەكلەپ، ئاددىي سۈپۈرگە قوناق شادىسىنى تۈرلۈك شەكىللەرگە كىرگۈزدى.

«كەنتىمىزنىڭ <ۋارىس> ماركىلىق ئەنئەنىۋى سۈپۈرگىلىرى باشقا جايلاردىكى نۇرغۇن زاۋۇتلارنى كېلىپ كۆرۈشكە جەلپ قىلدى، بىزنىڭ ھۈنەر - سەنئەت سۈپۈرگىلىرىمىز كۆرگەزمە زالىنىڭ ئەڭ كۆزگە چېلىقىدىغان يېرىگە قويۇلغان، ئۇلار كۆرگەندىن كېيىن ناھايىتى قىزىقتى.» دېدى داۋۇتجان «نۇرغۇن كىشى بىزنىڭ ھۈنەر - سەنئەت سۈپۈرگىلىرىمىزنى توردىن سېتىۋالىدۇ».

«پارتىيەنىڭ ياخشى سىياسىتىگە رەھمەت، كەنتىمىزدە ئويلاپ باقمىغان ئۆزگىرىشلەر بولدى.» دېدى چېھرىدىن كۈلكە يېغىپ تۇرغان ئىسمائىل «ھازىر بىزنىڭ تۇرمۇشىمىز ھەقىقەتەن كۈنسېرى ياخشىلىنىۋاتىدۇ».