ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ تەيىنلەش - قالدۇرۇش ئىسىملىكى

日期:2020年09月22日
来源:新疆日报
【字体:

(2020- يىلى 9- ئاينىڭ 19- كۈنى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 13- نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 18- قېتىملىق يىغىنىدا ماقۇللاندى)

(1)

سۈن خۇڭمېي(ئايال)نى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسلىكىگە تەيىنلەش قارار قىلىندى.

سۈن خۇڭمېينىڭ قىسقىچە تەرجىمىھالى

سۈن خۇڭمېي، ئايال، مانجۇ، 1970 - يىلى 1 - ئايدا تۇغۇلغان، لياۋنىڭ بېيپياۋدىن، 1991 - يىلى 7 - ئايدا خىزمەتكە قاتناشقان، 1990 - يىلى 12 - ئايدا جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىگە كىرگەن، ئىچكى موڭغۇل داشۆسى ئېلېكتىرون ئىلمى فاكۇلتېتىنىڭ ئېلېكتىرون ئىلمى ۋە ئۇچۇر سىستېمىسى كەسپىنى پۈتكۈزگەن، ئالىي مەكتەپ ئوقۇش تارىخىغا ئىگە.

1987 - يىلى 9 - ئايدىن 1991 - يىلى 7 - ئايغىچە ئىچكى موڭغۇل داشۆسى ئېلېكتىرون ئىلمى فاكۇلتېتىنىڭ ئېلېكتىرون ئىلمى ۋە ئۇچۇر سىستېمىسى كەسپىدە ئوقۇغان؛ 1991 - يىلى 7 - ئايدىن 1994 - يىلى 8 - ئايغىچە ئىچكى موڭغۇل ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى بەنگۇڭتىڭى كاتىبات باشقارمىسىدا بۆلۈم ئەزاسى بولغان؛ 1994 - يىلى 8 - ئايدىن 2000 - يىلى 8 - ئايغىچە ئىچكى موڭغۇل ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى بەنگۇڭتىڭى ئۇنىۋېرسال باشقارمىسىدا بۆلۈم ئەزاسى، مۇدىر دەرىجىلىك بۆلۈم ئەزاسى بولغان؛ 2000 - يىلى 8 - ئايدىن 2004 - يىلى 6 - ئايغىچە ئىچكى موڭغۇل ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى بەنگۇڭتىڭى ئۇنىۋېرسال باشقارمىسىنىڭ مۇئاۋىن باشقارما باشلىقى بولغان؛ 2004 - يىلى 6 - ئايدىن 2008 - يىلى 1 - ئايغىچە، ئىچكى موڭغۇل ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى بەنگۇڭتىڭى ئۇنىۋېرسال باشقارمىسىنىڭ باشقارما باشلىقى بولغان (بۇ مەزگىلدە: 2005 - يىلى 7 - ئايدىن 2007 - يىلى 7 - ئايغىچە، ۋەزىپە بىلەن ئەۋەتىلىپ ئىچكى موڭغۇل ئاپتونوم رايونلۇق ئەرزىيەت ئىدارىسى نازارەت قىلىش باشقارمىسى، خەت - چەك بىر تەرەپ قىلىش باشقارمىسىنىڭ مۇئاۋىن باشقارما باشلىقى بولغان)؛ 2008 - يىلى 1 - ئايدىن 2009 - يىلى 5 - ئايغىچە، ئىچكى موڭغۇل ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى تەتقىقات ئىشخانىسىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى (باشقارما باشلىقى دەرىجىلىك) بولغان؛ 2009 - يىلى 5 - ئايدىن 2011 - يىلى 8 - ئايغىچە ئىچكى موڭغۇل ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى بەنگۇڭتىڭىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى، قوشۇمچە تەتقىقات ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى بولغان؛ 2011 - يىلى 8 - ئايدىن 2016 - يىلى 10 - ئايغىچە ئىچكى موڭغۇل ئاپتونوم رايونى باۋتۇ شەھەرلىك پارتىيە كومىتېتى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، تەشۋىقات بۆلۈمىنىڭ بۆلۈم باشلىقى بولغان؛ 2016 - يىلى 10 - ئايدىن 2017 - يىلى 5 - ئايغىچە، ئىچكى موڭغۇل ئاپتونوم رايونى باۋتۇ شەھەرلىك پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، سىياسىي - قانۇن كومىتېتىنىڭ شۇجىسى بولغان؛ 2017 - يىلى 5 - ئايدىن 2018 - يىلى 9 - ئايغىچە، ئىچكى موڭغۇل ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى تەشكىلات بۆلۈمىنىڭ مۇئاۋىن بۆلۈم باشلىقى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى ھۆكۈمەت باھالاش ئىشخانىسىنىڭ مەخسۇس ۋەزىپىدىكى مۇئاۋىن مۇدىرى (نازىر دەرىجىلىك) بولغان؛ 2018 - يىلى 9 - ئايدىن 2020 - يىلى 8 - ئايغىچە، ئىچكى موڭغۇل ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى تەشكىلات بۆلۈمىنىڭ دائىمىي مۇئاۋىن بۆلۈم باشلىقى بولغان.

(2)

ليۇ سۇشېنى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسلىكىگە تەيىنلەش قارار قىلىندى.

ليۇ سۇشېنىڭ قىسقىچە تەرجىمىھالى

ليۇ سۇشې، ئەر، خەنزۇ، 1967 - يىلى 10 - ئايدا تۇغۇلغان، شەنشى ياڭلىڭدىن، 1989 - يىلى 8 - ئايدا خىزمەتكە قاتناشقان، 1986 - يىلى 4 - ئايدا جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىگە كىرگەن، جۇڭگو يېزا ئىگىلىك پەنلەر ئاكادېمىيەسى ئاسپىرانتلار مەكتىپىنىڭ يېزا ئىگىلىك ئىقتىسادىنى باشقۇرۇش كەسپىنى پۈتكۈزگەن، ئىشلەپ تۇرۇپ ئاسپىرانتلىق ئوقۇش تارىخىغا ئىگە، باشقۇرۇش ئىلمى دوكتورى.

1985 - يىلى 9 - ئايدىن 1989 - يىلى 8 - ئايغىچە، بېيجىڭ يېزا ئىگىلىك داشۆسى يېزا ئىگىلىك ئىقتىسادىنى باشقۇرۇش شۆيۈەنىنىڭ يېزا پۇل مۇئامىلە كەسپىدە ئوقۇغان؛ 1989 - يىلى 8 - ئايدىن 1997 - يىلى 7 - ئايغىچە، دۆلەت پىلان كومىتېتى يېزا ئىقتىسادى مەھكىمىسى يېزا ئىگىلىك باشقارمىسىنىڭ كادىرى، مۇئاۋىن مۇدىر دەرىجىلىك بۆلۈم ئەزاسى، مۇدىر دەرىجىلىك بۆلۈم ئەزاسى بولغان (بۇ مەزگىلدە: 1989 - يىلى 10 - ئايدىن 1990 - يىلى 11 - ئايغىچە، بېيجىڭ شەھىرى شۈنيى ناھىيەلىك پىلان كومىتېتىدا چېنىققان؛ 1992 - يىلى 3 - ئايدىن 1996 - يىلى 6 - ئايغىچە، جۇڭگو يېزا ئىگىلىك پەنلەر ئاكادېمىيەسى ئاسپىرانتلار مەكتىپىنىڭ يېزا ئىگىلىك ئىقتىسادىنى باشقۇرۇش كەسپىدە ئىشلەپ تۇرۇپ ئوقۇپ، يېزا ئىگىلىك ئىلمى ماگىستىرلىق ئۇنۋانىغا ئېرىشكەن)؛ 1997 - يىلى 7 - ئايدىن 1998 - يىلى 8 - ئايغىچە، دۆلەت پىلان كومىتېتى يېزا ئىقتىسادى مەھكىمىسى يېزا ئىگىلىك باشقارمىسىنىڭ مۇئاۋىن باشقارما باشلىقى بولغان؛ 1998 - يىلى 8 - ئايدىن 2001 - يىلى 6 - ئايغىچە، دۆلەت پىلان كومىتېتى يېزا ئىقتىسادى مەھكىمىسى يىللىق پىلان باشقارمىسىنىڭ ياردەمچى تەتقىقاتچىسى بولغان؛ 2001 - يىلى 6 - ئايدىن 2003 - يىلى 6 - ئايغىچە دۆلەت پىلان كومىتېتى يېزا ئىقتىسادى مەھكىمىسى يىللىق پىلان باشقارمىسىنىڭ باشقارما باشلىقى بولغان (2001 - يىلى 2 - ئايدىن 2002 - يىلى 2 - ئايغىچە، ۋەزىپە بىلەن ئەۋەتىلىپ يۈننەن ئۆلكىسى چۇشيۇڭ يىزۇ ئاپتونوم ئوبلاستلىق ھۆكۈمەتنىڭ مۇئاۋىن باش كاتىپى، ئوبلاست باشلىقى ياردەمچىسى بولغان)؛ 2003 - يىلى 6 - ئايدىن 2007 - يىلى 7 - ئايغىچە، دۆلەت تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى يېزا ئىقتىسادى مەھكىمىسى يىللىق پىلان باشقارمىسىنىڭ باشقارما باشلىقى بولغان (بۇ مەزگىلدە: 2003 - يىلى 10 - ئايدىن 2004 - يىلى 1 - ئايغىچە، مەركىزىي كومىتېت پارتىيە مەكتىپى مەركەز دۆلەت ئورگانلىرى شۆبە مەكتىپىنىڭ ياش كادىرلار كۇرسىدا ئوقۇغان)؛ 2007 - يىلى 7 - ئايدىن 2014 - يىلى 4 - ئايغىچە، دۆلەت تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى رايون ئىقتىسادى مەھكىمىسىنىڭ مۇئاۋىن مەھكىمە باشلىقى بولغان (2006 - يىلى 9 - ئايدىن 2009 - يىلى 7 - ئايغىچە جۇڭگو يېزا ئىگىلىك پەنلەر ئاكادېمىيەسى ئاسپىرانتلار مەكتىپىنىڭ يېزا ئىگىلىك ئىقتىسادىنى باشقۇرۇش كەسپىدە ئىشلەپ تۇرۇپ ئاسپىرانتلىقتا ئوقۇغان، باشقۇرۇش ئىلمى دوكتورلۇق ئۇنۋانىغا ئېرىشكەن؛ 2008 - يىلى 3 - ئايدىن 2009 - يىلى 1 - ئايغىچە مەركىزىي كومىتېت پارتىيە مەكتىپىنىڭ ئوتتۇرا ياش، ياش كادىرلارنى تەربىيەلەش 2 - كۇرسىدا ئوقۇغان)؛ 2014 - يىلى 4 - ئايدىن 2017 - يىلى 5 - ئايغىچە، دۆلەت تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى رايون ئىقتىسادى مەھكىمىسىنىڭ مەھكىمە باشلىقى بولغان؛ 2017 - يىلى 5 - ئايدىن 2017 - يىلى 6 - ئايغىچە، دۆلەت تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى تۇراقلىق مۈلۈك سېلىنما مەھكىمىسىنىڭ مەھكىمە باشلىقى بولغان؛ 2017 - يىلى 6 - ئايدىن 2020 - يىلى 9 - ئايغىچە گوۋۇيۈەن بەنگۇڭتىڭى كاتىبات 2 - ئىدارىسىنىڭ ئىدارە باشلىقى بولغان (بۇ مەزگىلدە: 2019 - يىلى 3 - ئايدىن 2019 - يىلى 7 - ئايغىچە، مەركىزىي كومىتېت پارتىيە مەكتىپىنىڭ ئوتتۇرا ياش، ياش كادىرلارنى تەربىيەلەش 1 - كۇرسىدا ئوقۇغان).