بىڭتۇەن 7- نۆۋەتلىك پارتىيە كومىتېتىنىڭ 7- ئومۇمىي يىغىنى ئېچىلدى

日期:2020年09月16日
来源:天山网
【字体:

چېن چۈەنگو قاتناشتى ھەم سۆز قىلدى

ۋاڭ جۈنجېڭ دوكلات بەردى ھەم سۆز قىلدى پېڭ جيارۈي قاتناشتى

شىنجاڭ گېزىتى پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرلىرىياۋ تۇڭ، ۋاڭ شىڭرۇيخەۋەر قىلىدۇ: 9 - ئاينىڭ 14 - كۈنى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش - قۇرۇلۇش بىڭتۇەنى 7 - نۆۋەتلىك كومىتېتىنىڭ 7 - ئومۇمىي يىغىنى ئۈرۈمچىدە ئېچىلدى.

ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى، شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش - قۇرۇلۇش بىڭتۇەنى پارتىيە كومىتېتىنىڭ 1 - شۇجىسى، 1 - جېڭۋېي چېن چۈەنگو يىغىنغا قاتناشتى ھەم سۆز قىلدى. بىڭتۇەن پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى، جېڭۋېي ۋاڭ جۈنجېڭ بىڭتۇەن پارتىيە كومىتېتى دائىمىي كومىتېتىغا ۋاكالىتەن ئومۇمىي يىغىنغا خىزمەت دوكلاتى بەردى ھەم سۆز قىلدى. بىڭتۇەن پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، سىلىڭيۈەن پېڭ جيارۈي يىغىنغا قاتناشتى.

چېن چۈەنگو سۆزىدە بۇ يىلدىن بۇيان بىڭتۇەننىڭ ئىسلاھات، تەرەققىيات، مۇقىملىق، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش ۋە ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ئالغا سىلجىتىشتىكى تۈرلۈك خىزمەتلەردە قولغا كەلتۈرگەن نەتىجىلىرىنى تولۇق مۇئەييەنلەشتۈردى. ئۇ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: پارتىيە 18 - قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بىڭتۇەن خىزمىتىگە يۈكسەك ئەھمىيەت بەردى، باش شۇجى شى جىنپىڭ بىڭتۇەن خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش توغرىسىدا كۆپ قېتىم مۇھىم سۆز قىلىپ، مۇھىم يوليورۇق بېرىپ، يېڭى دەۋردىكى بىڭتۇەن خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش ئۈچۈن يۆنىلىش كۆرسىتىپ بەردى، تۈپ مىزان بىلەن تەمىنلىدى. شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، پارتىيە 19 - قۇرۇلتىيى ۋە پارتىيە 19 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېت 2 -، 3 -، 4 - ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، قەتئىي ھالدا ئىدىيە ۋە ھەرىكەتنى باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزى ۋە مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھىغا بىرلىككە كەلتۈرۈش، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ بىڭتۇەن خىزمىتى توغرىسىدىكى ئورۇن بەلگىلىشى ۋە ئورۇنلاشتۇرما، تەلەپلىرىگە بىرلىككە كەلتۈرۈش كېرەك.

چېن چۈەنگو مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: بىڭتۇەن يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، دىققەتنى شىنجاڭ خىزمىتى باش نىشانىغا مەركەزلەشتۈرۈپ، بىڭتۇەننىڭ ۋەزىپە - مەسئۇلىيىتى، بۇرچىنى سادىقلىق بىلەن ئادا قىلىپ، ئاخىرىدىمۇ باشتىكىدەكلا ئېھتىياتچانلىق بىلەن دائىملاشقان يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەشنى ياخشى تۇتۇپ، ئىسلاھات، تەرەققىيات، مۇقىملىقتىكى تۈرلۈك خىزمەتلەرنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ئالغا سىلجىتىپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇش، جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك شىنجاڭ قۇرۇش ئۈچۈن يېڭى، تېخىمۇ زور تۆھپە قوشۇشى كېرەك. قەتئىي بوشاشماي شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇشنى مۇھىم، زور سىياسىي مەسئۇلىيەت قىلىپ، كۈچەپ ئۆگىنىپ ئىگىلەش، پۇختا ئۆزلەشتۈرۈش، ئەمەلىي ئىشلەش جەھەتتە كۈچ سەرپ قىلىپ، بىڭتۇەن خىزمىتىنىڭ باشتىن - ئاخىر توغرا يۆنىلىشنى بويلاپ ئىلگىرىلىشىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. قەتئىي بوشاشماي دائىملاشقان يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش ۋە ئىقتىسادنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتى، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش، جەمئىيەت مۇقىملىقىنى قوغداش خىزمىتىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ياخشى تۇتۇپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشتا ھەل قىلغۇچ جەڭ قىلىپ، ھەل قىلغۇچ غەلىبە قىلىش نىشان - ۋەزىپىلىرىنى تاماملاشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىپ، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىش كېرەك. قەتئىي بوشاشماي ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، تەرەققىياتنىڭ ئىچكى ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچىنى ئۈزلۈكسىز قويۇپ بېرىپ، بىڭتۇەن ئىدارە قىلىش سىستېمىسى ۋە ئىدارە قىلىش ئىقتىدارىنىڭ زامانىۋىلىشىشىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك. قەتئىي بوشاشماي جەنۇبقا قاراپ تەرەققىي قىلىشنى ئالغا سىلجىتىپ، بىڭتۇەننىڭ جەنۇبقا قاراپ تەرەققىي قىلىش يىرىك پىلانى پىروگراممىسىنى جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈش، پۇختا ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇش كېرەك. قەتئىي بوشاشماي يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، مۇقىملىق ئاساسىدا ئىلگىرىلەش خىزمەت باش رىتىمىدا چىڭ تۇرۇپ، «ئالتىنى مۇقىملاشتۇرۇش» خىزمىتىنى پۇختا، ياخشى ئىشلەپ، «ئالتىگە كاپالەتلىك قىلىش» ۋەزىپىسىنى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇشنى تېزلىتىش كېرەك. قەتئىي بوشاشماي مۇقىملىقنى قوغداش، چېگرانى مۇھاپىزەت قىلىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈپ، پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ جەمئىيەت چوڭ ۋەزىيىتىنىڭ مۇقىملىقى ئۈچۈن تۆھپە قوشۇش كېرەك. قەتئىي بوشاشماي بىڭتۇەن بىلەن يەرلىكنىڭ يۇغۇرما تەرەققىياتىنى ئالغا سىلجىتىپ، بىڭتۇەن بىلەن يەرلىك بىر تاختا شاھمات بولۇش ئىدىيەسىنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، بىڭتۇەن بىلەن يەرلىكنىڭ ھەرقايسى جەھەتلەردە چوڭقۇر يۇغۇرۇلۇشىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك. قەتئىي بوشاشماي پارتىيە قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيە قۇرۇلۇشىنىڭ ئومۇمىي تەلىپىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، سىياسىي قۇرۇلۇشنى بىرىنچى ئورۇنغا قويۇشتا چىڭ تۇرۇپ، باشتىن - ئاخىر ئىدىيەدە، سىياسىيدا، ھەرىكەتتە يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بىلەن يۈكسەك بىردەكلىكنى ساقلاپ، ھەر دەرىجىلىك رەھبەرلىك بەنزىلىرى، ئاساسىي قاتلام تەشكىلاتلىرى ۋە كادىرلار، ئىشچى - خىزمەتچىلەر قوشۇنى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، ئىستىلنى توغرىلاش، ئىنتىزامنى چىڭىتىش، چىرىكلىككە قارشى تۇرۇشنى ئىزچىل داۋاملاشتۇرۇپ، يېڭى دەۋردىكى بىڭتۇەن خىزمىتىنى كۈچلۈك كاپالەت بىلەن تەمىنلەش كېرەك.

ۋاڭ جۈنجېڭ خىزمەت دوكلاتىدا بۇ يىلدىن بۇيانقى بىڭتۇەن پارتىيە كومىتېتى دائىمىي كومىتېتىنىڭ خىزمەتلىرىنى ئەسلەپ ئۆتتى. ۋاڭ جۈنجېڭ مۇنداق كۆرسەتتى: شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، پارتىيە 19 - قۇرۇلتىيى ۋە 19 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېت 2 -، 3 -، 4 - ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ بىڭتۇەن خىزمىتى توغرىسىدىكى مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىش نىشان - ۋەزىپىلىرىنى چىڭ كۆزلەپ، شىنجاڭ خىزمىتى باش نىشانىنى چۆرىدەپ، دىققەتنى بىڭتۇەننىڭ ۋەزىپە - مەسئۇلىيىتى، بۇرچىغا مەركەزلەشتۈرۈپ، قەتئىي تەۋرەنمەي مۇقىملىقنى قوغداش، چېگرانى مۇھاپىزەت قىلىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈش، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنى تېزلىتىش، بىڭتۇەننىڭ جەنۇبقا قاراپ تەرەققىي قىلىشىغا تۈرتكە بولۇش، ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش، تىجارەت - سودا مۇھىتىنى ئەلالاشتۇرۇش، خەلق تۇرمۇشىنى كاپالەتلەندۈرۈش ۋە ياخشىلاش، يۇغۇرما تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈش، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى كۈچەيتىش، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىش قاتارلىق جەھەتلەردە يېڭى ئىلگىرىلەش ھاسىل قىلىپ، تىرىشىپ يېڭى دەۋردىكى بىڭتۇەن ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىدا يېڭى ۋەزىيەت يارىتىش كېرەك.

بىڭتۇەن پارتىيە كومىتېتى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزالىرىدىن كۇڭ شىڭلۇڭ، لى شىنمىڭ، لى فايى، شاۋ فېڭ، جاڭ ۋېنچۈەن، ليۇ جيەنمىڭ، مۇتەللىپ مەتتوختى، ياۋ شىنمىن، جاڭ يۇڭ، لۇ شۈپىڭ، لى جىدۇڭ، جۇڭ بو يىغىنغا قاتناشتى.