ئاپتونوم رايون ئادەتتىكى سۈرئەتلىك تۆمۈريول بىخەتەرلىكىدىكى يوشۇرۇن خەۋپنى ھەر تەرەپلىمە تۈزەش خىزمىتى تېلېۋىزىيە - تېلېفون يىغىنى ئاچتى

日期:2020年09月27日
来源:天山网
【字体:

شىنجاڭ گېزىتى پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرى لياڭ لىخۇا خەۋەر قىلىدۇ: 9 - ئاينىڭ 25 - كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، ئاپتونوم رايون ئادەتتىكى سۈرئەتلىك تۆمۈريول بىخەتەرلىكىدىكى يوشۇرۇن خەۋپنى ھەر تەرەپلىمە تۈزەش خىزمىتى تېلېۋىزىيە - تېلېفون يىغىنى ئاچتى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، ئاپتونوم رايوننىڭ دائىمىي مۇئاۋىن رەئىسى جاڭ چۇنلىن يىغىنغا قاتناشتى ھەم سۆز قىلدى.

يىغىندا مۇنداق تەكىتلەندى: ھەرقايسى جايلار، ھەرقايسى تارماقلار، ھەرقايسى ئورۇنلار سىياسىي يۈكسەكلىكنى ئۆستۈرۈپ، يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرى، بولۇپمۇ ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈش يۈكسەكلىكىدە تۇرۇپ، سىياسىي مەسئۇلىيەتنى ھەقىقىي زىممىگە ئېلىپ، ئادەتتىكى سۈرئەتلىك تۆمۈريول بىخەتەرلىكىدىكى يوشۇرۇن خەۋپنى ھەر تەرەپلىمە تۈزەش خىزمىتىنى پۈتۈن كۈچ بىلەن ئالغا سىلجىتىشى كېرەك.

يىغىندا مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: خىزمەت مەسئۇلىيىتىنى چىڭىتىپ، پۇختىلاپ، تۈزەشتىكى نۇقتىلىق، قىيىن ئىشلارنى زىچ چۆرىدەپ، تۈزەش لايىھەسىنى يەنىمۇ تەتقىق قىلىپ، ئىنچىكىلەشتۈرۈپ، ئۆلچەمگە توغرىلىنىپ، قانۇن - نىزامغا توغرىلىنىپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈشنى ياخشى تۇتۇش كېرەك. قانۇن بويىچە تۈزەشتە چىڭ تۇرۇپ، تۆمۈريولنى تۈزەشتىكى سۇبيېكتلىق مەسئۇلىيەتنى ئەستايىدىل ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، تۆمۈريول بىخەتەرلىكىگە خەۋپ يەتكۈزىدىغان قانۇنغا خىلاپ جىنايى قىلمىشلارنى جازالاش كېرەك. ئۇزاق ئۈنۈملۈك مېخانىزم ئورنىتىپ، ئادەتتىكى سۈرئەتلىك تۆمۈريولنى قاپلىغان بىخەتەرلىك يوشۇرۇن خەۋپنى تۈزەش «قوش ئۇچاستىكا باشلىقى» خىزمەت تۈزۈمىنى تولۇقلاپ ئورنىتىپ، دائىملاشقان باشقۇرۇش - تىزگىنلەشنى يولغا قويۇش كېرەك. تەدبىرلەرنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، نۇقتىلىق، قىيىن بولغان بىخەتەرلىكتىكى يوشۇرۇن خەۋپ مەسىلىلىرىگە قارىتا ۋىۋىسكا ئېسىپ ھەيدەكچىلىك قىلىپ بېجىرىشنى يولغا قويۇپ، خىزمەتلەرنىڭ ئىلگىرىلىشىنى ۋاقتىدا ئىگىلەش كېرەك. تۆۋەن چەك تەپەككۇرىدا چىڭ تۇرۇپ، خەۋپ - خەتەر ئېڭىنى تۇرغۇزۇپ، تۆمۈريول بىخەتەرلىكىنى نازارەت قىلىش - باشقۇرۇشتىكى قانۇن - نىزام، تۈزۈم، ئۆلچەملەرنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، تۆمۈريول بىخەتەرلىكى خەۋپ - خەتىرىنى باشقۇرۇش - تىزگىنلەش سىستېمىسىنى بەرپا قىلىپ، تۆمۈريول بىخەتەرلىكى باشقۇرۇش سەۋىيەسىنى سىجىل ئۆستۈرۈش كېرەك.

يىغىندا، ھەرقايسى ۋىلايەت(ئوبلاست، شەھەر)لەر ھەم بىڭتۇەننىڭ ئالاقىدار شى(شەھەر)لىرىدىكى ئىش تەقسىماتى بويىچە مەسئۇل يولداشلار شۆبە يىغىن مەيدانىدا سۆز قىلدى.

ئاپتونوم رايوننىڭ مۇئاۋىن رەئىسى جاۋ چۇڭجيۇ يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى.