ئاساسىي قاتلام پۇختا، مۇستەھكەم بولدى − ئاممىنىڭ ھال - ئەھۋالى قەلبكە پۈكۈلدى

日期:2020年09月26日
来源:天山网
【字体:

شىنجاڭ گېزىتى پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرى جاڭ جىلى

ئالتۇن كۈزدىكى 9 - ئايدا، جەنۇبىي شىنجاڭ تۇپرىقىنى ئايلانسىڭىز، گۈللەر پورەكلەپ ئېچىلىپ مېۋىلەرنىڭ خۇش پۇرىقى تارقالغان كۈز پەسلىنىڭ گۈزەل مەنزىرىسىدىن زوقلىنالايسىز.

بۇ چاغدا كۈزلۈك يىغىم بولۇۋاتقان ئېتىز باشلىرىدا، پارتىيە ئەزالىرى باشلامچىلىقىدىكى كەنت ئاھالىلىرى ئۆزئارا ياردەم بېرىش گۇرۇپپىلىرى قول تۇتۇشۇپ ئىشلىمەكتە، ئاساسىي قاتلام تەشكىلاتلىرى ئەۋەتكەن ھەرقايسى كۈچلەر نامراتلارنى يۆلەپ، قىيىنچىلىقى بارلارغا ياردەم بەرمەكتە ئىدى؛ يېزا - كەنت چوڭ سەھنىلىرى ياكى مەدەنىيەت پائالىيەت ئۆيلىرىدە، ھەر مىللەت ئامما ئۆزلىرى تەييارلاپ، ئۆزلىرى ئورۇنلىغان نومۇرلار بىلەن پارتىيەگە بولغان مىننەتدارلىقى ۋە قىزغىن مۇھەببىتىنى ئىپادىلىمەكتە ئىدى.

ئاساسىي قاتلام پۇختا، مۇستەھكەم بولدى، كىشىلەر قەلبى مۇجەسسەملەندى. كادىرلار كۆڭۈل قويۇپ ئىشلەپ ئاممىغا مۇلازىمەت قىلىپ، ئاممىنىڭ ھال - ئەھۋالىنى قەلبىگە پۈكتى؛ ئامما قىيىنچىلىققا يولۇققاندا ئاۋۋال پارتىيە ياچېيكىسىنى ئىزدىدى، پارتىيەنىڭ مېھىر - شەپقىتىنى قەلبىدە ساقلىدى. پارتىيە بايرىقى ھەربىر كەنت، مەھەللە، ئورگان، مەكتەپ، كارخانىلاردا ئېگىز جەۋلان قىلدى، ئاساسىي قاتلام پارتىيە قۇرۇلۇشىنىڭ «نېرۋا ئاخىرقى ئۇچى» قوزغىتىلدى، ئاساسىي قاتلام كادىرلىرىنىڭ ئىشەنچىسى ئاشتى، كەڭ پارتىيە ئەزالىرىنىڭ ئىپتىخارلىق تۇيغۇسى، مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى كۈچەيدى، پارتىيەگە كىرىشنى ئارزۇ قىلىدىغان ياشلار كۆپەيدى، ئاممىنىڭ ئىش قىلىپ نەتىجە يارىتىش ئاكتىپلىقى ئاشتى...

ئاساسىي قاتلامنىڭ ئۇلى پۇختىلاندى

9 - ئاينىڭ 17 - كۈنى سەھەردىكى تاڭ قۇياشىدا، ئۇچتۇرپان ناھىيەسىنىڭ ئالغا بازىرى يار بېشى كەنتىنىڭ كەنت ئاھالىسى سەمەت تۇرسۇن ئېتىزغا بېرىپ لازا ئۈزۈشكە باشلىدى. ئاياغ ئاستىدىكى ئېتىز قىرى قاتتىق بولۇپ، بۇنى سەمەت بىر ئادەم مېڭىپ قاتتىق قىلىۋەتكەن ئەمەس، 3 - ئايدىن باشلاپ لازا تېرىپ تۇنجى قېتىم ئۈزگەندىن تارتىپ ھازىرقى ئىككىنچى قېتىم ئۈزگەنگە قەدەر، كادىرلار ۋە تېخنىك خادىملار دائىم كېلىپ يېتەكچىلىك قىلدى، ياردەم بەردى.

سەمەت ئۈزۈپ بولغان لازىنى كەنتتىكى كۆكتات ھەمكارلىق كوپىراتىپىغا ئاپىرىپ بەرگەندە، ھەمكارلىق كوپىراتىپىنىڭ مەسئۇلى تۇرسۇن مامۇت بىرنەچچە تېرىقچىلىق ئائىلىسى بىلەن كېلەر يىلى ئەتىيازدا كۆكتاتنى قانداق تېرىشنى مۇزاكىرىلىشىۋاتاتتى، ئۇ دەرھال يېنىغا بېرىپ ئاڭلىدى. «بىز ئەسلىدە كۆكتات تېرىشنى بىلمەيتتۇق، 1 - شۇجى ۋە <ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش> خىزمەت ئەترىتىنىڭ ئەترەت ئەزالىرى بىزگە قولمۇقول ئۆگىتىپ، كىرىمىمىزنى ئاشۇرۇپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلۇش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلدى» دېدى پارتىيە ئىزنىكى تاقىۋالغان سەمەت.

يار بېشى كەنتىدىكى ئۈمىدكە تولغان ئېتىزلىقتا، پارتىيە ئەزالىرىنىڭ ئاممىنى باشلاپ بىللە ئىشلەۋاتقان ئەمگەك كۆرۈنۈشلىرىنى ھەممىلا جايدا ئۇچراتقىلى بولاتتى. 2018 - يىلىدىن باشلاپ، بۇ كەنت كۆكتات تېرىقچىلىقى، ئائىلە باقمىچىلىقى، ياڭاق پىششىقلاش، كىيىم - كېچەك پىششىقلاش قاتارلىق يەتتە كەسىپنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ئۈستىدە ئىزدەندى. پارتىيەنىڭ ئاساسىي قاتلام تەشكىلاتلىرى كەنت ئاھالىلەر گۇرۇپپىسى، دېھقانلار كەسپىي ھەمكارلىق كوپىراتىپى، ھەمراھ زاۋۇت، نامراتلارنى يۆلەش سېخىغىچە كېڭەيدى، ھەربىر كەسىپتە پارتىيە ئەزالىرى باشلامچى بولدى، تۈرتكە بولدى.

مۇخبىر جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئۈچ ۋىلايەت، بىر ئوبلاستنىڭ ئاساسىي قاتلاملىرىنى زىيارەت قىلىش داۋامىدا، «پارتىيە ياچېيكىسى + ھەمكارلىق كوپىراتىپى + شىركەت + دېھقان ئائىلىسى» تەرەققىيات ئەندىزىسىنىڭ ھەرقايسى كەنتلەردە ئومۇميۈزلۈك كېڭەيتىلگەنلىكىنى، پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ جەڭگىۋار قورغانلىق رولىنىڭ تولۇق جارى قىلدۇرۇلغانلىقىنى، ئاساسىي قاتلامنىڭ ئۇلى ئۈزلۈكسىز پۇختىلانغانلىقىنى، نامرات ئائىلىلەرنىڭ سىجىل، مۇقىم كىرىمگە ئىگە بولغانلىقىنى، «پۇچەك كەنت»نىڭ «ئەمەلىي كۈچى بار كەنت»كە ئايلانغانلىقىنى، «ئاجىز، چېچىلاڭغۇ كەنت»نىڭ «گۈزەل، ئىتتىپاق كەنت»كە ئايلانغانلىقىنى، ئاممىنىڭ كەنت كادىرلىرىدىن رازى بولۇش دەرىجىسىنىڭ ئۈزلۈكسىز ئاشقانلىقىنى كۆردى.

«پارتىيە قۇرۇلۇشى خىزمىتى ئەڭ ئاساسىي قاتلامغىچە كېڭەيتىلدى.» 9 - ئاينىڭ 19 - كۈنى، پەيزاۋات ناھىيەلىك پارتىيە كومىتېتى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، تەشكىلات بۆلۈمىنىڭ بۆلۈم باشلىقى خې شەنفېڭ مۇخبىرغا مۇنداق دېدى: «ناھىيەمىزدىكى ھەممە كەنتتە ئەسلىھەلىرى تولۇق بولغان كەنت دەرىجىلىك بازا بار، پارتىيە ئەزالىرى پىدائىيلار مۇلازىمەت ئەترىتى بار؛ ھەربىر كەنت ئاھالىلەر گۇرۇپپىسىدا <ئائىلە پارتىيە مەكتىپى> ۋە ئىختىيارىي تەشۋىقاتچىلىرى، <پارتىيە ئەزالىرى ئائىلىسى> بار؛ ھەممە پارتىيە ئەزالىرىنىڭ ئۆيىدە پارتىيە قۇرۇلۇشى <كالېندارى> ئېسىلغان، ھەممە ئادەم تۈرلۈك ئۆگىنىش، تەربىيەلەش پائالىيىتىگە قاتنىشىدۇ».

شۇ كۈنى، پەيزاۋات ناھىيەسى جامباز يېزىسىنىڭ يېزا باشلىقى تۇرسۇن سىيىت بۇ يېزىنىڭ يىپەكچى كەنتىنىڭ كەنت ئاھالىسى ئابدۇقېيۇم قۇرباننىڭ ئۆيىگە كىرگەندە، ئابدۇقېيۇم قىزغىنلىق بىلەن بىر تەرەپتىن قوغۇن تىلىپ، ئۈزۈم يۇيۇپ، بىر تەرەپتىن ئۆزىنىڭ كالا باققانلىقى ۋە خوتۇنىنىڭ ئىشلەمچىلىك قىلغانلىقى ئەھۋالىنى سۆزلەپ بەردى، ئۇ «پارتىيە بىزنى ياخشى كۈن كەچۈرۈشكە يېتەكلىدى» دېگەن بىر جۈملە سۆزنى ئەڭ كۆپ قىلدى.

مىننەتدارلىق ھېسسىياتى تېخىمۇ قويۇقلاشتى

قاراقاش ناھىيەسىنىڭ قاراساي بازىرى ئارال كەنتىدىكى خەلققە قولايلىق كىچىك بازار ھاۋاخان غازى موماي دائىم بارىدىغان جاي. ئۇ كىچىك بازاردا يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمى مەزگىلىدە يۈزبەرگەن بىرقانچە ھېكايىنى ئاڭلىدى.

كەنت ئاھالىسى روزى تۇراپنىڭ قىزى ئۈرۈمچىدە داشۆدە ئوقۇيتتى، ئۇ ۋىيشىن ئىشلىتىشنى بىلمىگەچكە تۇرمۇش خىراجىتىنى قىزىنىڭ بانكا كارتىسىغا ئۇرۇپ بېرىشكە ئامالسىز قالغانىدى. كەنت پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى ئابدۇخېلىل دۆلەت خەۋەر تاپقاندىن كېيىن، ئۆزى يېنىدىن پۇل چىقىرىپ روزى تۇراپنىڭ قىزىغا يوللاپ بەردى؛ باقمىچىلىق ئائىلىسى روزى مامۇتنىڭ ئۆيىدىكى يەم - خەشەك تۈگىگەندە، كەنت «ئىككى كومىتېت»ى بىر تەرەپتىن يەم - خەشەك يۆتكەشنى ماسلاشتۇرسا، يەنە بىر تەرەپتىن ھەر تەرەپكە قاتراپ ئۇنىڭ يەم - خەشەك ئارىيەت ئېلىشىغا ياردەملەشتى؛ گۈلنىياز مەخمۇتنىڭ ئۆيىدە سۇ، توك توختاپ قالغاندا، ئائىلىلەرگە كىرىدىغان كادىر ئۇنىڭ سۇ كارتىسى، توك كارتىسىنى ئېلىپ سۇ، توك سېتىۋېلىپ بەردى، يەنە ئۇنىڭغا ياردەم قىلىپ تۇرمۇش بۇيۇملىرى ۋە دورا ئېلىپ بەردى...

بۇلتۇر پۈتۈن كەنت بويىچە يېزا ئاھالىلىرىنىڭ ئولتۇراقلىشىش مۇھىتىنى تۈزەش ئالغا سىلجىتىلغاندا، كەنت «ئىككى كومىتېت»ى ئەمگەك كۈچى كەمچىل ئائىلىلەرنىڭ مەسىلىنى ھەل قىلىشىغا ياردەم بېرىش ئۈچۈن، بەزى كادىرلار نۆۋەتلىشىپ قۇرۇلۇش ئورنىدا تۇردى، چارچىغان چاغدا ئەدىيال سېلىپ بىردەم ئۇخلىۋالدى. بۇ ئىشلار ئېسىگە كەلسىلا، ھاۋاخاننىڭ كۆڭلى ئىللىپ كېتەتتى، ئۇ بۇ سۆيۈملۈك پارتىيە ئەزالىرى ۋە كادىرلارغا يەنە رەھمەت ئېيتماقچى بولدى. ئالدىنقى قېتىم ئۇ كادىرلارغا ئېتىزدىن ئەمدىلا پىشقان شاپتۇل ئالغاچ كەلدى؛ بۇ قېتىم ئۇ ھازىرغىچە ساقلاپ كەلگەن بىرنەچچە تاۋۇزنى ئېلىپ كەلدى.

«ھاۋاخان ئاچا، ئەمدى ھېچ نەرسە ئېلىپ كەلمەڭ. بىز پارتىيە ئەزاسى، ئاممىغا ياخشى ئىش، ئەمەلىي ئىش قىلىپ بېرىمىز، ھالقىلىق پەيتتە كۆكرەك كېرىپ ئوتتۇرىغا چىقىمىز» دېدى ئاپتونوم رايونلۇق مەدەنىيەت ۋە ساياھەت نازارىتىدىن ئارال كەنتىدە تۇرۇشلۇق 1 - شۇجى ئەنۋەر مەمەت ھاۋاخاننى قولتۇقىدىن يۆلەپ تۇرۇپ. ھاۋاخان ئۇنىمىدى، ئۇ مۇنداق دېدى: «سىلەر مېنىڭ ئەڭ يېقىن كىشىلىرىم، مېنىڭ شۇنچە كۆپ قىيىنچىلىقىمنى ھەل قىلىپ بەردىڭلار، مەن تۇغقىنىمغا ئازراق كۆڭلۈمنى بىلدۈرسەم بولمامدىكەن؟»

«پارتىيە بىزنىڭ ئەڭ يېقىن ئادىمىمىز»، بۇ سۆز دائىم جەنۇبىي شىنجاڭدىكى دېھقانلارنىڭ ھويلىلىرىدىكى ئۈزۈم بارىڭى ئاستىدا، بايراملىق ھال سوراش پائالىيىتى ۋە سەنئەت نومۇرلىرىدا، «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇش» ۋە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى بىرلەشمە دوستلۇق پائالىيىتىدە دائىم تىلغا ئېلىنىدۇ.

ئاقتۇ ناھىيەسىنىڭ پىلال يېزىسى يېيىلغان كەنتىنىڭ كەنت ئاھالىلىرى باغ - ئورمانچىلىق بازىسى قاتارلىق تۈرلەرنىڭ پايدىسىدا نامراتلىقتىن قۇتۇلغاندىن كېيىن، كەنتتە «مىننەتدارلىق بىلدۈرۈش تېمى» قوپۇرۇشنى، پارتىيەگە مىننەتدارلىق بىلدۈرۈش سۆزلىرىنى لەۋھەگە كەشتىلەپ، قاپاققا ئويۇپ، «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» خىزمەت ئەترىتىگە يەتكۈزۈپ بېرىشنى ئوتتۇرىغا قويدى. ئاپتونوم رايونلۇق ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى، رېۋىزىيە كومىتېتىدىن يېيىلغان كەنتىدە تۇرۇشلۇق «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» خىزمەت ئەترىتىنىڭ ئەترەت باشلىقى، 1 - شۇجى ئادىل ئەلى كەنت ئاھالىلىرىگە مۇنداق دېدى: «خەلقنى ھەممىدىن ئەلا بىلىش كوممۇنىستلارنىڭ مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىشى. كۆپچىلىك بىزگە نەرسە سوۋغا قىلىپ رەھمەت ئېيتمىسىمۇ بولىدۇ، سىلەرنىڭ پارتىيەگە بولغان مىننەتدارلىق ھېسسىياتىڭلارنى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىپ ھاللىق سەۋىيەگە يېتىش، گۈزەل يۇرت - ماكان قۇرۇش غەيرىتىگە ئايلاندۇرۇشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن!»

پارتىيە ئەزالىرى قوشۇنى زورايدى

«بىز ھەممىمىز پارتىيەگە كىرىش ئىلتىماسى يېزىپ، ھەممە يەردە نەمۇنىلىك، باشلامچىلىق رولىمىزنى جارى قىلدۇرۇشقا ۋەدە بەرگەن. بۇ قېتىم سىرتقا چىقىپ پاختا تېرىشتا، بىز ئەمگەك قىلىش قاتارلىق جەھەتلەردە ئۈلگە بولۇپلا قالماي، يەنە كۆپچىلىكنىڭ ھالىدىن ياخشى خەۋەر ئېلىشىمىز كېرەك» دېدى 9 - ئاينىڭ 20 - كۈنى قاغىلىق ناھىيەسىنىڭ بەشئېرىق يېزىسى كەنتىئىچى كەنتىدىكى پاختا تېرىش ئىشلەمچىلەر ئەترىتى يېقىن ئەتراپتىكى ناھىيە، شەھەرلەرگە بېرىپ پاختا تەرمەكچى بولغاندا، ئىشلەمچىلەر ئەترىتىدىكى پارتىيە ئەزاسى پاتىگۈل نىياز بىرنەچچە پارتىيەگە كىرىش ئاكتىپلىرىغا تاپىلاپ.

پاتىگۈلنىڭ سىرتقا چىقىپ پاختا تېرىپ، يەنە بىللە بارغانلارنىڭ غېمىنى يەۋاتقانلىقىنى كۆردى. ئۇنىڭ قوشنىسى گۈلنىسا تۇردىنىياز ئىچى ئاغرىغان ھالدا ئۇنىڭغا مۇنداق دېدى: «شۇنچە كۆپ ئادەم سىرتقا چىققاندا ئەر كىشى ئايال كىشىنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئېلىشى كېرەك، بەك جاپا تارتىپ كەتمەڭ.» «مەن پارتىيە ئەزاسى، نەمۇنىلىك، باشلامچىلىق رولۇمنى جارى قىلدۇرىمەن» دېدى پاتىگۈل نىياز.

بىر ئاي ئىلگىرى، پارتىيە ئەزاسى مەخمۇت مۇراتنىڭ پۇتى يارىلانغان بولۇپ، كەنت پارتىيە ياچېيكىسى پارتىيە ئەزالىرىنى ۋەزىپە ئىجرا قىلىشقا تەشكىللىگەندە ئۇنى ئورۇنلاشتۇرمىغانىدى. كېيىن، ئۇ كەنت ياچېيكا شۇجىسىنى ئىزدەپ بېرىپ «مۇنازىرىلىشىپ»: «مەن پارتىيە ئەزاسى، پارتىيەگە كىرگەندىن كېيىن ھەممە يەردە باشلامچى بولۇشۇم كېرەك، ھازىر بارلىق پارتىيە ئەزالىرىنىڭ ۋەزىپىسى بار تۇرسا، نېمىشقا مېنى قالدۇرۇپ قويىسىز؟ پۇتۇم ياخشى ئىشلىمىسىمۇ، قىلالايدىغان ئىشلىرىم ناھايىتى كۆپقۇ» دېدى.

كەنت پارتىيە تەشكىلاتى خىزمىتىنىڭ يۈرۈشۈشى قېلىپلاشتى، پارتىيە ئەزالىرى قوشۇنى زورايدى، ئاممىغا مۇلازىمەت قىلىش ئىقتىدارى كۈچەيدى. بۇ ئۆزگىرىشلەرنى كۆرگەن پېشقەدەم پارتىيە ئەزاسى مىراۋۇت مەمەت ھاياجانلىنىپ مۇنداق دېدى: ئۇيۇشۇش كۈچى كۈچەيدى، ئاساسىي قاتلام تېخىمۇ پۇختا، مۇستەھكەم بولدى.

جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئۈچ ۋىلايەت، بىر ئوبلاستتا كەنت دەرىجىلىك زاپاس كادىرلار قوشۇنى، پارتىيە ئەزالىرى قوشۇنى ئۈزلۈكسىز زورايدى. بۇنىڭ ئىچىدە، ياش پارتىيە ئەزالىرى، يۇرتىغا قايتقان پارتىيەلىك داشۆ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ ئىگىلىگەن نىسبىتى بارغانسېرى يۇقىرى بولدى.

«پارتىيە تەشكىلاتى مېنى تەربىيەلىدى، مەن چوقۇم ئۈزلۈكسىز ئۆگىنىپ، تىرىشىپ ئىشلەپ، ئاممىنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىپ، ھاللىق سەۋىيەگە يېتىشى ئۈچۈن كۆپرەك تۆھپە قوشىمەن» دېدى كۇچا شەھىرىنىڭ ئالاقاغا بازىرى باغۋەن كەنتى پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ ئەزاسى، نامراتلارنى يۆلەش مەخسۇس كادىرى سۇلايمان توختى.