ئاۋات: خەلققە قولايلىق مۇلازىمەت پونكىتى كەنتكىچە قۇرۇلدى

日期:2020年09月16日
来源:天山网
【字体:

شىنجاڭ گېزىتى،ئاۋات، 9-ئاينىڭ 13-كۈنى خەۋىرى، ئىختىيارىي مۇخبىرلىرىمىز گو ئەيچېڭ، ليۇ شاۋفېڭ خەۋەر قىلىدۇ: «كەنتتە خەلققە قولايلىق مۇلازىمەت پونكىتىنىڭ قۇرۇلغانلىقىنى ئاڭلاپ، سىناپ بېقىش پوزىتسىيەسىدە، كىملىك نومۇرۇمنىبېجىرگەندە تۇغۇلغان كۈنۈمنىڭ خاتا يېزىلىپ قالغانلىقىنى كەنتخەلققە قولايلىق مۇلازىمەت پونكىتىدىكىۋاكالىتەن بېجىرگۈچىگە ئېيتقانىدىم، نەچچە كۈن ئۆتمەيلا، خەلققە قولايلىق مۇلازىمەت پونكىتى ئۆزگەرتىلگەن كىملىكنى بېجىرىپ بەردى. ئىشىك ئالدىدا خەلققە قولايلىق مۇلازىمەت پونكىتى بولسا، بەك ياخشى بولىدىكەن!» دېدى 8-ئاينىڭ 6-كۈنىئاۋات ناھىيەسىنىڭ بەشئېرىق بازىرى تۆۋەنكى تاللىق كەنتىدىكى دېھقان زورەم مۆمىن خۇشال ھالدا.

بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان، ئاۋات ناھىيەلىك مەمۇرىي مۇلازىمەت مەركىزىدىنتۆۋەنكى تاللىق كەنتىدە تۇرۇشلۇق «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» خىزمەت ئەترىتى باشلامچىلىق بىلەن كەنت دەرىجىلىك خەلققە قولايلىق مۇلازىمەت پونكىتى قۇرۇپ، خەلق ئىشلىرى مۇلازىمىتى، ئەمگەك كاپالىتى، ئاممىۋى سەھىيە مۇلازىمىتى، دېھقانلارغا نەپ يەتكۈزۈش سىياسىتى مۇلازىمىتى قاتارلىق ئۇنىۋېرسال مۇلازىمەت تۈرلىرىنى كەنت دەرىجىلىك خەلققە قولايلىق مۇلازىمەت پونكىتلىرىنىڭ بېجىرىش دائىرىسىگە كىرگۈزۈپ، كەنتتىكى ئىش بېجىرىدىغان ئاممىنى سىياسەت جەھەتتىن مەسلىھەت سوراش، كەسىپلەرنى قوبۇل قىلىپ بېجىرىش، ياردەملىشىپ بېجىرىش،ۋاكالىتەن بېجىرىش، ماتېرىياللارنى بېسىپ چىقىرىش، كۆپەيتىش قاتارلىق ۋاكالىتەن بېجىرىش مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلىدى.

كەنت خەلققە قولايلىق مۇلازىمەت پونكىتى قۇرۇلۇپ ئىشقا كىرىشتۈرۈلگەندىن بۇيان، ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ ئامما ئۈچۈن تۈرلۈكمۇلازىمەتتىن 39نىۋاكالىتەن بېجىرىپ،قىيىنچىلىق، ئارزۇ-تەلەپتىن 275نىھەل قىلىپ، سىياسەتتىن مەسلىھەت سوراش مۇلازىمىتىنى23 قېتىمقانات يايدۇرۇپ، زىددىيەت، ماجىرادىن ئۈچنىماسلاشتۇرۇپ، ئاممىغا ناھايىتى زور قولايلىق ياراتتى.