دائىملاشقان يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەشنى پۇختا، ياخشى ئىشلەپ، ئىقتىسادنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا پۈتۈن كۈچ بىلەن تۈرتكە بولۇش كېرەك

日期:2020年09月26日
来源:天山网
【字体:

ئاپتونوم رايونلۇق يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش خىزمىتى قوماندانلىق ئىشتابى سىن يىغىنى ئاچتى

دائىملاشقان يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەشنى پۇختا، ياخشى ئىشلەپ، ئىقتىسادنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا پۈتۈن كۈچ بىلەن تۈرتكە بولۇش كېرەك

شىنجاڭ گېزىتى پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرى جاۋ جىيۈن خەۋەر قىلىدۇ: 9 - ئاينىڭ 23 - كۈنى كەچتە، ئاپتونوم رايونلۇق يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش خىزمىتى قوماندانلىق ئىشتابى مەخسۇس تېمىلىق سىن يىغىنى ئاچتى. يىغىندا ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ خىزمەت تەلىپى زىچ چۆرىدىلىپ، ۋەزىيەت تەھلىل قىلىنىپ، ۋەزىپىلەر ئايدىڭلاشتۇرۇلۇپ، دائىملاشقان يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش ۋە ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ئالغا سىلجىتىش، نۇقتىلىق خىزمەت ۋەزىپىلىرىنى يۇقىرى سۈپەتلىك ياخشى ئىشلەش قايتا ئورۇنلاشتۇرۇلدى، قايتا ئورۇنلاشتۇرما قىلىندى.

ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئاپتونوم رايونلۇق يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش خىزمىتى قوماندانلىق ئىشتابىنىڭ قوماندانى لى پېڭشىن يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى ھەم سۆز قىلدى.

يىغىندا مۇنۇلار تەكىتلەندى: بازار سۇبيېكتىغا كاپالەتلىك قىلغانلىق ئىجتىمائىي ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىگە كاپالەتلىك قىلغانلىق، بازار سۇبيېكتى مۇقىم بولغاندىلا، ئىشقا ئورۇنلىشىش ئاندىن مۇقىم بولىدۇ، كىرىم ۋە ئىستېمال ئاندىن مۇقىم بولىدۇ، ئىقتىسادىي ئايلىنىشنىڭ ياخشى سۈپەتلىك ئايلىنىشى ئاندىن شەكىللىنىدۇ. «بىر قولدا كۈنلۈك تۇتۇپ، بىر قولدا ئىشلەش»تە چىڭ تۇرۇپ، «سىرتتىن كىرىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش، ئىچكى جەھەتتە قايتا كۆرۈلۈشنىڭ ئالدىنى ئېلىش» ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش تەدبىرىنى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈش بىلەن بىللە، بازار سۇبيېكتىنىڭ ھاياتىي كۈچىنى كۈچەپ قوغداش ۋە قوزغىتىش، ھەم «قەھرىتان سوغۇقتا كۆمۈر بېرىش، يامغۇردا كۈنلۈك تۇتۇش» خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەپ، ھەم سىياسەتنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش، قىيىنچىلىقنى ھەل قىلىشىغا ياردەم بېرىش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەپ، تېخىمۇ مۇھىمى مۇھىتنى ئەلالاشتۇرۇش، كۆزلىمىنى مۇقىملاشتۇرۇش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەپ، تىرىشىپ قولدىن كەتكەن ۋاقىتنى قايتۇرۇپ كېلىپ، كېچىكىپ كەتكەن ئىلگىرىلەش سۈرئىتىنى يېتىشتۈرۈۋېلىپ، ئىقتىسادىي تەرەققىيات ئۈچۈن كۈچ توپلاپ، بۇ يىل ياخشى نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈش كېرەك.

يىغىندا مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: تۈرلۈك بازار سۇبيېكتلىرى، بولۇپمۇ ئوتتۇرا، كىچىك، ئۇششاق كارخانىلار، يەككە سودا - سانائەتچىلەرنى قوللاش سالمىقىنى زورايتىپ، قىيىنچىلىقنى ھەل قىلىپ كارخانىلارغا مەنپەئەت يەتكۈزۈش سىياسىتىنى ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، تەشۋىق قىلىش، چۈشەندۈرۈشنى ياخشى ئىشلەپ، كارخانىلارنىڭ ئېھتىياجىنى چىن قەلب، چىن ھېسسىيات، پۈتۈن كۈچ بىلەن دەل جايىدا ئۇدۇللاشتۇرۇپ، مەھسۇلات كۆزلىمە نىشانىغا يېتىش، ئۈنۈمنى ئاشۇرۇشنى چەكلەپ قويۇۋاتقان توسۇق نۇقتا، قىيىن نۇقتا، ئۈزۈك نۇقتا مەسىلىلىرىنى ھەل قىلىشقا پائال ياردەم بېرىپ، سىياسەتنىڭ ئەمەلىيلىشىشىنىڭ دەل جايىدىلىقى، ئەمەلىي ئۈنۈملۈكىنى ئۆستۈرۈش كېرەك. تۈرلۈك چارە - تەدبىرلەرنى قوللىنىپ تۈرگە مەبلەغ سېلىش خىزمىتىگە تۈرتكە بولۇپ، تۈرگە ئادەم ئىشلىتىش، سودىگەر چاقىرىش، مەبلەغ جەلپ قىلىش، مەبلەغ كاپالىتى قاتارلىق خىزمەتلەرنى ياخشى ئىشلەپ، تۈر قۇرۇلۇشىنىڭ ئىلگىرىلەش سۈرئىتىنى تېزلىتىپ، ئىقتىسادنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا كۈچلۈك ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ قوشۇش كېرەك. ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدىغان تىجارەت - سودا مۇھىتىنى كۈچەپ بەرپا قىلىپ، قانۇن بويىچە ئىش بېجىرىش، بازار سۇبيېكتلىرىنىڭ ھوقۇق - مەنپەئىتىنى كاپالەتلەندۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، «قويۇپ بېرىش، باشقۇرۇش، مۇلازىمەت قىلىش» ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، تېخىمۇ كۆپ ئەلا مۇلازىمەت بىلەن تەمىنلەپ، كارخانىلار ئويلىغاننى ئويلاش، كارخانىلار ئالدىرىغانغا ئالدىراش، كارخانىلارنىڭ قىيىنچىلىقىنى ھەل قىلىشنى ھەقىقىي ئىشقا ئاشۇرۇپ، شىنجاڭنى مەبلەغ سېلىشتىكى مۇنبەت تۇپراققا ئايلاندۇرۇش كېرەك.

يىغىندا مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇشنى كۆزدە تۇتۇپ، يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى سېتىش، يېزا ئىگىلىك قوشۇمچە مەھسۇلاتلىرى بىلەن تەمىنلەش، يەم - خەشەك زاپاس ساقلاش، كۈزلۈك تېرىقچىلىق ئېتىز پەرۋىشى قاتارلىق خىزمەتلەرنى پۇختا، ياخشى ئىشلەپ، كۈز، قىش پەسلىدىكى مۇھىم يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى بىلەن ئۈنۈملۈك تەمىنلەش، يېزا ئىگىلىكىدە مول ھوسۇل ئېلىشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. دىققەتنى «ئىككىدىن غەم قىلدۇرماسلىق، ئۈچتە كاپالەتلەندۈرۈش»كە مەركەزلەشتۈرۈپ، يۇقۇم پەيدا قىلغان خەۋپ - خەتەر يوشۇرۇن خەۋپىنى قايتا رەتكە تۇرغۇزۇپ تەكشۈرۈپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇشقا تەسىر يەتكۈزىدىغان ئاجىز ھالقىلارنى قايتا مۇستەھكەملەپ، ھەل قىلغۇچ جەڭ قىلىپ، ھەل قىلغۇچ غەلىبە قىلىشنىڭ ئاساسىي نۇقتىسى، مۇھىم نۇقتىسىنى قايتا ئالغا سىلجىتىپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىنىڭ ئومۇميۈزلۈك غەلىبىسىنى قەتئىي قولغا كەلتۈرۈش كېرەك. ساياھەت سودا كارخانىلىرىنىڭ مۇقىم ئەسلىگە كېلىشىگە تۈرتكە بولۇشنى تېزلىتىپ، كۈز، قىش پەسىللىك ساياھەت تەشۋىقاتىنى ياخشى ئىشلەپ، ئەلا مۇلازىمەت بىلەن تەمىنلەشنى كېڭەيتىپ، ئىستېمال بازىرىنىڭ جەلپكارلىقى ۋە ئىشەنچىنى ئۆستۈرۈش كېرەك. خەلق تۇرمۇشىنى كاپالەتلەندۈرۈش ۋە ياخشىلاش خىزمىتىنى پۇختا ئىشلەپ، ئىنچىكە ئىشلەپ، خەلق ئاممىسى ئەڭ كۆڭۈل بۆلىدىغان، ئەڭ بىۋاسىتە، ئەڭ رېئال مەنپەئەت مەسىلىلىرىنى ھەقىقىي ياخشى ھەل قىلىش كېرەك. مەكتەپلەرنىڭ دائىملاشقان يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش ۋە مائارىپ ئوقۇتۇشى خىزمىتىنى ئومۇميۈزلۈك ئەسلىگە كەلتۈرۈشنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ياخشى ئىشلەپ، مەكتەپلەرنىڭ مۇتلەق بىخەتەرلىكىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

ئاپتونوم رايون رەھبەرلىرىدىن ئەركىن تۇنىياز، تيەن ۋېن، جاڭ چۇنلىن، ۋاڭ مىڭشەن، جاۋ چۇڭجيۇ، جاۋ چىڭ، سۈن خۇڭمېي، ليۇ سۇشې، ليۇ جيەنشىن، ۋەن خەيچۇەن، ياڭ يۇڭ يىغىنغا قاتناشتى.