خەلق رازى بولىدىغان مائارىپنى تىرىشىپ بەرپا قىلىمىز

日期:2020年09月25日
来源:天山网
【字体:

− باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مائارىپ، مەدەنىيەت، سەھىيە، تەنتەربىيە ساھەسىدىكى مۇتەخەسسىسلەر ۋەكىللىرى سۆھبەت يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزى ئاپتونوم رايونىمىزدا قىزغىن ئىنكاس قوزغىدى

شىنجاڭ گېزىتى پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرى جاۋ شىيا، ئىختىيارىي مۇخبىر جاڭ لۇ

9 - ئاينىڭ 22 - كۈنى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭنىڭ مائارىپ، مەدەنىيەت، سەھىيە، تەنتەربىيە ساھەسىدىكى مۇتەخەسسىسلەر ۋەكىللىرى سۆھبەت يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزى ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ مائارىپ ساھەسىدە قىزغىن ئىنكاس قوزغىدى. كەڭ مائارىپ خىزمەتچىلىرى مۇنداق بىلدۈرۈشتى: مائارىپ ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىدا دۇچ كەلگەن يېڭى ۋەزىيەت، يېڭى ۋەزىپىلەرنى توغرا ئىگىلەپ، مائارىپ ئىشلىرىنى ئالدىن تەرەققىي قىلدۇرۇشتا چىڭ تۇرۇپ، پارتىيە ئۈچۈن ئادەم تەربىيەلەش، دۆلەت ئۈچۈن ئىختىساسلىقلارنى يېتىشتۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، خەلق رازى بولىدىغان مائارىپنى تىرىشىپ بەرپا قىلىمىز.

«باش شۇجىنىڭ سۆزى پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرىنىڭ تەرەققىيات پۈتۈن ۋەزىيىتى يۈكسەكلىكىدە تۇرۇپ، مائارىپ ئىشلىرىنىڭ ئورنى، ۋەزىپىسى ۋە نىشانىنى يەنىمۇ تەكىتلەپ، بىزنىڭ <14 - بەش يىل> مەزگىلىدىكى مائارىپ خىزمىتىنى ئومۇميۈزلۈك ياخشى ئىشلىشىمىزگە ئېنىق يۆنىلىش كۆرسىتىپ بەردى» دېدى ئاقسۇ ۋىلايەتلىك پارتىيە كومىتېتى مائارىپ خىزمىتى كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ۋىلايەتلىك مائارىپ ئىدارىسى پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى جاڭ ۋېي.

يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئاقسۇ ۋىلايىتى مائارىپنى ئالدىن تەرەققىي قىلدۇرۇش ئىستراتېگىيەسىنى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈردى، مائارىپ ئىشلىرىدا خۇشاللىنارلىق ئۆزگىرىشلەر بولدى. جاڭ ۋېي مۇنۇلارنى بىلدۈردى: باش شۇجىنىڭ تەلىپى بويىچە، پارتىيەنىڭ مائارىپ فاڭجېنىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، سوتسىيالىستىك مەكتەپ باشقۇرۇش يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇپ، ئەخلاق ئارقىلىق ئادەم تەربىيەلەشنى تۈپ ۋەزىپە قىلىپ، ئەخلاقىي، ئەقلىي، جىسمانىي، گۈزەللىك، ئەمگەك جەھەتلەردىن ئەتراپلىق يېتىلگەن سوتسىيالىزمنىڭ قۇرغۇچىلىرى ۋە ئىزباسارلىرىنى تىرىشىپ يېتىشتۈرىمىز. تېخىمۇ تولۇپ تاشقان قىزغىنلىق، تولۇق غەيرەت بىلەن مائارىپ تۈزۈلمە ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، مائارىپ ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىدا ئۈزلۈكسىز يېڭى ۋەزىيەت يارىتىمىز.

شىنجاڭ داشۆ غەربىي شىمال چېگرا رايونىغا جايلاشقان «قوش ئالدىنقى قاتار» قۇرۇلۇشىدىكى ئالىي مەكتەپ بولۇش سۈپىتى بىلەن، باش شۇجى شى جىنپىڭ تەكىتلىگەن «دۆلىتىمىزدىكى ئالىي مەكتەپلەر ئېغىر مەسئۇلىيەتنى باتۇرلۇق بىلەن زىممىسىگە ئېلىپ، دىققەتنى دۆلەتنىڭ ئىستراتېگىيە ئېھتىياجىغا مەركەزلەشتۈرۈپ، ئاچقۇچلۇق، يادرولۇق تېخنىكىلاردا تېخنىكا ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشنى تېزلىتىشنى نىشانلىشى كېرەك»نى ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈشىنىڭ ئەھمىيىتى مۇھىم، زور. شىنجاڭ داشۆ پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى شۈ شيەنيى مۇنۇلارنى بىلدۈردى: پارتىيەنىڭ مائارىپ فاڭجېنىنى قەتئىي، كەسكىن ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئالىي مەكتەپلەرنىڭ رايون تەرەققىيات ئىستراتېگىيەسىگە مۇلازىمەت قىلىش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈش كېرەك. دىققەتنى ئېنېرگىيە بايلىقى، يېڭى ماتېرىيال قاتارلىق ساھەلەردىكى ئاچقۇچلۇق مەسىلىلەرگە مەركەزلەشتۈرۈپ، قوللىنىشچان ئۇل تەتقىقات ۋە تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىشنى قانات يايدۇرۇش كېرەك. شىنجاڭنىڭ يېڭىچە سانائەتلەشتۈرۈش ئىستراتېگىيەسىنى چۆرىدەپ، ئاچقۇچلۇق، يادرولۇق تېخنىكىلارنى نىشانلاپ، دىققەتنى سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدار، چوڭ سانلىق مەلۇمات، ھاسىلىي ئېنېرگىيە قاتارلىق پەن - تېخنىكا ئالدىنقى سېپىگە مەركەزلەشتۈرۈپ، ئۇچۇرلاشتۇرۇشنىڭ سانائەتلەشتۈرۈش بىلەن چوڭقۇر يۇغۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىپ، ئىختىساسلىقلارنى يېتىشتۈرۈش سۈپىتىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈش كېرەك.

ئۈرۈمچى شەھەرلىك 80 - باشلانغۇچ مەكتەپ پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، مەكتەپ مۇدىرى يىن جيې مۇنداق دېدى: باش شۇجى شى جىنپىڭ «ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئەخلاقىي، ئەقلىي، جىسمانىي، گۈزەللىك، ئەمگەك جەھەتلەردىن ئەتراپلىق يېتىلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ۋەتەنپەرۋەرلىك ھېسسىياتى، جەمئىيەت مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى، يېڭىلىق يارىتىش روھى، ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈش ئىقتىدارىنى يېتىلدۈرۈشىمىز كېرەك» دەپ تەلەپ قىلدى، بۇ بىزنىڭ مەكتەپ ئەخلاق تەربىيەسى خىزمىتىنى ياخشى ئىشلىشىمىزدىكى تۈپ مىزان. ئۇ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: نۆۋەتتە، مەكتىپىمىزدە ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت يېتەكچى قىلىنغان «كۆڭۈللۈك مائارىپ» سۈپەتلىك ماركا خاسلىقىنى شەكىللەندۈردۇق. بۇنىڭدىن كېيىن دەرس بايلىقىنى تىرىشىپ قېزىپ، ئىدىيەۋى - سىياسىي نەزەرىيە دەرسخانىسىدا يېڭىلىق يارىتىپ، ئىدىيەۋى - سىياسىي نەزەرىيە تەربىيەسىنى ئوقۇتۇش، تۈرلۈك پائالىيەتلەر بىلەن چوڭقۇر يۇغۇرۇپ، مائارىپنىڭ سوتسىيالىستىك يادرولۇق قىممەت قارىشىنى يېتىلدۈرۈش ۋە ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىش داۋامىدىكى رولىنى ئۈزلۈكسىز جارى قىلدۇرىمىز.