ئاپتونوم رايوننىڭ ئالىي مەكتەپلەر پارتىيە كومىتېتى شۇجىلىرى سۆھبەت يىغىنى ئېچىلدى

ئالىي مەكتەپلەرنىڭ پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشىنىڭ چوڭقۇرلاپ تەرەققىي قىلىشىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك

日期:2020年09月23日
来源:新疆日报
【字体:

9 - ئاينىڭ 21 - كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، ئاپتونوم رايوننىڭ ئالىي مەكتەپلەر پارتىيە كومىتېتى شۇجىلىرى سۆھبەت يىغىنى ئېچىلدى. يىغىندا باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىش، مائارىپ توغرىسىدىكى مۇھىم بايانلىرى چوڭقۇر ئۆگىنىلدى، ئىزچىللاشتۇرۇلدى، يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئىدىيەۋى تونۇش بىرلىككە كەلتۈرۈلۈپ، ئىشەنچ، ئىرادە چىڭىتىلىپ، ئالىي مەكتەپلەرنىڭ پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشنى چوڭقۇر تەرەققىي قىلدۇرۇشىغا تۈرتكە بولۇندى، ئالىي مەكتەپلەرنىڭ مۇقىملىق، ئىسلاھات، تەرەققىيات ئىشلىرىنىڭ يېڭى ۋەزىيىتىنى ئۈزلۈكسىز يارىتىشىغا، يېڭى نەتىجە - ئۈنۈمنى قولغا كەلتۈرۈشىگە تۈرتكە بولۇندى.

ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، مائارىپ خىزمىتى كومىتېتىنىڭ شۇجىسى لى پېڭشىن يىغىنغا قاتناشتى ھەم سۆز قىلدى.

سۆھبەت يىغىنىدا شىنجاڭ تېببىي داشۆسى، قەشقەر داشۆ، شىنجاڭ سىفەن داشۆسى، شىنجاڭ داشۆ، شىنجاڭ تىيانشان كەسپىي تېخنىكا داشۆسى، ئاپتونوم رايونلۇق سانائەت ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش نازارىتىدىكى مەسئۇل يولداشلار پىكىر ئالماشتۇرۇپ سۆز قىلدى.

كۆپچىلىكنىڭ سۆزىنى ئاڭلىغاندىن كېيىن، لى پېڭشىن مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: ئالىي مەكتەپلەرنىڭ پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشنى چوڭقۇر تەرەققىي قىلدۇرۇشىغا تۈرتكە بولۇشنىڭ يادروسى پارتىيەنىڭ رەھبەرلىكىنى كۈچەيتىش. پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىش ئارقىلىق مەكتەپنى قاتتىق ئىدارە قىلىش، ئوقۇتۇشنى قاتتىق ئىدارە قىلىش، ئوقۇشنى قاتتىق ئىدارە قىلىشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، ياخشى پارتىيە ئىستىلى ئارقىلىق ئۆگىنىش ئىستىلىنى ياخشىلاپ، مەكتەپ ئىستىلىنى تۇرغۇزۇپ، پارتىيە كومىتېتى رەھبەرلىكىدىكى مەكتەپ مۇدىرى مەسئۇل بولۇش تۈزۈمىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، پارتىيەنى باشقۇرۇش، پارتىيەنى ئىدارە قىلىشتىكى سۇبيېكتلىق مەسئۇلىيەتنى چىڭىتىپ، پۇختىلاپ، پارتىيەنىڭ رەھبەرلىكىنى مەكتەپ ئىدارە قىلىشنى ئىلمىيلەشتۈرۈش، زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ ئومۇمىي جەريانىغا سىڭدۈرۈشنى ئالغا سىلجىتىپ، پارتىيەنىڭ لۇشيەن، فاڭجېن، سىياسەتلىرى ھەم پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ مۇھىم، زور تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنىڭ كەم - كوتسىز ئەمەلىيلىشىپ ئۈنۈم بېرىشىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىپ، پارتىيە رەھبەرلىكىنى مەكتەپ باشقۇرۇش، مەكتەپ ئىدارە قىلىشنىڭ پۈتۈن جەريانى، ھەرقايسى تەرەپلىرىدە ئىزچىللاشتۇرۇشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىپ، ئالىي مەكتەپلەرنىڭ باشتىن - ئاخىر توغرا يۆنىلىشنى بويلاپ ئۈزلۈكسىز ئالغا ئىلگىرىلىشىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

لى پېڭشىن مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: مەكتەپنىڭ پارتىيە قۇرۇلۇشى خىزمىتىنى ياخشى تۇتۇشنى مەكتەپ باشقۇرۇش، مەكتەپ ئىدارە قىلىشتىكى ئاساسىي ماھارەت قىلىپ، «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى قەتئىي ئىشقا ئاشۇرۇپ، پارتىيە رەھبەرلىكى ۋە پارتىيە قۇرۇلۇشىنى ئوقۇتۇش، پەن تەتقىقات، ئىختىساسلىقلارنى تەربىيەلەشنىڭ ھەرقايسى تەرەپلىرىگە سىڭدۈرۈپ، ئالىي مەكتەپلەرنىڭ يارقىن ئاساسىي رېڭىنى مۇستەھكەملەش، يەنىمۇ كۈچەيتىش كېرەك. شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى بىلەن ئاساسنى پۇختىلاش، روھنى تاۋلاشتا چىڭ تۇرۇپ، ئۆگىنىشنىڭ نەتىجە - ئۈنۈمىنى مائارىپ خىزمىتىگە تۈرتكە بولۇش، ئوقۇتۇشتىكى قىيىن مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشتىكى ماھارەتكە ئايلاندۇرۇپ، توغراق روھى ئارقىلىق ئادەم تەربىيەلەش، شىنجاڭنى گۈللەندۈرۈش، چېگرانى مۇستەھكەملەش ئۈچۈن مۇلازىمەت قىلىش جەھەتتە نامايان قىلىش، ئەخلاق ئارقىلىق ئادەم تەربىيەلەش تۈپ ۋەزىپىسىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش جەھەتتە نامايان قىلىش كېرەك. ئالىي مەكتەپلەرنىڭ ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتلىرىنىڭ سىياسىي ئىقتىدارى ۋە تەشكىللەش ئىقتىدارىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتلىرىنىڭ ئىجادچانلىقى، ئۇيۇشۇشچانلىقى، جەڭگىۋارلىقىنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىش كېرەك. كۈندىلىك نازارەت قىلىشنى پۇختا قىلىپ، ئىنچىكە قىلىپ، ئاچقۇچلۇق ئاز سانلىقلارنى گەۋدىلەندۈرۈپ، ئىنتىزامنى ئىجرا قىلىپ جاۋابكارلىقنى سۈرۈشتۈرۈشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، مەكتەپلەرنىڭ ئىستىل دۇرۇس، كەيپىيات توغرا بولۇشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك؛ ئىدىيەۋى - سىياسىي خىزمەتنى سىجىل كۈچەيتىپ، ئىشنىڭ ئۆزگىرىشىگە ئاساسەن تەربىيە ئېلىپ بېرىپ، دەۋرنىڭ ئۆزگىرىشىگە ئەگىشىپ ئىلگىرىلەپ، ۋەزىيەتنىڭ ئۆزگىرىشىگە ئەگىشىپ يېڭى تەدبىر قوللىنىپ، ئىدىيەۋى - سىياسىي نەزەرىيە دەرسىنىڭ سىياسىي جەھەتتىن يېتەكلەش خاراكتېرى، قىممەت جەھەتتىن يېتەكلەش خاراكتېرىنى داۋاملىق يەنىمۇ كۈچەيتىپ، پۈتۈن خادىملار بويىچە ئومۇمىي جەريانلىق، ھەر تەرەپلىمە ئادەم تەربىيەلەشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، ئىدىيەۋى - سىياسىي نەزەرىيە ئوقۇتقۇچىلار قوشۇنى قۇرۇلۇشىنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىپ، ئىدىيەۋى - سىياسىي خىزمەت سىستېمىسىنى پەن سىستېمىسى، ئوقۇتۇش سىستېمىسى، ئوقۇتۇش ماتېرىياللىرى سىستېمىسى، باشقۇرۇش سىستېمىسى بىلەن بىرلەشتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇش كېرەك.

لى پېڭشىن مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: ئوقۇتقۇچىلار، ئوقۇغۇچىلارنىڭ بىخەتەرلىكىنى بىرىنچى ئورۇنغا قويۇپ، مەكتەپلەردىكى بىخەتەرلىك يوشۇرۇن خەۋپلىرىنى رەتكە تۇرغۇزۇپ تەكشۈرۈش، تۈزەشنى سىجىل يەنىمۇ كۈچەيتىپ، يېمەكلىك بىخەتەرلىكىنى باشقۇرۇشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، مەكتەپلەرنىڭ بىخەتەرلىكىگە، مۇقىملىقىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. ئاخىرىدىمۇ باشتىكىدەكلا ئېھتىياتچان بولۇپ مەكتەپلەرنىڭ يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىشنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە، ئوقۇتۇشنىڭ تەرتىپلىك بولۇشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشتىكى سۇبيېكتلىق مەسئۇلىيەتنى ھەقىقىي ئادا قىلىپ، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىش بىلەن ئالىي مەكتەپلەرنىڭ مەركىزىي خىزمىتىدە «ئورتاق پىلانلاش، ئورتاق ئورۇنلاشتۇرما قىلىش، ئورتاق ئالغا سىلجىتىش، ئورتاق تەكشۈرۈپ باھالاش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، ئىستىل دۇرۇس، كەيپىيات توغرا بولغان سىياسىي ئېكولوگىيە ۋە ئادەم تەربىيەلەش مۇھىتىنى سىجىل بەرپا قىلىپ، تىرىشىپ خەلق رازى بولىدىغان مائارىپنى ياخشى باشقۇرۇپ، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن تېخىمۇ زور تۆھپە قوشۇش كېرەك.

ئاپتونوم رايوننىڭ مۇئاۋىن رەئىسى جاۋ چىڭ يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى.