ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەش رەئىسلەر يىغىنى ئاچتى

تۈزۈم قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، مەسئۇلىيەتنى ئادا قىلىشنىڭ تەرتىپلىك، يۇقىرى ئۈنۈملۈك بولۇشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك

日期:2020年09月23日
来源:新疆日报
【字体:

9 - ئاينىڭ 21 - كۈنى چۈشتىن كېيىن، ئاپتونوم رايونلۇق 12 - نۆۋەتلىك سىياسىي كېڭەش 33 - قېتىملىق رەئىسلەر يىغىنى ئېچىپ، ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەشنىڭ ئالاقىدار خىزمەت تۈزۈملىرىگە قاراپ چىقتى.

ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەشنىڭ رەئىسى نۇرلان ئەبىلمەجىن يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى ھەم سۆز قىلدى.

يىغىندا يېڭىدىن تۈزىتىش كىرگۈزۈلگەن «سىياسىي كېڭەش شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق كومىتېتى رەئىسلەر يىغىنىنىڭ خىزمەت قائىدىسى» «ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەشنىڭ تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش خىزمىتى توغرىسىدىكى يولغا قويۇش چارىسى (سىناق تەرىقىسىدە يولغا قويۇلىدۇ)» قاراپ چىقىلىپ ماقۇللاندى، «ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەشنىڭ كېڭىشىپ ھاكىمىيەت ئىشلىرىنى مۇھاكىمە قىلىش سۈپىتىنى يەنىمۇ ئۆستۈرۈش توغرىسىدىكى پىكرى (سىناق تەرىقىسىدە يولغا قويۇلىدۇ)» ماقۇللاندى.

نۇرلان ئەبىلمەجىن مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: رەئىسلەر يىغىنىنىڭ خىزمەت قائىدىسى ھەم سىياسىي كېڭەش نىزامى بويىچە ۋەزىپە - مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىدىغان «تەرتىپ خەرىتىسى» ھەم ئۆز قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىدىغان، نازارەتنى ئاڭلىق قوبۇل قىلىدىغان «ۋەدىنامە». قائىدە ئېڭى ۋە تۈزۈمنى ئىجرا قىلىش ئېڭىنى كۈچەيتىپ، مەسئۇلىيەتنى ئادا قىلىشنىڭ تېخىمۇ قېلىپلاشقان، تەرتىپلىك، تېخىمۇ ئەمەلىي، يۇقىرى ئۈنۈملۈك بولۇشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش سىياسىي كېڭەش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشتىكى ئاساسىي ماھارەت، تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشنى مەسئۇلىيەتنى ئادا قىلىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈشتىكى مۇھىم تۇتقا قىلىپ، شەكىلۋازلىق، بىيۇروكراتلىقتىن قاتتىق ساقلىنىپ، چوڭقۇر تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشقا كۈچ سەرپ قىلىپ، قىيىن مەسىلىلەرنى ھەل قىلىپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنىڭ جايىدا ئەمەلىيلىشىشى، پۇختا ئەمەلىيلىشىشىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. دائىملاشقان يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش شارائىتىدىكى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش شەكلىدە يېڭىلىق يارىتىپ، تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشنىڭ قاراتمىلىقى ۋە ئۈنۈملۈكلۈكىنى ھەقىقىي كۈچەيتىپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش ئارقىلىق كېڭىشىپ ھاكىمىيەت ئىشلىرىنى مۇھاكىمە قىلىشنىڭ دەل جايىدا بولۇش دەرىجىسى ۋە نىشانلىقلىقىنى ئۆستۈرۈش كېرەك. سۈپەت يۆنىلىشىنى تۇرغۇزۇپ، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ ئورۇنلاشتۇرمىسى بويىچە، قېرىنداش ئۆلكە، شەھەرلىك سىياسىي كېڭەشلەرنىڭ ئۇسۇلىنى ئۆگىنىپ، ئۆرنەك قىلىپ، مەۋقەنى ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ سىياسىي كېڭەش خىزمىتى ئەمەلىيىتىگە قويۇپ، كېڭىشىپ ھاكىمىيەت ئىشلىرىنى مۇھاكىمە قىلىش سۈپىتىنى باھالاش خىزمىتىنى پائال، پۇختا قانات يايدۇرۇپ، مەسئۇلىيەتنى ئادا قىلىش خىزمىتىنى «نېمە ئىش قىلدى»، «قانچىلىك قىلدى»دىن «قانداق ئۈنۈم ياراتتى»غا ئۆزگەرتىشكە ئەھمىيەت بېرىشكە تۈرتكە بولۇش كېرەك.

نۇرلان ئەبىلمەجىن مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مەركەز سىياسىي كېڭەش خىزمىتى يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، تۈزۈم قۇرۇلۇشىدىن ئىبارەت بۇ ئاچقۇچنى چىڭ تۇتۇپ، خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشىنىڭ دۆلەت ئىدارە قىلىش سىستېمىسى ۋە ئىدارە قىلىش ئىقتىدارىنىڭ زامانىۋىلىشىشىنى ئالغا سىلجىتىشتىكى بۇرچى، ۋەزىپىسىنى چوڭقۇر تونۇپ، شىنجاڭ ئىدارە قىلىش سىستېمىسى ۋە ئىدارە قىلىش ئىقتىدارىنىڭ زامانىۋىلىشىشىغا مۇلازىمەت قىلىش ۋە ئۇنى ئالغا سىلجىتىشتىكى مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى ۋە بۇرچ تۇيغۇسىنى ھەقىقىي كۈچەيتىش كېرەك. مەخسۇس كېڭىشىش ئاپپاراتلىرىنىڭ رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، كېڭىشىش دېموكراتىيەسىنى سىياسىي كېڭەشنىڭ مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىشنىڭ پۈتكۈل جەريانىغا سىڭدۈرۈپ، كېڭىشىش خىزمىتى قائىدىسىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، كېڭىشىش شەكلىنى بېيىتىش، كېڭىشىش تەرتىپىنى قېلىپلاشتۇرۇش، كېڭىشىش مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش كېرەك. دېموكراتىيەنى جارى قىلدۇرۇش بىلەن ئىتتىپاقلىقنى ئىلگىرى سۈرۈشنى بىرلەشتۈرۈش، ئەقىل - تەدبىر كۆرسىتىش ۋە ئورتاق تونۇشنى مۇجەسسەملەشتىن ئىبارەت قوش يۆنىلىشلىك كۈچەشتە چىڭ تۇرۇپ، ھەرقايسى تەرەپلەرنىڭ ئاكتىپلىقىنى قوزغاپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ كۆتۈرەڭگۈ جۇشقۇن روھىنى ئۇرغۇتۇپ، جەمئىيەتتىكى ھەرقايسى ساھەلەرنىڭ ئاكتىپ كۈچىنى توپلاش كېرەك. خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى تۈزۈمىنىڭ تېخىمۇ پىشىپ يېتىلىشى، تېخىمۇ تۇراقلىشىشىنى ئىلگىرى سۈرۈشنى چۆرىدەپ پائال ئىزدىنىپ، توغرا يۆنىلىشنى بويلاپ مەخسۇس كېڭىشىش ئاپپاراتلىرىنىڭ تۈزۈم قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىپ، ئۈنۈملۈك تۈزۈمنى تاكامۇللاشتۇرۇش ئارقىلىق كېڭىشىش دېموكراتىيەسىنىڭ ئەۋزەللىكىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇشقا كاپالەتلىك قىلىپ، شىنجاڭ ئىدارە قىلىش سىستېمىسى ۋە ئىدارە قىلىش ئىقتىدارىنىڭ زامانىۋىلىشىش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈش ئۈچۈن تۆھپە قوشۇش كېرەك.

ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەشنىڭ مۇئاۋىن رەئىسلىرىدىن چېڭ جېنشەن، جۈرئەت ئىمىن، مۇتەللىپ ئوبۇل، ئىلھام سابىر، ما شيۇڭچېڭ يىغىنغا قاتناشتى.