شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ گۈزەل تۇرمۇش يارىتىش تىرىشچانلىقىغا داغ تەگكۈزۈشكە يول قويۇلمايدۇ

日期:2020年09月24日
来源:新疆日报
【字体:

جيا چۈنياڭ

ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش خەلق تۇرمۇشىنىڭ ئاساسى. ھەرقانداق دۆلەت ۋە رايون ئۈچۈن ئېيتقاندا، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش مەسىلىسى بىرىنچى دەرىجىلىك چوڭ ئىش. ئۇزاقتىن بۇيان، خەلقنى مەركەز قىلىشتا چىڭ تۇرىدىغان جۇڭگو ھۆكۈمىتىمۇ ئىزچىل تۈردە ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى مۇقىملاشتۇرۇش، خەلق تۇرمۇشىغا كاپالەتلىك قىلىشنى ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىنىڭ مۇھىم نىشانى قىلىپ كەلدى. ئىقتىساد ۋە جەمئىيەت تەرەققىياتى نىسپىي ئارقىدا قالغان چەت، يىراق رايونلارغا نىسبەتەن ئېيتقاندا، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى مۇقىملاشتۇرۇش، خەلق تۇرمۇشىغا كاپالەتلىك قىلىش شۇ جايدىكى ھۆكۈمەتلەرنىڭ تېخىمۇ نۇقتىلىق ۋەزىپىسى.

شىنجاڭدا، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىمۇ ئىزچىل ئەمگەك ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈشنى ئەڭ چوڭ خەلق تۇرمۇشى قۇرۇلۇشى قىلىپ، ئەمگەكچىلەر ئۆز ئالدىغا ئىشقا ئورۇنلىشىش، بازار ئارقىلىق تەڭشەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش، ھۆكۈمەت ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش بىلەن ئىگىلىك تىكلەشكە ئىلھاملاندۇرۇشنى بىرلەشتۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، كۆپ خىل يول ئارقىلىق ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى كۆپەيتىپ، تۈرلۈك چارە - ئاماللار بىلەن مۇقىم ئىشقا ئورۇنلاشتۇردى. دەل مۇشۇنداق پائال مەسئۇل بولىدىغان ئەمگەك ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش سىياسىتىگە ئاساسەن، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ ماددىي، مەدەنىيەت تۇرمۇشى ئۈزلۈكسىز يۈكسەلدى، ھەر مىللەت خەلقنىڭ تۈرلۈك كىشىلىك ھوقۇقى ئۈنۈملۈك كاپالەتلەندۈرۈلدى ۋە راۋاجلاندۇرۇلدى.

ھالبۇكى، بىر مەزگىلدىن بۇيان، ئامېرىكا ۋە غەربتىكى جۇڭگوغا قارشى كۈچلەر ئىدېئولوگىيە جەھەتتىكى بىر تەرەپلىمە قارىشى ۋە شىنجاڭنى قالايمىقان قىلىپ جۇڭگوغا قارشى تۇرۇش غەرىزىنى چىقىش قىلىپ، «كىشىلىك ھوقۇقنى قوغداش»نى دەستەك قىلىپ ئاتالمىش شىنجاڭ «مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىش» مەسىلىسىنى خالىغانچە كۆپتۈرۈپ، بارلىق كۈچى بىلەن شىنجاڭنىڭ ئەمگەك ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش خىزمىتىگە ھەر خىل شەكىلدە قارا چاپلاش بىلەن بىللە، پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ جۇڭگونىڭ شىنجاڭغا ئالاقىدار ئەمەلدارلىرى، ئاپپاراتلىرى ۋە كارخانىلىرىغا جازا يۈرگۈزدى. بۇنداق تۇخۇمدىن تۈك ئۈندۈرىدىغان كۆپتۈرمىچىلىك، خالىغانچە تەلۋىلىك بىلەن قارا چاپلاش ۋە ئۆز بېشىمچىلىق بىلەن جازا يۈرگۈزۈش ئامېرىكا ۋە غەربنىڭ ئۇزاقتىن بۇيان خەلقئارا ئىشلاردىكى زومىگەرلىك ئىستىلى ۋە قىپيالىڭاچ «قوش ئۆلچەم»ىنى تولۇق ئاشكارىلىدى، بۇ ھەم شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ ئەمگەك ئارقىلىق گۈزەل تۇرمۇش يارىتىش تىرىشچانلىقىغا داغ تەگكۈزگەنلىك.

بىرىنچى، شىنجاڭنىڭ ئەمگەك ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش خىزمىتى پارتىيە ۋە ھۆكۈمەتنىڭ جان - دىل بىلەن خەلق ئۈچۈن مۇلازىمەت قىلىش تۈپ ئاساسىي مەقسىتىنى گەۋدىلەندۈردى. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى قۇرۇلغاندىن بۇيان، باشتىن - ئاخىر جان - دىل بىلەن خەلق ئۈچۈن مۇلازىمەت قىلىشنى تۈپ ئاساسىي مەقسەت قىلىپ كەلدى. مەيلى ئىنقىلاب، ئۇرۇش يىللىرىدا بولسۇن ياكى يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغاندىن كېيىنكى قۇرۇلۇش، تەرەققىيات مەزگىلىدە بولسۇن، بۇ ئاساسىي مەقسەت باشتىن - ئاخىر ئۆزگەرمىدى، شۇنداقلا ھېچقانداق سۇسلاشمىدى. شىنجاڭ جۇڭگونىڭ غەربىي شىمالىغا جايلاشقان بولۇپ، تارىخىي ۋە تەبىئىي شارائىتنىڭ چەكلىمىسى تۈپەيلىدىن، تەرەققىياتى نىسبەتەن ئارقىدا قالغان، نامرات نوپۇسمۇ نىسپىي كۆپرەك. بۇنىڭغا ئەسەبىزمنىڭ سىڭدۈرمىچىلىكى ۋە تەسىرى قوشۇلۇپ قىسمەن ئاممىنىڭ كۆز قارىشى قالاق، مەدەنىيەت سەۋىيەسى تۆۋەن، ئىشقا ئورۇنلىشىش ئىقتىدارى ئاجىز بولۇشنى كەلتۈرۈپ چىقارغان، نەتىجىدە تۇرمۇشى ئۇزاق ۋاقىت نامراتلىقتا قالغان. مۇشۇنداق ئارقا كۆرۈنۈشتە، خەلق ئۈچۈن مۇلازىمەت قىلىش ئاساسىي مەقسىتىنى ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىشتە، ئالدى بىلەن قىلىدىغان ئىش ئاممىنى نامراتلىق ۋە نادانلىقتىن قۇتۇلدۇرۇپ، بەختلىك تۇرمۇشقا ئېرىشتۈرۈش. شىنجاڭ ئەمگەك ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى بۆسۈش ئېغىزى ۋە كۈچەش نۇقتىسى قىلىپ، سىستېمىلىق ئورۇنلاشتۇرۇش ئارقىلىق ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈپ ۋە راۋاجلاندۇرۇپ، ھەر مىللەت خەلقنى تىرىشىپ ئەمگەك قىلىش ئارقىلىق گۈزەل تۇرمۇش يارىتىشقا يېتەكلىدى، روشەنكى بۇ ئەڭ چوڭ خەلق تۇرمۇشى قۇرۇلۇشى. ئىستاتىستىكا قىلىنىشىچە، 2019 - يىلىنىڭ ئاخىرىغا قەدەر، شىنجاڭدا جەمئىي 737 مىڭ 600 ئائىلە، 2 مىليون 923 مىڭ 200 ئادەم نامراتلىقتىن قۇتۇلغان، 3107 نامرات كەنت نامراتلىقتىن چېكىنگەن، 25 نامرات ناھىيە قالپىقىنى ئېلىۋەتكەن، نامراتلىق يۈزبېرىش نىسبىتى 2013 - يىلىنىڭ ئاخىرىدىكى %19.4تىن %1.24كە تۆۋەنلىگەن. 2018 - يىلىدىن 2019 - يىلىغىچىلا، جەنۇبىي شىنجاڭ رايونى ھەم بىڭتۇەننىڭ تۆت ئېغىر نامرات تۇەن - چاڭىدىكى ئارخىپ تۇرغۇزۇلۇپ كارتا بېجىرىلگەن نامرات ئائىلىلەردىكى 155 مىڭ ئەمگەك كۈچى يۆتكىلىپ ئىشقا ئورۇنلاشقان ھەم نامراتلىقتىن قۇتۇلۇشنى ئىشقا ئاشۇرغان. شۇنداق دېيىشكە بولىدۇكى، شىنجاڭنىڭ ئەمگەك ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش خىزمىتى جۇڭگو پارتىيەسى ۋە ھۆكۈمىتىنىڭ جان - دىل بىلەن خەلق ئۈچۈن مۇلازىمەت قىلىشتەك ئاساسىي مەقسىتىنى تولۇق گەۋدىلەندۈرگەن.

ئىككىنچى، شىنجاڭ ھۆكۈمەتنىڭ ياردەم بېرىش - يۆلىشىنى شەخسنىڭ ئارزۇسى بىلەن بىرلەشتۈرۈش ئارقىلىق ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، كىشىلىك ھوقۇققا تولۇق ھۆرمەت قىلىش ۋە ئۇنى قوغداشنى ئىشقا ئاشۇردى. گوۋۇيۈەن ئاخبارات ئىشخانىسى 9 - ئاينىڭ 17 - كۈنى ئېلان قىلغان «شىنجاڭنىڭ ئەمگەك ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش كاپالىتى» ناملىق ئاق تاشلىق كىتابتىن شۇنى بىلىشكە بولىدۇكى، شىنجاڭ ئەمگەك ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش جەھەتتە ھېچقانداق ئاتالمىش «كىشىلىك ھوقۇققا دەخلى - تەرۇز قىلىش» «مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىش»بىلەن شۇغۇللانمىدى، بەلكى ئەڭ زور چەكتە كىشىلىك ھوقۇققا ھۆرمەت قىلدى ۋە ئۇنى قوغدىدى. ئەمگەك ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشقا تۈرتكە بولۇش جەريانىدا، شىنجاڭدىكى ھەر دەرىجىلىك پارتىيە كومىتېتلىرى ۋە ھۆكۈمەتلەر ھەم «ھەممىنى بىر تاياقتا ھەيدەش» بىلەن شۇغۇللانمىدى، بەلكى ئالدى بىلەن ئەمگەكچىلەرنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش ئارزۇسىنى تەكشۈرۈشنى قەرەللىك قانات يايدۇرۇش ئارقىلىق، ھەربىر ئەمگەكچىنىڭ شەخسىي ئارزۇسىنى ۋاقتىدا ئىگىلىدى، ئاندىن كەڭ دائىرىدە ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇنلار بىلەن ئالاقىلىشىش، ئىش ئورنى تەمىنلەش - ئېھتىياج ئۇچۇرلىرىنى توپلاش، رەتلەش قاتارلىقلار ئارقىلىق، ئەڭ زور تىرىشچانلىق بىلەن، ھەربىر ئەمگەكچىنىڭ خاسلاشقان ئېھتىياجىنى قاندۇردى، بۇ ئارقىلىق ئەمگەكچىلەرنىڭ ئۆز ئىختىيارلىقى بىلەن ئىشقا ئورۇنلىشىشى ۋە ئەركىن كەسىپ تاللىشىنى ئىشقا ئاشۇردى. يۇقىرىدا بايان قىلىنغان ئاق تاشلىق كىتابقا ئاساسلانغاندا، 2020 - يىلىنىڭ بېشىدا، قەشقەر ۋىلايىتىنىڭ يەكەن ناھىيەسى گۈلباغ بازىرى ئويباغ كەنتىدە جەمئىي 3540 ئادەم بار بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدىكى ئەمگەك ئىقتىدارى بار 1509 ئادەم ئارىسىدا 1288 ئادەمنىڭ يۆتكىلىپ ئىشقا ئورۇنلىشىش ئارزۇسى بار بولۇپ، %85نى ئىگىلىگەن. بۇ ئادەملەر ئارىسىدىكى 923 ئادەم زاۋۇت سېخلىرىغا بېرىپ خىزمەت قىلىشنى ئارزۇ قىلغان، ئوتتۇرىچە ئايلىق ئىش ھەققىنىڭ 5000 يۈەن ئەتراپىدا بولۇشىنى ئارزۇ قىلغان؛ 365 ئادەم سىرتلارغا چىقىپ نان يېقىش، يېمەك - ئىچمەك، قۇرۇق مېۋە تىجارىتى، ئەدەبىيات - سەنئەت ئويۇنى قويۇش قاتارلىق كەسىپلەر بىلەن شۇغۇللىنىشنى ئارزۇ قىلغان. بۇ تەپسىلىي تەكشۈرۈش سانلىق مەلۇماتلىرى بىر تەرەپتىن يەرلىك ھۆكۈمەتنىڭ ئەمگەك ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن ئىشلىگەن ئىنچىكە ۋە پۇختا خىزمەتلىرىنى تولۇق گەۋدىلەندۈرىدۇ، يەنە بىر تەرەپتىن يەرلىك ھۆكۈمەتنىڭ خىزمەت جەريانىدا ئەمگەكچىلەرنىڭ شەخسىي ئارزۇسىغا ھۆرمەت قىلغانلىقىنى نامايان قىلىدۇ. شۇنداق دېيىشكە بولىدۇكى، ئىنچىكە، ئەتراپلىق مۇشۇنداق مۇلازىمەت ۋە شەخسنىڭ ئارزۇسىغا بولغان مۇشۇنداق ھۆرمەت، ھۆكۈمەت ياردەم بېرىش - يۆلەشنى شەخسنىڭ ئارزۇسى بىلەن بىرلەشتۈرۈپ ئەمگەك ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرىدىغان مۇشۇنداق شەكىل شۇ جايدىكى ئاممىنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپ بېيىش ئىشەنچىسىنى ئۇرغۇتۇپلا قالماي، يەنە ھەربىر ئەمگەكچىنىڭ ئەركىنلىكى ۋە ئارزۇسىنى ھۆرمەت ۋە قانائەتكە ئىگە قىلدى، بۇ، كىشىلىك ھوقۇققا ھەقىقىي ھۆرمەت قىلغانلىق ۋە ئۇنى قوغدىغانلىق.

ئۈچىنچى، شىنجاڭ قانۇن بويىچە ئەمگەكچىلەرنىڭ ئاساسىي ھوقۇق - مەنپەئىتىگە كاپالەتلىك قىلىپ، خەلقئارا ئەمگەكچىلەر ۋە كىشىلىك ھوقۇق ئۆلچىمىنى پائال ئەمەلىيەتتە كۆرسەتتى. ئامېرىكا ۋە غەربنىڭ ئاتالمىش شىنجاڭ «مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىش» مەسىلىسىنى كۆپتۈرۈشتىكى ئىشلىتىپ ئادەتلەنگەن باھانىسى بولسا «شىنجاڭنىڭ ئالاقىدار ئۇسۇللىرى خەلقئارا ئەمگەكچىلەر ۋە كىشىلىك ھوقۇق ئۆلچىمىگە خىلاپلىق قىلدى» دېيىشتىن ئىبارەت، مەسىلەن، ئۇلار شىنجاڭدىكى ئاز سانلىق مىللەت ئەمگەكچىلەرنىڭ «خىزمەت مۇھىتى ناچار» «جىسمانىي ۋە دىنىي ئەركىنلىكى چەكلەنگەن» «ھە دېسىلا ئۇرۇپ دۇمبالىنىدۇ» قاتارلىقلار، دەپ بىلجىرلىدى. ھالبۇكى ئەمەلىيەت شۇكى، شىنجاڭ ئەمگەك ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش جەريانىدا قەتئىي قانۇن بويىچە ئىش قىلدى، تەدبىر قوللىنىپ ئەمگەكچىلەرنىڭ باراۋەر ئىشقا ئورۇنلىشىش ھوقۇق - مەنپەئىتى، ھەققە ئېرىشىش ھوقۇق - مەنپەئىتى، ئارام ئېلىش - دەم ئېلىش ھوقۇقى ۋە كەسىپ بىخەتەرلىك ھوقۇقى، ئىجتىمائىي سۇغۇرتىغا قاتنىشىش ھوقۇق - مەنپەئىتى، تۈرلۈك دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكى، تىل - يېزىق ھوقۇق - مەنپەئىتىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلدى، ھەمدە ھەرقانداق شەكىلدىكى بالا ئىشچى ئىشلىتىش، مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىش، ئىشقا ئورۇنلىشىشتا كەمسىتىش قاتارلىق قىلمىشلارنى قەتئىي مەنئى قىلىپ ۋە زەربە بېرىپ، ھەربىر ئەمگەكچىنى ئىززەت - ھۆرمەت بىلەن قەدىر - قىممەتلىك ئەمگەك قىلىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلدى. مەسىلەن، جياڭسۇ ئۆلكىسىدىكى مەلۇم ئېلېكتىر ئۈسكۈنىلىرى كارخانىسى شىنجاڭنىڭ ھەرقايسى ۋىلايەت، ئوبلاستلىرىدىن كەلگەن 16 مىللەتتىن بولغان 200گە يېقىن خىزمەتچىنى قوبۇل قىلغان بولۇپ، ھەر مىللەت ئىشچى - خىزمەتچىلەر دائىم بىرلىكتە ناخشا ئېيتىدۇ، ئۇسسۇل ئوينايدۇ، يىغىلىش قىلىدۇ، نەرسە سېتىۋالىدۇ، ساياھەت قىلىدۇ، ئىشتىن سىرتقى ۋاقىتلاردا بىللە پولۇ، كاۋاپ قاتارلىق خاس مەززىلىك تائاملارنى ئېتىپ يەيدۇ، مۇناسىۋىتى تولىمۇ ئىناق بولۇپ، خۇددى بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك ئۆتىدۇ. مۇشۇنداق كۆرۈنۈشلەردە، نەدىمۇ قانداقتۇر «مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىش»نىڭ سايىسى بولسۇن، بۇنىڭ قانداقمۇ «جىسمانىي ۋە دىنىي ئەركىنلىكنى چەكلەش» بىلەن ئالاقىسى بولسۇن.

ئەمەلىيەتتە، ئەگەر خەلقئارا ئەمگەكچىلەر ۋە كىشىلىك ھوقۇق ئۆلچىمىگە خىلاپلىق قىلدى دېيىشكە توغرا كەلسە، بۇنى ئامېرىكىنىڭ ئۆزىگە ئىشلەتسەك دەل جايىغا چۈشكەن بولىدۇ. ئامېرىكا تەرەققىيات مەركىزى تور پونكىتىنىڭ 2019 - يىلى 8 - ئاينىڭ 7 - كۈنى ۋە 12 - ئاينىڭ 5 - كۈنى خەۋەر قىلىشىچە، ئاق تەنلىكلەر بىلەن سېلىشتۇرغاندا، ئامېرىكىدىكى ئافرىقىلىقلار ئەۋلادلىرى قاتارلىق ئاز سانلىق مىللەت ئەۋلادلىرى ئىشقا ئورۇنلىشىش جەريانىدا ھەمىشە سىستېما خاراكتېرلىك توسالغۇغا ئۇچراپ تۇرىدىكەن، بۇ، تېخىمۇ يۇقىرى ئىشسىزلىق نىسبىتى، تېخىمۇ ئاز ئىشقا ئورۇنلىشىش پۇرسىتى، تېخىمۇ تۆۋەن مائاش، تېخىمۇ ئاز پاراۋانلىق ۋە تېخىمۇ چوڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش مۇقىمسىزلىقىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان. يەنە ئامېرىكا سىملىق تېلېۋىزىيە ئاخبارات تورىنىڭ 2019 - يىلى 1 - ئايدا خەۋەر قىلىشىچە، ئامېرىكا ئوخېئو ئىشتاتى خەلق ھوقۇقى كومىتېتى تەكشۈرگەندىن كېيىن، داجۇڭ ئاپتوموبىل شىركىتىدە ئىرقىي كەمسىتىشكە يول قويىدىغان خىزمەت مۇھىتىنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى، ئافرىقىلىقلار ئەۋلادىدىن بولغان ياللانما خادىملارنىڭ دائىم «مايمۇن» دەپ ئاتىلىدىغانلىقىنى ھەم «ئافرىقاڭغا كەت» دەپ ئاگاھلاندۇرۇلىدىغانلىقىنى، ئاق تەنلىك ئىشچى - خىزمەتچىلەرنىڭ خىزمەت كىيىمىنىڭ ئىچىگە ناتسىستلار بەلگىسى بار كۆڭلەك كىيىۋالىدىغانلىقىنى، خىزمەت سورۇنىدىكى بارلىق ھاجەتخانىلارنى «پەقەت ئاق تەنلىكلەرلا ئىشلىتىدۇ» دەپ ئېلان قىلغانلىقىنى جەزملەشتۈرگەن.

پاكىت مۇنازىرىدىن ئۈستۈن تۇرىدۇ. مەيلى ئامېرىكا ۋە غەربنىڭ ئاتالمىش شىنجاڭ «مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىش» مەسىلىسىنى قانداق كۆپتۈرۈشىدىن قەتئىينەزەر، ھەممىسى شىنجاڭنىڭ ئەمگەك ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىش جەھەتتە كۆرسەتكەن غايەت زور تىرىشچانلىقى ۋە قولغا كەلتۈرگەن غايەت زور مۇۋەپپەقىيەتلىرىنى ئىنكار قىلالمايدۇ، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ جاپالىق ئەمگەك قىلىش ئارقىلىق گۈزەل تۇرمۇش يارىتىش، گۈزەل شىنجاڭ قۇرۇش ئىرادىسىنى تېخىمۇ تەۋرىتەلمەيدۇ. شىنجاڭ خەلقىنىڭ گۈزەل تۇرمۇشقا بولغان ئىنتىلىشىگە خالىغانچە داغ تەگكۈزۈش پەقەت ئامېرىكا ۋە غەربنىڭ زومىگەرلىكى ۋە «قوش ئۆلچەم»ىنى، ھەمدە ئۇلارنىڭ كىشىلىك ھوقۇققا ئېتىبارسىز قارايدىغانلىقى ۋە ئۇنى ھۆرمەت قىلمايدىغانلىقىنى ئاشكارىلاپ بېرىدۇ.

(ئاپتور جۇڭگو ھازىرقى زامان خەلقئارا مۇناسىۋەت تەتقىقات يۇرتى ئامېرىكا تەتقىقات ئورنىنىڭ كاندىدات تەتقىقاتچىسى)

(«نۇر گېزىتى»نىڭ 9 - ئاينىڭ 20 - كۈنىدىكى سانىغا بېسىلغان)