خەلقنىڭ ساغلاملىقىغا ھەر تەرەپلىمە، پۈتۈن دەۋرىيلىك كاپالەتلىك قىلىمىز

日期:2020年09月27日
来源:天山网
【字体:

− باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مائارىپ، مەدەنىيەت، سەھىيە، تەنتەربىيە ساھەسىدىكى مۇتەخەسسىسلەر ۋەكىللىرى سۆھبەت يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزى ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ داۋالاش - سەھىيە سىستېمىسىدا كۈچلۈك ئىنكاس قوزغىدى

شىنجاڭ گېزىتى پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرلىرى

«خەلقنىڭ ساغلاملىقىنى ئالدىن تەرەققىي قىلدۇرۇلىدىغان ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنغا قويۇپ، تىرىشىپ خەلقنىڭ ساغلاملىقىغا ھەر تەرەپلىمە، پۈتۈن دەۋرىيلىك كاپالەتلىك قىلىپ، مۇكەممەل تۈزۈم سىستېمىسى ئورنىتىشنى تېزلىتىپ، ئاممىۋى سەھىيە بىخەتەرلىكىنى كاپالەتلەندۈرۈپ، ساغلاملىققا پايدىلىق تۇرمۇش شەكلى، ئىشلەپچىقىرىش شەكلى، ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىيات ئەندىزىسى ۋە ئىدارە قىلىش ئەندىزىسىنى شەكىللەندۈرۈشنى تېزلىتىپ، ساغلاملىق بىلەن ئىقتىساد، جەمئىيەتنىڭ ياخشى سۈپەتلىك ماس تەرەققىياتىنى ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك».

9 - ئاينىڭ 22 - كۈنى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ مائارىپ، مەدەنىيەت، سەھىيە، تەنتەربىيە ساھەسىدىكى مۇتەخەسسىسلەر ۋەكىللىرى سۆھبەت يىغىنىنى رىياسەتچىلىك قىلىپ ئاچتى ھەم مۇھىم سۆز قىلدى، بۇ، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ داۋالاش، سەھىيە سىستېمىسىدا قىزغىن ئىنكاس قوزغىدى. كۆپچىلىك بەس - بەستە مۇنداق بىلدۈردى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، خەلقنىڭ ساغلاملىقىنى ئالدىن تەرەققىي قىلدۇرۇلىدىغان ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنغا قويۇپ، ئەمەلىي تەدبىر، قاتتىق تەدبىر قوللىنىپ، تىرىشىپ داۋالاش - سەھىيە ئىشلىرىدا يېڭى ۋەزىيەت يارىتىشقا تۈرتكە بولۇپ، ساغلام شىنجاڭ قۇرۇلۇشىنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىپ، خەلق ئاممىسىنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسى، بەخت تۇيغۇسى ۋە بىخەتەرلىك تۇيغۇسىنى ئۈزلۈكسىز ئاشۇرىمىز.

باش شۇجىنىڭ مۇھىم سۆزى ھازىرقى ۋە بۇنىڭدىن كېيىنكى بىر مەزگىلدە سەھىيە - ساغلاملىق خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشتىكى تۈپ مىزان. ئاپتونوم رايونلۇق سەھىيە - ساغلاملىق كومىتېتى ئاساسىي قاتلام سەھىيە باشقارمىسىنىڭ باشقارما باشلىقى گو ۋېيجياڭ مۇنداق دېدى: «بىز چوقۇم ئاساسىي قاتلام داۋالاش - سەھىيە ئاپپاراتى قۇرۇلۇشىنى تىرىشىپ كۈچەيتىپ، ئۆلچەملەشتۈرۈش قۇرۇلۇشى ۋە ئاساسىي قاتلامغا ئەلا مۇلازىمەت قىلىش سەپىرى پائالىيىتىنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىپ، ئاساسىي قاتلام داۋالاش - سەھىيە ئاپپاراتلىرىنىڭ ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈش ۋە ئىختىساسلىقلارنىڭ ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈش تۈرىنى قانات يايدۇرۇپ، پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى ئاساسىي قاتلام داۋالاش - سەھىيە ئاپپاراتلىرىنىڭ مۇلازىمەت ئىقتىدارى ۋە سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈپ، ئومۇمىي خەلقنىڭ سالامەتلىكىنى تەكشۈرۈش خىزمىتىنى پۇختا ئالغا سىلجىتىپ، خەلق ئاممىسىنىڭ ساغلاملىق سەۋىيەسىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرىمىز».

«بىز باش شۇجىنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، بۇ قېتىمقى يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش داۋامىدا ئەمەلىيەتنىڭ سىنىقىدىن ئۆتكەن تەجرىبە ۋە ئەندىزىلەرنى يەكۈنلەپ، كەمتۈكلۈكلەرنى تولۇقلاپ، ئاجىز تۈرلەرنى كۈچەيتىمىز.» ئاپتونوم رايونلۇق كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش مەركىزى پارازىت قۇرت كېسىلى ۋە بىرۇتسېللا باكتېرىيەسى كېسىلىنىڭ ئالدىنى ئېلىش - داۋالاش ئورنىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى جاۋ جياڭشەن مۇنداق دېدى: «كېسەللىكنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش ئىختىساسلىقلار قوشۇنى قۇرۇلۇشىنى نۇقتىلىق كۈچەيتىپ، ئىختىساسلىقلارنى قوبۇل قىلىش پىلانى تۈزۈپ، ئىلمىي، مۇۋاپىق بولغان ئىختىساسلىقلارنى يېتىشتۈرۈش ۋە رىغبەتلەندۈرۈش مېخانىزمىنى ئورنىتىپ، ئەمەلىي جەڭ مانېۋىرى ۋە تەربىيەلەش سالمىقىنى ئۈزلۈكسىز زورايتىپ، ئاساسىي قاتلامنىڭ كېسەللىكنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش سەۋىيەسىنى زور دەرىجىدە ئۆستۈرۈپ، كېسەللىكنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەشكە ئۇيغۇن كېلىدىغان زامانىۋىلاشقان كەسپىي قوشۇن قۇرۇپ، خەلقنىڭ ساغلاملىقىغا كاپالەتلىك قىلىمىز، قوغدايمىز».

«باش شۇجى جۇڭيى تېبابىتى دورىگەرلىكىگە ۋارىسلىق قىلىش، يېڭىلىق يارىتىش، تەرەققىي قىلدۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈشكە قارىتا تەلەپلەرنى ئوتتۇرىغا قويدى.» ئاپتونوم رايونلۇق سەھىيە - ساغلاملىق كومىتېتى جۇڭيى تېبابىتى دورىگەرلىكى باشقارمىسىنىڭ مۇئاۋىن باشقارما باشلىقى جى بېي مۇنداق بىلدۈردى: جۇڭيى تېبابىتى دورىگەرلىكى مۇلازىمەت سىستېمىسى قۇرۇلۇشىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، جۇڭيى تېبابىتى دورىگەرلىكىنىڭ كېسەللىكنىڭ ئالدىنى ئېلىش، كېسەللىكنى داۋالاشتىكى ئۆزگىچە ئەۋزەللىكى ۋە رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، جۇڭيى تېبابىتى بىلەن غەرب تېبابىتىگە تەڭ ئەھمىيەت بېرىش ۋە ئەۋزەللىكلەر ئارقىلىق ئۆزئارا تولۇقلاشتا چىڭ تۇرۇپ، جۇڭيى تېبابىتى دورىگەرلىكىگە ۋارىسلىق قىلىش بىلەن ئېچىۋېتىش، يېڭىلىق يارىتىش، تەرەققىي قىلدۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرىمىز.

ئاپتونوم رايونلۇق داۋالىنىش كاپالىتى ئىدارىسى پىلان، مالىيە ۋە قانۇن - نىزام باشقارمىسىنىڭ باشقارما باشلىقى ياڭ دۇڭ مۇنداق دېدى: «13 - بەش يىل» مەزگىلىدە، ئاپتونوم رايونىمىز ئاساسىي داۋالىنىش سۇغۇرتىسىنىڭ ئومۇميۈزلۈك قاپلىشىنى ئىشقا ئاشۇردى. «14 - بەش يىل» مەزگىلىدە ئاپتونوم رايونىمىز كاپالەتلەندۈرۈش تېخىمۇ ئادىل، باشقۇرۇش مۇلازىمىتى تېخىمۇ قېلىپلاشقان، داۋالاش بايلىقىدىن پايدىلىنىش تېخىمۇ ئۈنۈملۈك بولغان داۋالىنىش سۇغۇرتىسى تۈزۈمىنى پائال بەرپا قىلىپ، كۆپ قاتلاملىق داۋالىنىش كاپالىتى سىستېمىسىنى تىرىشىپ بەرپا قىلىپ، تېببىي دورا باھاسى ۋە خېرىدار چاقىرىپ سېتىۋېلىش تۈزۈمى ئىسلاھاتى، داۋالىنىش سۇغۇرتىسى چىقىم قىلىش شەكلى ئىسلاھاتى قاتارلىقلارنى سىجىل ئالغا سىلجىتىپ، داۋالىنىش خىراجىتى يۈكىنى ھەقىقىي تۆۋەنلىتىپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ داۋالىنىش كاپالىتىگە بولغان يېڭى ئارزۇسىنى ئۈزلۈكسىز قاندۇرىدۇ.

«بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان، دوختۇرخانىمىز كۈچنى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشقا ۋە ساغلاملىق ئارقىلىق نامراتلارنى يۆلەشكە مەركەزلەشتۈرۈپ، <ۋاكالىتەن باشقۇرۇش شەكلى>دىكى ياردەم بېرىش - يۆلەشنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتتى، ئۈچ ئېغىر نامرات ناھىيەدىكى دوختۇرخانىنىڭ داۋالاش تېخنىكا سەۋىيەسى ئۈنۈملۈك ئۆستۈرۈلدى.» ئاپتونوم رايونلۇق خەلق دوختۇرخانىسى پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى يۈ ئەيپىڭ مۇنداق دېدى: «بىز باش شۇجىنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى يېتەكچى قىلىپ، ئەلا سۈپەتلىك داۋالاش بايلىقىنى تۆۋەنگە چۈشۈرۈشكە پائال يېتەكچىلىك قىلىپ، ئاممىنى يېقىن ئەتراپتا ئادىل مەنپەئەتلىنەلەيدىغان، سىستېمىلىق، سىجىل ئالدىنى ئېلىش، داۋالاش، سالامەتلىكنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش، ساغلاملىقنى ئىلگىرى سۈرۈش قاتارلىق ساغلاملىق مۇلازىمىتىدىن بەھرىمەن قىلىمىز».

«باش شۇجىنىڭ مۇھىم سۆزى بىز ئاساسىي قاتلام داۋالاش خىزمەتچىلىرىنى ئىنتايىن ئىلھاملاندۇردى.» ئۈرۈمچى شەھىرى تىيانشان رايونى بەخت يولى مەھەللىسى سەھىيە مۇلازىمەت مەركىزىنىڭ مۇدىرى دۈەن لېي مۇنداق دېدى: «بىز دائىملاشقان يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەشنى داۋاملىق ياخشى ئىشلەپ، ساغلاملىق تەربىيەسى سالمىقىنى زورايتىپ، ئاممىنىڭ ساغلاملىق ئېڭىنى كۈچەيتىپ، نۇقتىلىق كىشىلەر توپى ۋە ئېغىر، چوڭ كېسەلنىڭ ئۇنىۋېرسال ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، تىرىشىپ ئاممىنىڭ ساغلاملىق <قوغدىغۇچىسى> بولىمىز».

شىنجاڭ تېببىي داشۆسى قارىمىقىدىكى 1 - دوختۇرخانا نېرۋا تاشقى كېسەللىكلەر 2 - ئاغرىقلار رايونىنىڭ مۇدىرى مەمتىلى ئەيسا مۇنداق بىلدۈردى: تېببىي خادىم بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن، يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش ئۇلۇغ روھىنى زور كۈچ بىلەن ئەۋج ئالدۇرۇپ، داۋالاش سەۋىيەسى ۋە مۇلازىمەت ئىقتىدارىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، پۈتكۈل جەمئىيەتتە دوختۇرلارنى ھۆرمەتلەيدىغان، سەھىيە ئىشلىرىغا ئەھمىيەت بېرىدىغان ياخشى كەيپىيات يارىتىپ، خەلقنىڭ سالامەتلىكىگە ھەر تەرەپلىمە، پۈتۈن دەۋرىيلىك كاپالەتلىك قىلىمىز.

(مۇخبىر سۇ لۇپىڭ، قاتناشقان مۇخبىرلار چاۋ جىن، لى چۇنشيا، يۈ مېڭرەن)