10- تۈركۈمدە مەركەز ۋە دۆلەت ئورگانلىرى، مەركەز كارخانىلىرىدىن شىنجاڭغا ياردەم بېرىدىغان كادىرلار، ئىختىساسلىقلارنى قارشى ئېلىش يىغىنى ھەم تەربىيەلەش كۇرسىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلدى

日期:2020年09月24日
来源:新疆日报
【字体:

چېن چۈەنگو، لى شياۋشىن سۆز قىلدى

شەۋكەت ئىمىن، نۇرلان ئەبىلمەجىن، ۋاڭ جۈنجېڭ، لى پېڭشىن قاتناشتى لى جۇڭ رىياسەتچىلىك قىلدى

9 - ئاينىڭ 22 - كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، 10 - تۈركۈمدە مەركەز ۋە دۆلەت ئورگانلىرى، مەركەز كارخانىلىرىدىن شىنجاڭغا ياردەم بېرىدىغان كادىرلار، ئىختىساسلىقلارنى قارشى ئېلىش يىغىنى ھەم تەربىيەلەش كۇرسىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلدى.

ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى، بىڭتۇەن پارتىيە كومىتېتىنىڭ 1 - شۇجىسى، 1 - جېڭۋېي چېن چۈەنگو، مەركىزىي كومىتېت تەشكىلات بۆلۈمىنىڭ مۇئاۋىن بۆلۈم باشلىقى، قوشۇمچە كادىرلار 1 - ئىدارىسىنىڭ ئىدارە باشلىقى لى شياۋشىن يىغىنغا قاتناشتى ھەم سۆز قىلدى. ئاپتونوم رايون ۋە بىڭتۇەن رەھبەرلىرىدىن شەۋكەت ئىمىن، نۇرلان ئەبىلمەجىن، ۋاڭ جۈنجېڭ، لى پېڭشىن، شۈ خەيرۇڭ، لى يىفېي، جاڭ چۇنلىن، ياڭ يۇڭ، ليۇ جيەنمىڭ يىغىنغا قاتناشتى. ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت مىنىستىرلىقىنىڭ مۇئاۋىن مىنىستىرى لى جۇڭ يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى.

چېن چۈەنگو ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى، ھۆكۈمەت ۋە پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى ھەر مىللەت كادىرلار، ئاممىغا ۋاكالىتەن 10 - تۈركۈمدە مەركەز ۋە دۆلەت ئورگانلىرى، مەركەز كارخانىلىرىدىن شىنجاڭغا ياردەم بېرىدىغان كادىرلار، ئىختىساسلىقلارنى قىزغىن قارشى ئالدى، مەركەز ۋە دۆلەت ئورگانلىرى، مەركەز كارخانىلىرىنىڭ ئۇزاقتىن بۇيان شىنجاڭغا كۆڭۈل بۆلگەنلىكى، قوللىغانلىقى ۋە ياردەم بەرگەنلىكىگە چىن كۆڭلىدىن رەھمەت ئېيتتى، ئالىي ئېھتىرام بىلدۈردى.

چېن چۈەنگو مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى شىنجاڭ خىزمىتىگە يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، بىر قاتار مۇھىم سۆزلەرنى قىلىپ، بىر قاتار مۇھىم يوليورۇقلارنى بېرىپ، شىنجاڭ خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش ئۈچۈن ئالغا ئىلگىرىلەش يۆنىلىشى كۆرسىتىپ بەردى، تۈپ مىزان بىلەن تەمىنلىدى. باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتى توغرىسىدىكى مۇھىم يوليورۇقى يېڭى دەۋردە شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشنىڭ ئىلمىي يېتەكچىسى ۋە تۈپ كۆرسەتمىسى. باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ شىنجاڭ خىزمىتى ۋە شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتى توغرىسىدىكى مۇھىم سۆزى، مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، سىياسىي ۋە ئومۇمىي ۋەزىيەت يۈكسەكلىكىدىن قەتئىي، كەسكىن ھالدا پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى ياخشى تۇتۇپ، تولۇپ تاشقان قىزغىنلىق، كۆتۈرەڭگۈ كۈرەش ئىرادىسى، تولۇپ تاشقان غەيرەت، مەسئۇلىيەتچانلىق روھى بىلەن گۈزەل شىنجاڭ بەرپا قىلىپ، ۋەتەن ئارزۇسىنى بىرلىكتە ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك.

چېن چۈەنگو مۇنۇلارنى ئۈمىد قىلدى: شىنجاڭغا ياردەم بېرىدىغان كەڭ كادىرلار، ئىختىساسلىقلارنىڭ باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئۈمىدى، مۇھىم تاپشۇرۇقىنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، 7 - قېتىملىق مەملىكەتلىك شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتى يىغىنىنىڭ ئورۇنلاشتۇرما - تەلەپلىرى بويىچە، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى زىچ چۆرىدەپ، شىنجاڭغا ياردەم بېرىش خىزمىتىنى قانات يايدۇرۇپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك شىنجاڭ قۇرۇش ئۈچۈن يېڭى تېخىمۇ زور تۆھپە قوشۇشى كېرەك. ئاچقۇچلۇق ھالقىنى چىڭ تۇتۇپ، دىققەتنى كادىرلار، ئىختىساسلىقلار ئارقىلىق شىنجاڭغا ياردەم بېرىشكە دەل جايىدا كۈچەشكە مەركەزلەشتۈرۈپ، مەسئۇلىيەت بىلەن شىنجاڭنى مۇقىم قىلىپ، شىنجاڭنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ، شىنجاڭنى گۈللەندۈرۈپ، ياردەمگە ئېرىشكۈچى ئورۇنلاردىكى كادىرلار، ئىختىساسلىقلارنىڭ ئىدىيەدە ئازاد بولۇپ، كۆز قاراشنى يېڭىلاپ، ساپانى ئۆستۈرۈشىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. ئىچكى ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچنى ئاشۇرۇپ، دىققەتنى كەسىپ ئارقىلىق شىنجاڭغا ياردەم بېرىشنى ئالغا سىلجىتىشقا دەل جايىدا كۈچەشكە مەركەزلەشتۈرۈپ، شىنجاڭنىڭ سىياسەت، رايون ئورنى، بايلىق قاتارلىق جەھەتلەردىكى ئەۋزەللىكىنى تەرەققىيات ئەۋزەللىكىگە ئايلاندۇرۇپ، شىنجاڭنىڭ كەسىپلەرنى يېتىلدۈرۈشىگە، ئىدىيەنى يېڭىلىشىغا، سۈپەتلىك ماركا يارىتىشىغا، يوللارنى بېيىتىشىغا، بازارنى كېڭەيتىشىگە كۈچ قوشۇپ، كەسىپلەر تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. كىشىلەر قەلبىنى مۇجەسسەملەشنى قولغا كەلتۈرۈپ، دىققەتنى خەلق تۇرمۇشىنى كاپالەتلەندۈرۈش، ياخشىلاشقا دەل جايىدا كۈچەشكە مەركەزلەشتۈرۈپ، شىنجاڭغا ياردەم بېرىش تۈر مەبلىغىنى خەلق تۇرمۇشىغا مايىللاشتۇرۇشتا، ئاساسىي قاتلامغا مايىللاشتۇرۇشتا چىڭ تۇرۇپ، تەرەققىيات نەتىجىلىرى ئارقىلىق ھەر مىللەت ئاممىغا تېخىمۇ كۆپ، تېخىمۇ ئادىل نەپ يەتكۈزۈشكە تۈرتكە بولۇپ، ھەر مىللەت ئاممىغا ۋەتەن چوڭ ئائىلىسىنىڭ ئىللىقلىقىنى تېخىمۇ كۆپ ھېس قىلدۇرۇش كېرەك. مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى كۈچەيتىپ، دىققەتنى ئالاقىلىشىش، ئالماشتۇرۇش، يۇغۇرۇلۇشقا دەل جايىدا كۈچەشكە مەركەزلەشتۈرۈپ، «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇش» ۋە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى بىرلەشمە دوستلۇق پائالىيىتىگە ئاكتىپ قاتنىشىپ، ھەر مىللەت كادىرلار، ئامما بىلەن بولغان ھەمتۈرتكە ئالاقىنى تەشەببۇسكارلىق بىلەن كۈچەيتىپ، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ئىچكىرى رايونلاردىكى ئامما بىلەن بولغان ئالاقىلىشىش، ئالماشتۇرۇش، يۇغۇرۇلۇش كۆۋرۈكى سېلىپ، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى پۇختا تۇرغۇزۇش كېرەك. مەدەنىيەتنى قەلبتىن ئېتىراپ قىلىشنى كۈچەيتىپ، دىققەتنى مەدەنىيەت ئارقىلىق شىنجاڭنى ئوزۇقلاندۇرۇشقا دەل جايىدا كۈچەشكە مەركەزلەشتۈرۈپ، ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ ئورتاق مەنىۋى ماكانىنى بەرپا قىلىپ، ھەر مىللەت ئاممىنى توغرا دۆلەت قارىشى، تارىخ قارىشى، مىللەت قارىشى، مەدەنىيەت قارىشى، دىن قارىشىنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، «بەشنى قەلبتىن ئېتىراپ قىلىش»نى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىشكە يېتەكلەش كېرەك.

چېن چۈەنگو مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: ھەر دەرىجىلىك پارتىيە كومىتېتلىرى ۋە ھۆكۈمەتلەر، ھەرقايسى ياردەمگە ئېرىشكۈچى ئورۇنلار سۇبيېكتلىق مەسئۇلىيىتىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، ھېسسىياتى بىلەن، مەسئۇلىيىتى بىلەن، تولۇپ تاشقان قىزغىنلىق بىلەن، تۈرلۈك چارە - تەدبىرلەرنى قوللىنىپ، شىنجاڭغا ياردەم بېرىدىغان كادىرلار، ئىختىساسلىقلارنىڭ شىنجاڭدىكى خىزمەت، تۇرمۇشىغا ياخشى شارائىت يارىتىپ بېرىشى كېرەك. سىياسىي جەھەتتە تولۇق ئىشىنىپ، شىنجاڭغا ياردەم بېرىدىغان كادىرلار، ئىختىساسلىقلارنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشى، ئىلگىرىلىشىگە ھەقىقىي كۆڭۈل بۆلۈشى؛ خىزمەتتە زور كۈچ بىلەن قوللاپ، شىنجاڭغا ياردەم بېرىدىغان كادىرلار، ئىختىساسلىقلارنى شىنجاڭدا قابىلىيىتىنى ئىشقا سېلىش، تالانتىنى نامايان قىلىش، كارامىتىنى كۆرسىتىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىشى؛ تۇرمۇشىغا قىزغىن كۆڭۈل بۆلۈپ، مۇناسىۋەتلىك تەمىنات سىياسەتلىرىنى ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئەمەلىي قىيىنچىلىق ۋە مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشىغا پائال ياردەم بېرىپ، شىنجاڭغا ياردەم بېرىدىغان كادىرلار، ئىختىساسلىقلارنى خاتىرجەم خىزمەت قىلىش، ئازادە تۇرمۇش كەچۈرۈش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىشى كېرەك.

لى شياۋشىن مەركىزىي كومىتېت تەشكىلات بۆلۈمى بۆلۈم ئىشلىرى كومىتېتىغا ۋاكالىتەن، شىنجاڭغا ياردەم بېرىدىغان يولداشلارغا سەمىمىي سالام يوللىدى. ئۇ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، 9 - تۈركۈمدە كادىرلار، ئىختىساسلىقلار ئارقىلىق شىنجاڭغا ياردەم بېرىش خىزمىتىدە كۆرۈنەرلىك نەتىجە - ئۈنۈمنى قولغا كەلتۈرۈپ، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكى ئۈچۈن پائال تۆھپە قوشتى. شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى ۋە يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ تەشكىلىي لۇشيەنىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، كادىرلار، ئىختىساسلىقلار ئارقىلىق شىنجاڭغا ياردەم بېرىش خىزمىتىنى يەنە يېڭى پەللىگە كۆتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇش كېرەك. ئىلمىي، دەل جايىدا بولۇشتا چىڭ تۇرۇپ، دىققەتنى باش نىشانغا، مۇھىم نۇقتىغا كۈچەشكە مەركەزلەشتۈرۈپ، بىر ئۇلۇغۋار پىلان ئۈچۈن سىجىل كۈچەشتە چىڭ تۇرۇپ، ئۆمەك تەشكىللەپ ياردەم بېرىش ئەندىزىسىنى كېڭەيتىپ، پۈتۈن كۈچ بىلەن نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش ۋە ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتى خىزمىتىنى بىرتۇتاش پىلانلاشقا پائال قاتنىشىپ، جەمئىيەت مۇقىملىقىنى پۈتۈن كۈچ بىلەن قوغداپ، كادىرلار، ئىختىساسلىقلار ئارقىلىق شىنجاڭغا ياردەم بېرىش خىزمىتى سەۋىيەسىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈش كېرەك؛ كۈچنى تۆۋەنگە چۈشۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، «ئىككىنى ئاساس قىلىش، ئىككىگە تەڭ ئېتىبار بېرىش» تەلىپىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ياردەمگە ئېرىشكۈچى جايلارنىڭ باشقۇرۇش سۇبيېكتلىق مەسئۇلىيىتىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ يېزا - بازارلىرى شىنجاڭغا ياردەم بېرىدىغان كادىرلارنى ياخشى ئىشلىتىپ، شىنجاڭغا ياردەم بېرىدىغان كادىرلار، ئىختىساسلىقلارنىڭ ياردەمگە ئېرىشكۈچى جايلارغا تېخىمۇ ياخشى سىڭىشىشىگە تۈرتكە بولۇپ، شىنجاڭغا ياردەم بېرىش خىزمىتىنىڭ ئۈزلۈكسىز تۈردە ئاساسىي قاتلامغىچە ئۇزارتىلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك؛ قاتتىق باشقۇرۇش - ياخشى كۆيۈنۈشتە چىڭ تۇرۇپ، قاتتىق باشقۇرۇشتىن ئىبارەت بۇ «مۇھىم تۇتقا»نى تۇتۇپ، مەركەزلىك باھالاشتىن ئىبارەت بۇ «دىرىژورلۇق تايىقى»نى ياخشى ئىشلىتىپ، توغرا يۆنىلىشتە رىغبەتلەندۈرۈشتىن ئىبارەت بۇ بىريۈرۈش «بىرىكمە مۇشت»نى ياخشى ئېتىپ، باشقۇرۇش، مۇلازىمەتنى ھەقىقىي كۈچەيتىپ، شىنجاڭغا ياردەم بېرىدىغان كادىرلار، ئىختىساسلىقلارنىڭ ئىش قىلىپ نەتىجە يارىتىش، مەسئۇلىيەتنى زىممىسىگە ئېلىپ نەتىجە يارىتىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك؛ تەربىيەلەش، ئىشلىتىش سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، ئىش قىلىپ نەتىجە يارىتىش سۇپىسى بىلەن تەمىنلەپ، ئەمەلىي ۋەزىپىگە قويۇپ، ئەمەلىي ئىش تەقسىملەپ، ئەمەلىي مەسئۇلىيەتنى يۈكلەپ، زىممىسىگە مەسئۇلىيەتنى كۆپرەك ئارتىپ، قىيىن ئىشلارغا ئورۇنلاشتۇرۇپ، رولىنى دادىل جارى قىلدۇرۇپ، مۇۋاپىق ۋاقىتتا ئۆستۈرۈپ ئىشلىتىپ، روشەن ئادەم ئىشلىتىش يۆنىلىشىنى تۇرغۇزۇپ، ياخشى ئىشلەيدىغان، ياخشى ئىشلىتىدىغان ياخشى مېخانىزمنى شەكىللەندۈرۈش كېرەك.

لى شياۋشىن مۇنداق كۆرسەتتى: يېڭى بىر تۈركۈمدە شىنجاڭغا ياردەم بېرىدىغان كادىرلار، ئىختىساسلىقلار ئەسلىي مەقسەت، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، شىنجاڭغا ياردەم بېرىشنى ئىدىيەدە تاۋلىنىش، سىياسىيدا چېنىقىش، ئەمەلىيەتتە چېنىقىش، كەسپىي مەشىقلىنىشنى كۈچەيتىشتىكى تېپىلغۇسىز سۇپا قىلىپ، ئۆگىنىش، تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشنى كۈچەيتىپ، ئىستىلنى ھەقىقىي ياخشىلاپ، ئىنتىزامغا قاتتىق رىئايە قىلىپ، خىزمەت ئىقتىدارى ۋە سەۋىيەسىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، تۈرلۈك ۋەزىپىلەرنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى پۇختا قەدەم بىلەن ئالغا سىلجىتىپ، يېڭى خىزمەت ئورنىدا سىناقلارغا بەرداشلىق بېرەلەيدىغان يېڭى نەتىجىلەرنى يارىتىپ، ئەمەلىي ھەرىكىتى بىلەن يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنىڭ ھەقىقىي ئەمەلىيلىشىشى، جايىدا ئەمەلىيلىشىشىگە تۈرتكە بولۇشى كېرەك.

جامائەت خەۋپسىزلىكى مىنىستىرلىقى جىنايى ئىشلار رازۋېدكا ئىدارىسىنىڭ مۇئاۋىن ئىدارە باشلىقى گۇڭ جىيۇڭ، ۋۇخەن داشۆ خەلق دوختۇرخانىسى يۈرەك ئىچكى كېسەللىكلەر بۆلۈمىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىر ۋىراچى ياڭ جىڭ، جۇڭگو كېمىسازلىق گۇرۇھى چەكلىك شىركىتى تىجارەت باشقۇرۇش بۆلۈمىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى شى جۈن شىنجاڭغا ياردەم بېرىدىغان كادىرلار، ئىختىساسلىقلارغا ۋاكالىتەن سۆز قىلدى.

يىغىن تېلېۋىزىيە - تېلېفون يىغىنى شەكلىدە ئېچىلدى. مەركىزىي كومىتېت تەشكىلات بۆلۈمى، ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت مىنىستىرلىقى ئۇزىتىش ئۆمىكىنىڭ ئەزالىرى؛ ئاپتونوم رايونلۇق شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتىنى ماسلاشتۇرۇش رەھبەرلىك گۇرۇپپىسىغا ئەزا ئورۇنلار، ھەرقايسى ياردەمگە ئېرىشكۈچى ئورۇنلاردىكى ئاساسلىق مەسئۇل يولداشلار قاتارلىقلار قارشى ئېلىش يىغىنىغا قاتناشتى.