نانچىلىق كەسىپى بىلەن مۇقىم ئىشقا ئورۇنلىشىش

日期:2020年09月21日
来源:天山网
【字体:

نانچىلىق كەسىپلەر باغچىسى قاقلاپ پىشۇرۇش رايونىدا بىر خادىم ناننىڭ يۈزىگە كۈنجۈت چاچماقتا.

كۆرگەزمە سۇپىسىدىكى خىزمەتچى خادىم زۆھرە ئابدۇرىشىت ساياھەتچىلەرگە نان مەھسۇلاتلىرىنى كۆرسەتمەكتە.

9-ئاينىڭ 18-كۈنى، نانچىلىق كەسىپلەرباغچىسى قاقلاپ پىشۇرۇش رايونى خىزمەتچى خادىملارنىڭ ئالدىراشلىق كارتىنىسى بىلەن تولدى​.

شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىر ياڭ خۇاگۇاڭ فوتوسى، خەۋىرى): 9-ئاينىڭ 18-كۈنى، مۇخبىر قەشقەر ۋىلايىتى پەيزاۋات ناھىيەسى نان مەدەنىيىتى كەسىپلەر باغچىسى قاقلاپ پىشۇرۇش رايونىغا كىرگەندە، بېشىغا ئاق شەپكە كىيگەن، ئۇچىسىغا ئاق ئىش كىيىمى كىيگەن خىزمەتچى خادىملار ئىش تەرتىپى بويىچە شۇ جايدىكى پۇقرالار ياخشى كۆرىدىغان گىردە نان تەييارلاۋاتاتتى. قاقلاش پىشۇرۇش رايونىنىڭ باشقۇرغۇچىسى مەمتىمىن قادىر مۇخبىرغا مۇنداق دېدى: «بىر تونۇرغا بىر كۈندە 3200 گىردە نان ياقىمىز».

يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، پەيزاۋات ناھىيەسى نانچىلىقنى زور كۈچ بىلەن راۋاجلاندۇرۇپ، شۇ جايدىكى ئاھالىلەرنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپ كىرىمىنى ئاشۇرۇشىغا تۈرتكە بولدى. نان مەدەنىيىتى كەسىپلەر باغچىسى ھازىر ئىشلەپچىقىرىش، پىششىقلاش، ئامباردا ساقلاش، ئەشيا ئوبوروتى، ماھارەت بويىچە تەربىيەلەش، نامراتلارنى يۆلەش، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش كەسىپ زەنجىرىنى شەكىللەندۈردى، ناننىڭ سېتىلىش مىقدارى توردا ۋە تور سىرتىدا كۈنىگە ئوتتۇرا ھېساب بىلەن 300 مىڭغا يېتىپ، شۇ جايدىكى 1200 ئاھالىنى كەسىپلەر باغچىسىغا ئىشقا ئورۇنلاشتۇردى، بۇنىڭ ئىچىدە 696 نامرات كىشى بار.