شىنجاڭدىكى 55 خىل جۇڭيى دورىسى، مىللىي تېبابەت دورىسى ئاپتونوم رايوننىڭ داۋالىنىش سۇغۇرتىسى مۇندەرىجىسىگە كىرگۈزۈلدى

日期:2020年09月25日
来源:天山网
【字体:


شىنجاڭدا ھازىر55 خىل جۇڭيى دورىسى، مىللىي تېبابەت دورىسى ئاپتونوم رايوننىڭ داۋالىنىش سۇغۇرتىسى مۇندەرىجىسىگە كىرگۈزۈلدى، بۇنى مۇخبىرلار 9-ئاينىڭ 22-كۈنى ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسى ئاچقان ئاپتونوم رايوننىڭ جۇڭيى تېبابىتى دورىگەرلىكىنىڭ تەرەققىياتى توغرىسىدىكى ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدىن ئىگىلىدى.

  زۇكام جەۋھىرى، زۇپاجەۋھىرى، غار-غار سۈيى... بۈگۈنكى كۈندە، تېخىمۇ كۆپ شىنجاڭ دورىلىرى ئىچكىرى رايونلاردا تونۇلدى، بۇ جۇڭيى دورىلىرى، مىللىي تېبابەت دورىلىرىنىڭ دۆلەتنىڭ ئاساسلىق دورىلار مۇندەرىجىسىگە كىرگۈزۈلۈشى مەملىكەت مىقياسىدا تېخىمۇ يىراققا بارالايدىغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ، شىنجاڭ ئۇيغۇر دورىگەرلىك چەكلىك شىركىتى، شىنچىكاڭ دورىگەرلىك پاي چەكلىك شىركىتى قاتارلىق دورىگەرلىك كارخانىلىرىمۇكۈندىن-كۈنگە تونۇلماقتا. ئىگىلىنىشىچە، ئاپتونوم رايوننىڭ جۇڭيى تېبابىتى دورىلىرى ساغلاملىق كەسىپلىرى تەرەققىياتىدا نۇرغۇن بۆسۈش قولغا كەلتۈرۈلگەن بولۇپ، نۆۋەتتە پۈتۈن ئاپتونوم رايوندا جۇڭيى دورىلىرى سانائىتى كارخانىسىدىن 55ى بار ئىكەن، بازارغا سېلىنغان 55 تۈرلۈكجۇڭيى دورىسى، مىللىي تېبابەت دورىسىنىڭ ھەممىسى ئاپتونوم رايوننىڭ داۋالىنىش سۇغۇرتىسى مۇندەرىجىسىگە كىرگۈزۈلگەن،دۆلەتنىڭ داۋالىنىش سۇغۇرتىسى مۇندەرىجىسىگە22 تۈرلۈك دورا كىرگۈزۈلگەن؛ شىنجاڭنىڭ ئۆزىدە ئىشلەپچىقىرىلغان جۇڭيى دورىلىرى بويىچە تەتقىق قىلىنىۋاتقان يېڭى دورا تۈردىن 39ى، يېتىشتۈرۈلگەن تۈردىن 41ى بار ئىكەن؛ جۇڭيى دورىلىرىنى ئۆلچەملەشتۈرۈش قۇرۇلۇشىدىمۇ دەسلەپكى نەتىجە-ئۈنۈم قولغا كەلتۈرۈلگەن بولۇپ، 14 خىل ئۇيغۇر دورىگەرلىكى ماتېرىيالى دۆلەتنىڭ دورا ماتېرىيالى ئۆلچىمىنى ئېلان قىلىش ئىسپاتىغا ئېرىشكەن، «زۇكام جەۋھىرى» دۆلەتنىڭ جۇڭيىچە تەييار دورا بويىچە چوڭ تۈرلەرنى ئۆلچەملەشتۈرۈش تەتقىقات تۈرىگە كىرگۈزۈلگەن.

  جۇڭيى دورىلىرىنىڭ مەنبەسىيېتەرسىز بولۇش، سۈپىتى تەكشى بولماسلىق قاتارلىق بازاردا ساقلىنىۋاتقان مەسىلىلەرگە قارىتا، ئاپتونوم رايونلۇق سەھىيە-ساغلاملىق كومىتېتىنىڭ 2-دەرىجىلىك كۆزەتكۈچىسى ساۋ يۈجىڭ تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: بۇنىڭدىن كېيىن، ئاپتونوم رايونىمىز سۈپەتلىك جۇڭيى دورا ماتېرىياللىرىنى ئېكولوگىيەلىك ئۆستۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، سۈپەتلىك جۇڭيى دوراماتېرىياللىرىنىڭ ئىشلەپچىقىرىلىشىغا مەنبەدىن كاپالەتلىك قىلىپ،جۇڭيى دورىلىرىنى ئىشلەپچىقىرىشنىڭ تۈرلۈك تەرتىپلىرىدىكى تېخنىكىلارنى تىرىشىپ قېلىپلاشتۇرۇپ، ئەلالاشتۇرۇپ، جۇڭيى دورىلىرىنى ئۆلچەملەشتۈرۈش مۇلازىمەت تىرىكى سىستېمىسىنى سىستېمىلىق قۇرۇپ چىقىدۇ. ئوسما يىلتىزى، توشقان زەدىكى، پەربۇن، چۈچۈكبۇيا قاتارلىق كۆپچىلىككە تونۇش بولغان جۇڭيى دورا ماتېرىياللىرىنى گۇما ناھىيەسى، قاراقاش ناھىيەسى قاتارلىق ئالتە نامرات ناھىيەدە قېلىپلاشقان ئۆستۈرۈش ۋە «زاكازلىق دورا ئۆسۈملۈك باغچىسى»نى نۇقتىدا سىناق قىلىش خىزمىتىقانات يايدۇرۇلدى، شۇنىڭ بىلەن بىللە، گۇما ناھىيەسى، قاراقاش ناھىيەسى، ئۇچتۇرپان ناھىيەسىدىن ئىبارەت ئۈچ نامرات ناھىيەدە يەنە جۇڭيى دورا ماتېرىياللىرىنىڭ سۈپىتىگە كاپالەتلىك قىلىشنى نۇقتىدا سىناق قىلىش خىزمىتىئالغا سىلجىتىلىۋاتىدۇ.

  بۇنىڭدىن باشقا، ئاپتونوم رايون يەنە جۇڭيى تېبابىتى دورىگەرلىكىنىڭ ياشانغاندا كۈتۈنۈش، كۈتۈنۈش ساياھىتى بىلەن بولغان يۇغۇرما تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، جۇڭيى تېبابىتى دورىلىرىساغلاملىق ساياھىتى بويىچە ئۈلگە كۆرسىتىش بازىسى قۇرۇپ، كەسىپلەرنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرگەن. نۆۋەتتە، موڭغۇلكۈرە ناھىيەلىك جۇڭيى تېبابىتى دوختۇرخانىسى بىلەن چاغانتوقاي ناھىيەسىدىكى خۇڭجەن زاراڭزا ئۆستۈرۈش بازىسى تۇنجى تۈركۈمدە دۆلەتنىڭ جۇڭيى تېبابىتى دورىلىرى ساغلاملىق ساياھىتى بويىچە ئۈلگە كۆرسىتىش بازىسى قىلىپ قۇرۇلىدىغان ئورۇن قاتارىغا كىرگۈزۈلگەن، ئالتاي شەھىرى قىران دەرياسىجىلغا ئورمىنى سالامەتلىكنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش-كۈتۈنۈش بازىسى بىلەن گۇچۇڭ جامبۇلاق دۆلەت ئورمان باغچىسى تۇنجى تۈركۈمدە دۆلەت ئورمىنى سالامەتلىكنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش-كۈتۈنۈش بازىسى قاتارىغا كىرگۈزۈلگەن.