G30 شياۋساۋخۇدىن ئۈرۈمچىگىچە بولغان يول بۆلىكىنى كېڭەيتىش قۇرۇلۇشىنىڭ توپا-ياغاچ قۇرۇلۇشى تاماملاندى

日期:2020年09月16日
来源:天山网
【字体:

G30 شياۋساۋخۇدىن ئۈرۈمچىگىچە بولغان يول بۆلىكنى كېڭەيتىش قۇرۇلۇشىنىڭ توپا-ياغاچقۇرۇلۇشى تاماملاندى.

تىيانشانتورى خەۋىرى(مۇخبىر گو لىڭ، ئىختىيارىمۇخبىرليۇ يۈجىڭ، يۈەن يۆ خەۋىرى،فوتوسى): 9-ئاينىڭ 15-كۈنى، G30 شياۋساۋخۇدىنئۈرۈمچىگىچە بولغان يول بۆلىكىنى كېڭەيتىش قۇرۇلۇشىنىڭ توپا-ياغاچ قۇرۇلۇشى بويىچەقۇرۇلۇشنى تاپشۇرۇش يىغىنى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق قاتناش قۇرۇلۇشىنى باشقۇرۇش ئىدارىسىدە ئوڭۇشلۇق ئېچىلدى، بۇ، بۇ قۇرۇلۇشتا يەنە بىر چوڭ قەدەم تاشلانغانلىقىدىن دېرەك بەردى. قاتناش باشلانغاندىن كېيىن، بۇ يولدا يۈرۈشسۈرئىتى ئومۇميۈزلۈك تېزلىتىلىپ، ئۈرۈمچى شەھەر رايونىدىن شياۋساۋخۇغىچەبولغان ئارىلىق ئەسلىدىكى ئىككى سائەتلىك مۇساپىدىن بىر سائەتكە قىسقىرايدۇ.

شياۋساۋخۇ-ئۈرۈمچىتۈرىنىڭ باشلىنىش نۇقتىسى شياۋساۋخۇ ئۆتۈشمە كۆۋرۈكىدىن باشلىنىپ، ئۈرۈمچى شەھەر ئايلانما يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولىنىڭ شەرقىي لىنىيەسىدەئولانباي بىلەن تۇتىشىدۇ، ئومۇمىي ئۇزۇنلۇقى تەخمىنەن 121 كىلومېتىر، پۈتۈن لىنىيە قوش يۆنىلىشلىك سەككىز ئاپتوموبىل قاتنايدىغان يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيول تېخنىكا ئۆلچىمى بويىچە ياسىلىدۇ، لايىھەدىكى سائەتلىك سۈرىتى120 كىلومېتىرغا يېتىدۇ.

بۇ تۈردە ئۈچ ئالاھىدە چوڭ كۆۋرۈك(ئەرشىلىدەنئالاھىدە چوڭ كۆۋرۈكى 1260 مېتىر، ئۈرۈمچى دەرياسىئالاھىدە چوڭ كۆۋرۈكى 1100 مېتىر، شەھەرجەنۇبىتاشقى ئىقتىساد-سودا رايونىئالاھىدە كۆۋرۈكى 1100 مېتىر)، ئايرىلما، ئۆتۈشمە ھالەتتىكى يەتتە جاي(شياۋساۋخۇ، داۋانچىڭ، ئەرشىلىدەن، يەنخۇ، جىدۇڭ، جىنەن،ئۇلانباينىڭ غەربىدىكى ئۆتۈشمە شەكىللىك ئىستېرېئولۇق كۆۋرۈك) تەسىس قىلىنغان.

شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، بۇ تۈردە يۇقىرى يۆنىلىشكە ماڭىدىغانلىنىيە تونېلىدىن بەشى، تۆۋەن يۆنىلىشكە ماڭىدىغان لىنىيە تونېلىدىن ئىككىسى يېڭىدىن ياسىلىدۇ، بۇلار ئايرىم-ئايرىم ھالدا شىڭخۇاسۇن1-نومۇر(قوش يۆنىلىشلىك)، شىڭخۇاسۇن 2-نومۇر(قوش يۆنىلىشلىك)، بەيياڭخې تونېلى(يەككە يۆنىلىشلىك)، داۋانچىڭ تونېلى(يەككە يۆنىلىشلىك قوش تونېل)دىن ئىبارەت.

مۇخبىرنىڭ شياۋساۋخۇ-ئۈرۈمچى تۈرى قوماندانلىق ئىشتابىدىن ئىگىلىشىچە، شياۋساۋخۇ-ئۈرۈمچى يول بۆلىكىنىئۆزگەرتىش تۈرى شىنجاڭنىڭتۇنجى تۈركۈمدىكى ئۈچ «تۆت ئاپتوموبىل يۈرۈش يولىنى سەككىز ئاپتوموبىل يۈرۈش يولىغائۆزگەرتىش»تۈرىنىڭ بىرى بولۇپ، 2016-يىلى 8-ئايدا ئالدىن ئىش باشلانغان. بۇ تۈردە كۆۋرۈك، تونېل بىر قەدەر كۆپ، بۇنىڭ ئىچىدە شىڭخۇاسۇن1-نومۇرلۇق تونېلى يەككە ئۆڭكۈردىكى تۆت ئاپتوموبىل يولىدىن ھالقىغان دەرىجىدىن تاشقىرى تۈز چوڭ كەسمە يۈزلۈك تاشيول تونېلى ھېسابلىنىدۇ، ئارىلىقى 20 مېتىردىن ئاشىدىغان يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولدىكى تۆت ئاپتوموبىل يولى بار چوڭ كەسمە يۈزلۈك تونېل مەملىكەت مىقياسىدىمۇ ناھايىتى ئاز ئۇچرايدۇ.

شياۋساۋخۇ-ئۈرۈمچى يول بۆلىكىنى ئۆزگەرتىش قۇرۇلۇشى تۈرىدىكىليەنيۈنگاڭ-قورغاس يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولى شەرقتىن غەربكە جياڭسۇدىن شىنجاڭغىچە بولغان ئالتە ئۆلكە، ئاپتونوم رايوننى كېسىپ ئۆتىدۇ، لىنىيەنىڭ ئومۇمىي ئۇزۇنلۇقى تەخمىنەن 4280 كىلومېتىر بولۇپ، داڭلىق ياۋروپا-ئاسىيا چوڭ قۇرۇقلۇق كۆۋرۈكى يولى ھېسابلىنىدۇ. بۇ بۆلەكتىكى تاشيول 1998-يىلى شىنجاڭدا ياسالغان تۇنجى يۇقىرى دەرىجىلىك تاشيول تۇرپان-ئۈرۈمچى-داخۇاڭشەن يۇقىرى دەرىجىلىك تاشيولى بولۇپ،پۈتكەندىن بۇيان 22 يىل ئىشلىتىلگەن.

G30لىنىيەسىنىڭ ئۈرۈمچىدىن كۈيتۈنگىچە بولغان بۆلىكىنى ئۆزگەرتىش، كېڭەيتىش قۇرۇلۇشى 2019-يىلى تاماملاندى، تۇرپاندىن شياۋساۋخۇغىچەبولغان يول بۆلىكىنىڭ ئېچىلىشى ھەمبۇ قېتىم پۈتۈپ قاتناش باشلىنىش ئالدىدا تۇرغان شياۋساۋخۇ-ئۈرۈمچى تۈرى قوشۇلۇپ، شىنجاڭغاكىرىپ-چىقىدىغان يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيوللارنىڭ يۈرۈش سۈرئىتى ۋە ئىقتىدارىنى زور دەرىجىدە ئاشۇرۇپ، «شىنجاڭ ئىچىنى تۇتاشتۇرۇپ، شىنجاڭغا كىرىپ-چىقىشنى تېزلىتىش» نىشانىنى تېز ئەمەلگە ئاشۇردى.