باش شۇجى كۆرسىتىپ بەرگەن يۆنىلىشنى بويلاپ، تىرىشىپ يېڭى دەۋردىكى جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىمىز

日期:2020年09月28日
来源:天山网
【字体:

ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر مىللەت كادىرلار، ئامما 3- قېتىملىق مەركەز شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ، بىردەك مۇنداق بىلدۈردى −

باش شۇجى كۆرسىتىپ بەرگەن يۆنىلىشنى بويلاپ، تىرىشىپ يېڭى دەۋردىكى جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىمىز

شىنجاڭ گېزىتى پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرلىرى

9 - ئاينىڭ 26 - كۈنى، قەشقەر ۋىلايىتىنىڭ قاغىلىق ناھىيەسى لوق يېزىسى كەڭكېچىك كەنتى كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتىنىڭ ئەترەت ئەزالىرى، كەنت«ئىككى كومىتېت»ى ۋە پارتىيە ئەزالىرى، ئاممىنى 3 - قېتىملىق مەركەز شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىنىڭ تېلېۋىزىيە خەۋىرىنى كۆرۈشكە تەشكىللىدى. (ياڭ لۇڭ فوتوسى)

9 - ئاينىڭ 26 - كۈنى، شىنجاڭ داشۆ تارىخ شۆيۈەنى، ماتېماتىكا شۆيۈەنى، جۇڭگو تىل - ئەدەبىيات شۆيۈەنىنىڭ ئوقۇغۇچىلىرى ياتاقلىرىدا 3 - قېتىملىق مەركەز شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىنىڭ خەۋەرلىرىنى كۆرمەكتە. (شيې لۇڭفېي فوتوسى)

9 - ئاينىڭ 26 - كۈنى، خوتەن گېزىتخانىسىنىڭ قاراقاش ناھىيەسى ماڭلاي يېزىسى قۇرغۇي كەنتىدە تۇرۇشلۇق «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» خىزمەت ئەترىتىنىڭ ئەترەت ئەزالىرى ۋە كەنت كادىرلىرى 3 - قېتىملىق مەركەز شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىنىڭ خەۋەرلىرىنى كۆرمەكتە. (خوۋ شىنيۈ فوتوسى)

3 - قېتىملىق مەركەز شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىنىڭ ئېچىلىشى كۈزدىكى ئىللىق قۇياشتەك ئىللىق نۇرى بىلەن تىيانشاننىڭ جەنۇبى - شىمالىدىكى ھەر مىللەت ئوغۇل - قىزلارنىڭ قەلبىنى نۇرلاندۇردى. يىغىن خەۋىرى ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى كەڭ كادىرلار، ئامما بىرىنچى ۋاقىتتا تور، تېلېۋىزور، رادىيو قاتارلىقلار ئارقىلىق ئاڭلىدى، كۆردى، كۆپچىلىك زور ئىلھام ئالدى، ئىنتايىن روھلاندى، مىننەتدارلىق تۇيغۇسى، ھاياجانلىق ھېسسىياتىنى سۆز - ھەرىكىتىدە ئىپادىلىدى.

ھەر مىللەت كادىرلار، ئامما باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ تاغ كەبى مېھىر - مۇھەببىتىدىن چوڭقۇر تەسىرلەندى، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭغا بولغان ئالاھىدە غەمخورلۇقىدىن چوڭقۇر تەسىرلەندى. كۆپچىلىك بىردەك مۇنداق قارىدى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ مەزمۇنى يۈكسەك، ئىدىيەسى چوڭقۇر، ماھىيەتلىك مەزمۇنى مول بولۇپ، يېڭى دەۋردىكى شىنجاڭ خىزمىتىگە يېتەكچىلىك قىلىدىغان پىروگرامما خاراكتېرلىك ھۆججەت، شىنجاڭ خىزمىتىدە توغرا يولدا چىڭ تۇرۇپ يېڭىلىق يارىتىش، غەلىبىسېرى ئالغا ئىلگىرىلەشكە يېتەكچىلىك قىلىدىغان قۇدرەتلىك ئىدىيەۋى قورال. بىز ھەقىقىي تۈردە «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىش، تولۇق ئۆزلەشتۈرۈشنى مۇھىم سىياسىي ۋەزىپە قىلىپ، يادرولۇق مۇھىم مەزمۇنى ۋە روھىي ماھىيىتىنى ئىگىلەپ، ئۇنى خىزمەتلەرگە تۈرتكە بولىدىغان قۇدرەتلىك ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچكە ئايلاندۇرۇپ، تىرىشىپ ئىتتىپاق - ئىناق، ئاۋات - باي، مەدەنىي بولغان، تەرەققىي قىلغان، خاتىرجەم ياشايدىغان، خۇشال - خۇرام ئىشلەيدىغان، ئېكولوگىيەسى ياخشى بولغان يېڭى دەۋردىكى جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىمىز.

پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ سەمىمىي غەمخورلۇقى كىشىلەرنى روھلاندۇردى، جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەشكە ئۈندىدى

ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى بەنگۇڭتىڭى ئۇنىۋېرسال 4 - باشقارمىسىنىڭ باشقارما باشلىقى جۇ ماۋجوۋ مۇنداق دېدى: 3 - قېتىملىق مەركەز شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىنىڭ ئەھمىيىتى مۇھىم، زور. باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇھىم سۆز قىلىپ، يېڭى دەۋردىكى شىنجاڭ خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش ئۈچۈن رولنى تۇتۇپ يۆنىلىشنى بېكىتتى، پىلان تۈزۈپ ئورۇنلاشتۇردى، بۇ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭ خىزمىتىگە يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىدىغانلىقىنى ۋە شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلققە بولغان سەمىمىي غەمخورلۇقىنى تولۇق نامايان قىلدى. بىز يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا ئىزچىللاشتۇرۇپ، تېخىمۇ ياخشى روھىي ھالەت ۋە تېخىمۇ پۇختا خىزمەت ئىستىلى بىلەن تۈرلۈك خىزمەتلەرنىڭ پۇختا ئەمەلىيلىشىشى، جايىدا ئەمەلىيلىشىشىگە تۈرتكە بولىمىز.

«ئالتە يىل ئىلگىرى، باش شۇجى ئۆيۈمگە كەلگەن. ھازىر، باش شۇجىغا تۇرمۇشىمىزنىڭ بارغانسېرى ياخشىلىنىۋاتقانلىقىنى ئېيتقۇم بار.» كوناشەھەر ناھىيەسى توققۇزاق بازىرى ئاياغمەنگەن كەنتىنىڭ كەنت ئاھالىسى ئابدۇقېيۇم روزى مۇنداق دېدى: «باش شۇجىنىڭ مۇھىم سۆزى ئىشەنچىمىزنى تېخىمۇ ئاشۇردى! بىز مەڭگۈ پارتىيەگە مىننەتدارلىق بىلدۈرىمىز، پارتىيەنىڭ گېپىنى ئاڭلايمىز، پارتىيەگە ئەگىشىپ ماڭىمىز، بىر نىيەتتە ھەمكارلاشساقلا نىشاننى ئىشقا ئاشۇرالايمىز».

ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى مائارىپ - پەن - مەدەنىيەت - سەھىيە خىزمىتى كومىتېتىنىڭ مۇدىرى تيەن لېيجېن ئۆگىنىش كۈچلۈك دۆلىتى سۇپىسى ۋە ئانار بۇلۇت تېرمىنالى ئارقىلىق، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنى قايتا - قايتا ئۆگەندى. ئۇ مۇنداق دېدى: باش شۇجىنىڭ مۇھىم سۆزى ھەم پۈتۈن شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت كادىرلار، ئاممىغا ئىنتايىن زور ئىلھام بولدى، ھەم بىزنىڭ تۈرلۈك خىزمەتلەرنى يەنىمۇ ئالغا سىلجىتىشىمىزغا كۈچلۈك تۈرتكە بولدى. بىز باشتىن - ئاخىر كۆتۈرەڭگۈ روھىي ھالەتنى ساقلاپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا ئىزچىللاشتۇرۇپ، شىنجاڭ خىزمىتى باش نىشانىنى مەھكەم ئىگىلەپ، مەۋقەنى ئىش ئورنىمىزغا قويۇپ تۆھپە قوشۇپ، تىرىشىپ نىزام چىقىرىش، نازارەت قىلىش، ۋەكىللەر خىزمىتىدە فۇنكسىيەلىك رولىمىزنى جارى قىلدۇرۇپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭغا كۆڭۈل بۆلۈشى، غەمخورلۇق قىلىشىنى شىنجاڭنىڭ مۇقىملىقى، تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولىدىغان ئەمەلىي نەتىجە - ئۈنۈمگە ئايلاندۇرىمىز.

قەشقەر ۋىلايەتلىك ئاياللار بىرلەشمىسى پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، رەئىس ماھىنۇر يۇنۇس مۇنداق بىلدۈردى: 3 - قېتىملىق مەركەز شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، كەڭ ئاياللارنى يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئەتراپىغا زىچ ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ، باش شۇجى كۆرسىتىپ بەرگەن نىشاننى بويلاپ باتۇرلۇق بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەيمىز.

شىنجاڭ يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ئېركەش قورمانبېك مۇنداق دېدى: باش شۇجى شىنجاڭنى مەدەنىيەت ئارقىلىق ئوزۇقلاندۇرۇش تەلىپىنى ئېنىق ئوتتۇرىغا قويدى، مەدەنىيەت خىزمەتچىسى بولۇش سۈپىتىم بىلەن، باشتىن - ئاخىر جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى پۇختا تۇرغۇزۇشنى چۆرىدەپ سەنئەت ئىجادىيىتىنى قانات يايدۇرۇپ، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى تارىخى، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ كۆپ مەنبە بىر گەۋدىلەشكەن ئەندىزىسىنى تەتقىق قىلىشنى كۈچەيتىپ، جۇڭخۇا مۇنەۋۋەر ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتى ئارقىلىق شىنجاڭنىڭ مۇنبەت تۇپرىقىنى ئوزۇقلاندۇرىمەن.

ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى بەنگۇڭتىڭىنىڭ يېڭىشەھەر ناھىيەسى ئارال يېزىسى خەنىچە كەنتىدە تۇرۇشلۇق «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» خىزمەت ئەترىتىنىڭ ئەترەت باشلىقى، 1 - شۇجى ئىلھام ئەخەت مۇنداق دېدى: باش شۇجىنىڭ مۇھىم سۆزى كىشىنى ھاياجانغا سالىدۇ، جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەشكە ئۈندەيدۇ. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشى، خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلىشىنى قوللاش سالمىقى مىسلىسىز زور بولدى. بىز باش شۇجىنىڭ تەلىپى بويىچە، قايتا نامراتلىشىپ كېتىشنىڭ ئالدىنى ئېلىشنى تەكشۈرۈش - ئۆلچەش ۋە ياردەم بېرىش - يۆلەش تۈزۈم - مېخانىزمىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئومۇميۈزلۈك نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش بىلەن يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشنى ئورگانىك جىپسىلاشتۇرۇشنى داۋاملاشتۇرۇپ ئالغا سىلجىتىپ، ھەر مىللەت ئاممىنى كۈنلىرىنى بارغانسېرى ياخشىلاشقا يېتەكلەيمىز.

شىنجاڭ لەنشەن تۇنخې پولىئېستېر چەكلىك شىركىتىنىڭ مۇئاۋىن باش دىرېكتورى گو جىچېڭ مۇنداق بىلدۈردى: يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىدە داۋاملىق چىڭ تۇرۇپ، يېشىل مەھسۇلات، يېشىل زاۋۇت، يېشىل توپلاشتۇرۇش بىلەن تولۇق قاپلاشنى ئىشقا ئاشۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىپ، شىركەتنى دۆلەت ئىچىدىكى خىمىيە سانائىتى يېڭى ماتېرىياللىرى بويىچە ئالدىنقى قاتاردىكى كارخانا قىلىپ بەرپا قىلىپ، كەسىپنىڭ تىپىنى ئۆزگەرتىپ، دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشكە تۈرتكە بولىمىز.

«باش شۇجىنىڭ مۇھىم سۆزى بىزنىڭ ئالىي مەكتەپ مائارىپى خىزمىتىنى تېخىمۇ ياخشى ئىشلىشىمىز ئۈچۈن ئېنىق يۆنىلىش كۆرسىتىپ بەردى، قۇدرەتلىك ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ قوشتى.» شىنجاڭ يېزا ئىگىلىك داشۆسى پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى شيې شۇچىڭ مۇنداق بىلدۈردى: يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا پارتىيە ئۈچۈن ئادەم تەربىيەلەش، دۆلەت ئۈچۈن ئىختىساسلىقلارنى يېتىشتۈرۈش يۆنىلىشىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، توغراق روھىنى پائال ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىپ، يېڭى دەۋردە چېگرا رايوندا يىلتىز تارتىدىغان، چېگرا رايونغا ئۆزىنى بېغىشلايدىغان سوتسىيالىزمنىڭ تېخىمۇ كۆپ قۇرغۇچىلىرى ۋە ئىزباسارلىرىنى تىرىشىپ يېتىشتۈرىمىز.

قوراللىق ساقچى قىسىم شىنجاڭ باش ئەترىتى مەلۇم ئالاھىدە ئۇرۇش تارماق ئەترىتىنىڭ تارماق ئەترەت باشلىقى ۋاڭ گاڭ مۇنداق بىلدۈردى: شىنجاڭ خىزمىتى باش نىشانىنى مەھكەم ئىگىلەپ، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، مۇقىملىقنى قوغداش ئالدىنقى سەپ بازىسىنى داۋاملىق ياخشى ساقلاپ، شىنجاڭنىڭ جەمئىيەت چوڭ ۋەزىيىتىنىڭ سىجىل مۇقىم، ئۇزاققىچە مۇقىم بولۇشىنى ساقلاش ئۈچۈن كۈچ قوشىمىز.

ئىدىيە ۋە ھەرىكەتنى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىغا بىرلىككە كەلتۈرىمىز

ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى پارتىيە مەكتىپىنىڭ مۇئاۋىن مەكتەپ مۇدىرى دۇەن لياڭ مۇنداق دېدى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىدە 2 - قېتىملىق مەركەز شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىدىن بۇيانقى شىنجاڭ خىزمىتىدە قولغا كەلتۈرۈلگەن مۇھىم، زور نەتىجە - ئۈنۈم ئومۇميۈزلۈك خۇلاسىلىنىپ، ھازىر شىنجاڭ خىزمىتى دۇچ كەلگەن ۋەزىيەت چوڭقۇر تەھلىل قىلىنىپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرى شەرھلىنىپ، ھازىرقى ۋە بۇنىڭدىن كېيىنكى بىر مەزگىلدىكى شىنجاڭ خىزمىتىنىڭ يېتەكچى ئىدىيەسى، نىشان - ۋەزىپىلىرى، فاڭجېن - سىياسەتلىرى، ئىستراتېگىيەلىك تەدبىرلىرى ئايدىڭلاشتۇرۇلۇپ، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكىگە تۈرتكە بولىدىغان نۇقتىلىق خىزمەتلەر ئومۇميۈزلۈك ئورۇنلاشتۇرما قىلىندى، بۇ، ناھايىتى كۈچلۈك سىياسىيۋىلىككە، ئىدىيەۋىلىككە، نەزەرىيەۋىلىككە ئىگە بولۇپ، يېڭى دەۋردىكى شىنجاڭ خىزمىتىگە يېتەكچىلىك قىلىدىغان پىروگرامما خاراكتېرلىك ھۆججەت.

بېيجىڭدا يىغىنغا قاتنىشىۋاتقان ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەشنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى، ئاقسۇ ۋىلايەتلىك پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى دوۋ ۋەنگۇي چەكسىز روھلاندى. «ئەمەلىيەت شۇنى ئىسپاتلىدىكى، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرى تامامەن توغرا، جەزمەن ئۇزاققىچە چىڭ تۇرۇش كېرەك. بىز يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى ئىزچىللاشتۇرۇشنى بىر تۈرلۈك سىياسىي ۋەزىپە قىلىپ، تولۇق، دەل جايىدا ئىزچىللاشتۇرۇشقا كۈچ سەرپ قىلىپ، شىنجاڭ خىزمىتىنىڭ باشتىن - ئاخىر توغرا سىياسىي يۆنىلىشنى ساقلىشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىمىز» دېدى ئۇ.

ئاپتونوم رايونلۇق تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتىنىڭ مۇدىرى شۈ بىن مۇنۇلارنى بىلدۈردى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزى كىشىگە ھەسسىلەپ ئىللىقلىق ھېس قىلدۇردى، زور ئىلھام بولدى. ھەقىقىي تۈردە باش شۇجى ۋە پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۆيۈنۈشىنى يېڭى دەۋردىكى شىنجاڭ خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشنىڭ قۇدرەتلىك ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچىگە ئايلاندۇرۇپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئەمەلىي خىزمەت نەتىجە - ئۈنۈمىگە ئايلاندۇرۇپ، مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىپ نەتىجە يارىتىش داۋامىدا جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەيمىز.

«3 - قېتىملىق مەركەز شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىنىڭ نىشانى ئېنىق، پىكىر يولى روشەن، تەدبىرى كۈچلۈك بولۇپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭ خىزمىتىگە يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىدىغانلىقىنى تولۇق نامايان قىلدى، ھەر مىللەت كادىرلار، ئاممىنىڭ باتۇرلۇق بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەش، بوشاشماي كۈرەش قىلىش ئىشەنچى ۋە ئىرادىسىنى تېخىمۇ چىڭىتتى.» ئۈرۈمچى شەھىرى سايباغ رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، تەشۋىقات بۆلۈمىنىڭ بۆلۈم باشلىقى ما چۈن مۇنداق بىلدۈردى: شىنجاڭ ھېكايىسىنى كۆپ قاتلاملىق، ھەر تەرەپلىمە، ئىستېرېئولۇق ياخشى سۆزلەپ، شىنجاڭنىڭ جەمئىيەت مۇقىم بولغان چوڭ ياخشى ۋەزىيىتىنى، خەلق خاتىرجەم ياشاۋاتقان، خۇشال - خۇرام ئىشلەۋاتقان بەختلىك تۇرمۇشنى مەردانىلىك بىلەن تەشۋىق قىلىمىز.

شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش - قۇرۇلۇش بىڭتۇەنى 9 - شىسى پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، مۇئاۋىن جېڭۋېي شيې يىڭجوۋ مۇنداق بىلدۈردى: بىز مۇقىملىقنى قوغداپ، چېگرانى مۇھاپىزەت قىلىش ۋەزىپە - مەسئۇلىيىتىمىز، بۇرچىمىزنى داۋاملىق ياخشى ئادا قىلىپ، ئىقتىساد، جەمئىيەتنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى ئالغا سىلجىتىش، ئىسلاھاتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش، مەدەنىيەت قۇرۇلۇشى، خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاش قاتارلىق جەھەتلەردە سىجىل كۈچەپ، تەشكىللەش ئەۋزەللىكىمىز ۋە سەپەرۋەرلىك قىلىش ئىقتىدارىمىزنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىپ، ئالاھىدە رولىمىزنى تېخىمۇ ياخشى جارى قىلدۇرۇپ، يېڭى دەۋردىكى جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىش ئۈچۈن كۈچ قوشىمىز.

شىنجاڭ رەڭلىك مېتال گۇرۇھى پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى، باش مۇدىر جاڭ گوخۇا مۇنداق دېدى: 3 - قېتىملىق مەركەز شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىدا يېڭى دەۋردىكى جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىشنىڭ ئالغا ئىلگىرىلەش بۇرغىسى ياڭرىتىلدى. شىنجاڭ رەڭلىك مېتال گۇرۇھى مەۋقەنى قېزىلما بايلىقلارنى ئېچىشنى ئاساسىي كەسىپ قىلىشقا قويۇپ، تىرىشىپ دۆلەت ئىچىدە ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدىغان كانچىلىق گۇرۇھى بەرپا قىلىپ، شىنجاڭ ئىقتىسادىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى ئالغا سىلجىتىش ئۈچۈن كۈچ قوشىمىز.

9 - ئاينىڭ 26 - كۈنى كەچتە، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىلى، غۇلجا ناھىيەسى يېڭىتام بازىرى تۆۋەنكىئون كەنتى پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى مۇساجان نۇردۇن كەنت كادىرلىرى بىلەن بىللە «مەملىكەت خەۋەرلىرى ۋە خەلقئارا خەۋەرلەر»نى كۆردى. ئۇ ھاياجانلانغان ھالدا مۇنداق دېدى: يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، شىنجاڭنىڭ ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتى ۋە خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاشتا مىسلىسىز مۇۋەپپەقىيەتلەر قولغا كەلتۈرۈلدى، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسى، بەخت تۇيغۇسى، بىخەتەرلىك تۇيغۇسى كۆرۈنەرلىك كۈچەيدى. 3 - قېتىملىق مەركەز شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنى شىنجاڭنىڭ گۈزەل كەلگۈسى ئۈچۈن ھەيۋەتلىك ھەم گۈزەل ئۇلۇغۋار پىلان تۈزۈپ بەردى، بۇنىڭدىن كېيىن مەن كادىرلار، ئاممىنى بىر نىيەتتە ئىتتىپاقلىشىپ، غەيرەت بىلەن ئىشلەپ، شىنجاڭنى تېخىمۇ گۈزەل قىلىپ قۇرۇپ چىقىشقا داۋاملىق يېتەكلەيمەن.

مىننەتدارلىق ھېسسىياتىنى كۈرەش قىلىشنىڭ قۇدرەتلىك ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچىگە ئايلاندۇرىمىز

ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەش بەنگۇڭتىڭى باش نۆۋەتچىلىك ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى تاڭ جىرۇڭ مۇنداق بىلدۈردى: يىغىننىڭ ئېچىلىشى ھەم كىشىگە ھەسسىلەپ ئىشەنچ بېغىشلىدى، ھەم زىممىمىزدىكى مەسئۇلىيەتنىڭ مۇھىم، زورلۇقىنى ھېس قىلدۇردى! خىزمەت ئەمەلىيىتىمىزگە بىرلەشتۈرۈپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ غەمخورلۇقىنى ئالغا ئىلگىرىلەشنىڭ ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچىگە ئايلاندۇرۇپ، ئىسلاھات تەپەككۇرى، يېڭىلىق يارىتىش ئىدىيەسى، ئەمەلىي تەدبىرلەر ئارقىلىق فۇنكسىيەنى ئادا قىلىش ئىقتىدارى قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىپ، شىنجاڭ ئىدارە قىلىش سىستېمىسى ۋە ئىدارە قىلىش ئىقتىدارىنىڭ زامانىۋىلىشىشىنى ئالغا سىلجىتىشنىڭ قاتناشقۇچىلىرى، ئەمەلىيەتتە كۆرسەتكۈچىلىرىدىن بولۇپ، تىرىشىپ يېڭى دەۋردىكى جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىش ئۈچۈن ئەقىل - پاراسەت ۋە كۈچ قوشىمىز.

خۇنەن ئۆلكىسىنىڭ 9 - تۈركۈمدە شىنجاڭغا ياردەم بېرىش خىزمەت ئەترىتىنىڭ باش يېتەكچىسى، تۇرپان شەھەرلىك پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى ليۇ جۇڭجيې مۇنداق دېدى: چوقۇم شىنجاڭغا ياردەم بېرىش ۋەزىپە - مەسئۇلىيىتىمىز ۋە بۇرچىمىزنى مەھكەم زىممىمىزگە ئېلىپ، خىزمەت نىشان - ۋەزىپىلىرىنى چىڭ تۇتۇپ، يۇقىرى سۈپەتلىك، يۇقىرى ئۆلچەملىك بولۇش تەلىپىنى ھەر ۋاقىت قەلبىمىزگە پۈكۈپ، قەتئىي تۈردە قانائەتلىنەرلىك جاۋاب قەغىزى تاپشۇرىمىز.

ئاقتۇ ناھىيەسى دۆلەتنىڭ نامراتلارنى يۆلەش - روناق تاپقۇزۇش خىزمىتىدىكى نۇقتىلىق ناھىيە، «ئۈچ رايون، ئۈچ ئوبلاست»تىكى ئېغىر نامرات ناھىيە، 2 - قېتىملىق مەركەز شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىدىن كېيىن، پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ ياخشى سىياسەتلىرى خۇددى باھار شامىلىدەك بۇ جايدىكى ئېگىزلىك، تاغلىق رايونلار، چۆللۈك، بوستانلىقلارنى سىيپاپ ئۆتتى، نامرات كەنتلەر بىر - بىرلەپ، نامرات ئائىلىلەر تۈركۈم - تۈركۈملەپ نامراتلىقتىن قۇتۇلدى، نامراتلىقتىن چېكىندۈرۈلدى. ئاقتۇ ناھىيەلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى، نامراتلارنى يۆلەش - روناق تاپقۇزۇش ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى ۋاڭ چىڭيۇڭ مۇنداق دېدى: بىز يىغىن روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، مىننەتدارلىق ھېسسىياتىمىزنى ئاممىنى نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپ بېيىشقا، ھاللىق سەۋىيەگە يېتىشكە يېتەكلەشتىكى ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچكە ئايلاندۇرۇپ، پۇختا، جاپاغا چىداپ ئىشلەپ، تولۇق غەلىبە قىلمىغۇچە قوشۇننى قەتئىي قايتۇرمايمىز.

ئاپتونوم رايونلۇق ئېكولوگىيەلىك مۇھىت نازارىتى پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ ئەزاسى، مۇئاۋىن نازىر سۈن ۋاڭشېڭ ھاياجانلىق ھېسسىياتى بىلەن خەۋەرنى كۆردى. ئۇ مۇنداق دېدى: بىز باش شۇجىنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، سۈزۈك سۇ، يېشىل تاغنىڭ ئۆزى بىر بايلىق دېگەن ئىدىيەنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى قوغداشتىكى سىياسىي مەسئۇلىيەتنى قەتئىي ئۈستىمىزگە ئېلىپ، تىرىشىپ گۈزەل شىنجاڭنىڭ ئاسمىنىنى تېخىمۇ كۆك، تاغلىرىنى تېخىمۇ يېشىل، سۈيىنى تېخىمۇ سۈزۈك قىلىمىز.

جۇڭگو ئىسلام دىنى جەمئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن جەمئىيەت باشلىقى، شىنجاڭ ئىسلام دىنى شۆيۈەنىنىڭ مۇدىرى ئابدۇرېقىپ تۆمۈرنىياز مۇنداق دېدى: بىز ۋەتەنپەرۋەر دىنىي زاتلارنىڭ ئاكتىپ رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، شىنجاڭدا ئىسلام دىنىنى جۇڭگوچىلاشتۇرۇش يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇپ، دىنىي قائىدە، دىنىي ئەقىدىلەرنى زامانىمىزدىكى جۇڭگونىڭ تەرەققىيات، ئىلگىرىلەش تەلىپىگە ئۇيغۇن، جۇڭخۇا مۇنەۋۋەر ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتىگە ئۇيغۇن قىلىپ شەرھلەپ چۈشەندۈرۈپ، دىننىڭ ساغلام تەرەققىياتىنى ئىشقا ئاشۇرىمىز.

«يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىگە ئاڭلىق توغرىلىنىپ، ئومۇميۈزلۈك نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش بىلەن يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشنى ئورگانىك جىپسىلاشتۇرۇشنى داۋاملاشتۇرۇپ ئالغا سىلجىتىش ئۈچۈن بوشاشماي تىرىشىمىز.» ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى يېزا خىزمىتى رەھبەرلىك گۇرۇپپىسى ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى، ئاپتونوم رايونلۇق يېزا ئىگىلىكى - يېزا نازارىتى پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى جۇ گاڭ مۇنداق دېدى: «يېزا ئىگىلىكى، يېزا، دېھقانلار» خىزمىتىنىڭ پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىدىكى «تۇراقلاشتۇرغۇچ»لۇق رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكىگە تۈرتكە بولۇش ئۈچۈن ئاكتىپ تۆھپە قوشىمىز.

«ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈشنى جەزمەن ئۇزاققىچە ياخشى تۇتىمىز.» ئاپتونوم رايونلۇق ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت نازارىتى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش باشقارمىسىنىڭ مۇئاۋىن باشقارما باشلىقى ما جاۋفېڭ مۇنداق دېدى: يېقىن ئەتراپتا، ئۆز جايىدا ئىشقا ئورۇنلىشىش بىلەن تەرتىپلىك يۆتكىلىپ، سىرتقا چىقىرىپ ئىشقا ئورۇنلىشىشنى ئورگانىك بىرلەشتۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، تۈرلۈك ئامال - چارىلەر بىلەن ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ھەر مىللەت ئەمگەكچىلىرىنى جاپالىق ئەمگىكى ئارقىلىق تېخىمۇ بەختلىك، گۈزەل تۇرمۇش يارىتىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىمىز.

«3 - قېتىملىق مەركەز شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنى ئېچىلىپ، ھەربىرىمىزگە ۋۇجۇدىمىزنىڭ كۈچ - قۇۋۋەتكە تولغانلىقىنى، كەلگۈسىگە بولغان ئۈمىدكە تولغانلىقىمىزنى ھېس قىلدۇردى. مەن چوقۇم باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى يۇرتۇمدىكى ھەربىر كەنت، ھويلىلارغىچە يەتكۈزىمەن، كىشىنى ئىلھاملاندۇرىدىغان خەۋەرنى ھەر مىللەت ئاممىغا يەتكۈزىمەن» دېدى مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىلى، قۇربان تۇلۇم خاتىرە سارىيىنىڭ چۈشەندۈرگۈچىسى رۇقىيە مەتسەيدى.

قابا ناھىيەسىنىڭ ئاقچى بازىرى مىنجۇ ئوتتۇرا يولى مەھەللىسىنىڭ كادىرى مەدىنە مۇقان مۇنداق بىلدۈردى: يىغىن روھىنى ياخشى تەشۋىق قىلىپ، كوچا باشقارمىسى، مەھەللە خىزمىتىنى ئەتراپلىق، ئىنچىكە ئىشلەپ، پارتىيەنىڭ غەمخورلۇقى، كۆيۈنۈشىنى ئامما ئارىسىغا يەتكۈزۈپ، يۇرتۇمنى تېخىمۇ گۈزەل قىلىمەن.

قەشقەر ئىقتىساد تەرەققىيات رايونى پارتىيە خىزمىتى كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، باشقۇرۇش كومىتېتىنىڭ مۇدىرى ياڭ دۇڭشېڭ مۇنداق بىلدۈردى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ تەلىپى بويىچە، يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى يادرولۇق رايونى قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىشنى تۈرتكە قىلىپ، قەشقەر ئۇنىۋېرسال باجدىن خالىي رايونىنىڭ باجدىن خالىي پىششىقلاش، باجدىن خالىي ئەشيا ئوبوروتى، باجدىن خالىي مۇلازىمەت، پورتتا تاموژنىدىن ئۆتكۈزۈش قاتارلىق يادرولۇق فۇنكسىيەسىنى ئومۇميۈزلۈك ئۆستۈرۈپ، ئەتراپتىكى دۆلەتلەرگە يۈزلەنگەن ئەشيا ئوبوروتىنى تارقىتىش، پىششىقلاش - ياساش، سېتىش - مۇلازىمەت قىلىش مەركىزى بەرپا قىلىپ، تەرەققىيات رايونىنىڭ يېڭىلىق يارىتىش كۈچى ۋە رىقابەت كۈچىنى كۈچەيتىمىز.

(مۇخبىر لى ياڭ، قاتناشقان مۇخبىرلار لى شىڭ، جاڭ يۈنمېي، ليۇ يى، فەن خۇڭيى، جاڭ جىلى، سۇ لۇپىڭ، جاڭ شياۋيەن، جەزىرە نېسىپبېك، جاۋ جىيۈن، شى شىن، لياڭ لىخۇا، ۋاڭ يۇڭفېي، جيا چۇنشيا، جاۋ شىيا، جاڭ رۇيلىن، خەن چىنيەن، مېھرىگۈل غوپۇر، لى چۇنشيا، جېڭ جو، چېن چياڭۋېي، ئىختىيارىي مۇخبىرلار ۋېي زىيۈن، ۋاڭ گويىن، يۈ ئەيشيەن)