بۈگۈن شىنجاڭنىڭ كۆپ قىسىم جايلىرىدا ئەڭ يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃30تىن تۆۋەن بولىدۇ

日期:2020年09月16日
来源:天山网
【字体:

ئانار بۇلۇت/شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى(مۇخبىريۈ مېڭفەن): بۈگۈن شىمالىي شىنجاڭدا ئۈرۈمچى شەھىرى، قاراماي شەھىرىدىن باشقاجايلاردا بەزىدە ئۆتكۈنچى يامغۇر ياغىدۇ، باشقا جايلاردا ھاۋا ئوچۇق ياكىبۇلۇتلۇق بولىدۇ. شىنجاڭنىڭ كۆپ قىسىم جايلىرىدا ئەڭ يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃30تىن تۆۋەن بولۇپ، كۈز شامىلى چىقىدۇ، ھاۋا سالقىن بولىدۇ.

9-ئاينىڭ 16-كۈنى سائەت 8:15تە، ئۈرۈمچىدە قۇياش ئاستا-ئاستا كۆتۈرۈلمەكتە.(ياڭ گۇاڭ فوتوسى)

ئۈرۈمچى شەھىرىدە بۈگۈن ئۆتكۈنچى يامغۇر يىغىپ كېيىن ھاۋا ئېچىلىدۇ، ئەڭ يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃25، ئەڭ تۆۋەن تېمپېراتۇرا ℃13 بولىدۇ، ئۈچ بال شامال چىقىدۇ.

بۈگۈن ئۆتكۈنچىيامغۇر ۋەسىم-سىم يامغۇر(تاغلىق رايونلاردا يامغۇر قارغا ئايلىنىدۇ ياكى قار ياغىدۇ)نىڭ تەسىرىگە ئۇچرايدىغان يول بۆلەكلىرىدىن: G30 ،G312 لىنىيەسىنىڭشىخەنزە-قۇتۇبىبۆلىكىجەنۇبىي قىسىم تاغلىق رايونى، قۇتۇبى-ئۈرۈمچى بۆلىكى، لياۋدۇن-قومۇل بۆلىكىنىڭ شىمالىي قىسىم تاغلىق رايونى، G217 لىنىيەسىنىڭ چورما-ئاغى بۆلىكى، G218 لىنىيەسىنىڭ تۇرگىن-خېجىڭ بۆلىكى، G7 لىنىيەسى، G314 لىنىيەسىنىڭ قونجىراپ-تاشقورغان بۆلىكى، كۇچا-كورلا بۆلىكىشىمالىي قىسىم تاغلىق رايونى، G315 لىنىيەسىنىڭ يەكەن-قاراقاش بۆلىكى غەربىي جەنۇبىي قىسىم تاغلىق رايونلىرى بار.