ئاپتونوم رايوندا يېڭى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى بىمارلىرىنى داۋالاش-قۇتقۇزۇش ئۈچۈن بېكىتىلگەن نۇقتىلىق دوختۇرخانىلار: ئېنىق دېئاگنوز قويۇلغان بىمارلارنىڭ داۋالىنىپ ساقىيىپ دوختۇرخانىدىن چىقىش ۋاقتى قىسقاردى

日期:2020年08月05日
来源:人民网
【字体:

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 5- ئاۋغۇست بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى:8- ئاينىڭ 4- كۈنى ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسى ئۆتكۈزگەن ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا، ئاپتونوم رايوندا يېڭى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغىنى داۋالاش-قۇتقۇزۇش ئۈچۈن بېكىتىلگەن نۇقتىلىق دوختۇرخانىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى لۇ چېن مۇنداق دېدى: بۇ قېتىمقى يۇقۇمدا ئېنىق دېئاگنوز قويۇلغان بىمارلارنىڭ داۋالىنىپ ساقىيىپ دوختۇرخانىدىن چىقىش ۋاقتى قىسقا بولىۋاتىدۇ، يەنى ئۇنى بىمارلارنىڭ داۋالىنىپ ساقىيىپ دوختۇرخانىدىن چىقىشىدىكى ئالدىنقى مەزگىلدىكى ۋاقىت بىلەن سېلىشتۇرغاندا، بۇ قېتىمقى ۋاقىت خېلى قىسقاردى.

  لۇ چېن تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: بۇ قېتىمقى داۋالاش-قۇتقۇزۇش جەريانىدا ئالدىنقى باسقۇچلۇق قۇتقۇزۇش خىزمىتىدىكى قىممەتلىك تەجرىبىلەر ئۆرنەك قىلىنغاندىن سىرت، يەنە تۆت تۈرلۈك ئۈنۈملۈك تەدبىر قوللىنىلدى.

  بىرىنچى، ياخشى بولغان قۇتقۇزۇش سىستېمىسىنى بەرپا قىلىش. بۇ قېتىمقى يۇقۇم يۈز بەرگەندىن كېيىن، گوۋۇيۈەن بىرلەشمە مۇداپىئە-كونترول مېخانىزمى مەملىكەت ئىچىدە ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدىغان سەۋىيەگە ئىگە ۋە خۇبېي قاتارلىق جايلاردا يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش ئەمەلىي جېڭىگە قاتناشقان، مول تەجرىبىگە ئىگە مۇتەخەسسىسلەرنى ئۈرۈمچىگە جىددىي قۇتقۇزۇش خىزمىتىگە يېتەكچىلىك قىلىشقا ئەۋەتىپ، ئاپتونوم رايوننىڭ مۇتەخەسسىسلىرى بىلەن بىرلەشمە مۇتەخەسسىسلەر گۇرۇپپىسىنى تەشكىللىدى، قۇتقۇزۇش جەريانىدا مۇتەخەسسىسلەر باھالاش سىستېمىسى ۋە كوللېكتىپ دىئاگنوز قويۇش سىستېمىسىنى بەرپا قىلىپ، قۇتقۇزۇش لايىھەسىنى ئۈزلۈكسىز ئەلالاشتۇرۇپ، قۇتقۇزۇش سۈپىتىنى ئۆستۈردى.

  ئىككىنچى، داۋالاش-قۇتقۇزۇش خىزمىتى كاپالىتىنى كۈچەيتىش. ئاپتونوم رايون «تۆتنى مەركەزلەشتۈرۈش» پىرىنسىپىدا چىڭ تۇرۇپ، ئاپتونوم رايونلۇق يېڭى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغىنى داۋالاش-قۇتقۇزۇش بويىچە نۇقتىلىق دوختۇرخانا قۇرۇپ، ئاپتونوم رايونغا بىۋاسىتە قاراشلىق ۋە ئۈرۈمچى شەھىرىگە قاراشلىق داۋالاش ئاپپاراتلىرىدىن مۇنەۋۋەر تېببىي خادىملارنى ئاجراتتى.

  ئۈچىنچى، ئوخشاش سۈپەتلەشتۈرۈش ۋە قېلىپلاشتۇرۇپ داۋالاشتا چىڭ تۇرۇش. دۆلەت سەھىيە-ساغلاملىق كومىتېتىنىڭ «يېڭى تاجىسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغىنى داۋالاش لايىھەسى (سىناق نۇسخىسى)»دىكى تەلەپكە قاتتىق ئەمەل قىلىپ، ئۈنۈملۈك قۇتقۇزۇش تەدبىرلىرىنى پۇختا ۋە ئىنچىكە ئىشلەپ، مۇتەخەسسىسلەر گۇرۇپپىسىنىڭ يېتەكچىلىكىدە كۆپ خىل پەنلەر ھەمكارلىشىپ قۇتقۇزۇشتا چىڭ تۇرۇپ، جۇڭگو تېبابىتى بىلەن غەرب تېبابىتىگە تەڭ ئەھمىيەت بېرىشنى كۈچەيتتى، جۇڭگو تېبابىتى بىلەن غەرب تېبابىتىنى بىرلەشتۈرۈپ دىياگنوز قويۇش تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، جۇڭگو تېبابىتى دورىلىرىنىڭ داۋالاش جەريانىدىكى ئاكتىپ رولىنى تولۇق جارى قىلدۇردى، ئالدىنقى مەزگىلدە ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ يېڭى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغىنى داۋالاشقا جۇڭگو تېبابىتى دورىلىرىنىڭ قاتنىشىش دەرىجىسى %93 ئەتراپىدا بولدى، بۇ قېتىمقى يۇقۇمدا، جۇڭگو تېبابىتى دورىلىرىنىڭ قاتنىشىش نىسبىتى %100كە يەتتى، يېڭى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغىغا گېرىپتار بولغان يېنىك تىپلىق، ئادەتتىكى تىپلىق ۋە ئېغىر تىپلىق كلىنىكىلىق كېسەللىك ئالامەتلىرى بارلارنى ياخشىلاش جەھەتتە بىر قەدەر ياخشى ئۈنۈمگە ئېرىشتى.

  تۆتىنچى، «تۆتتە بالدۇر بولۇش» پرىنسىپىنى قەتئىي ئەمەلىيلەشتۈرۈش. بۇ قېتىمقى يۇقۇمدا ئالامىتى يېنىك بىمارلار ۋە كېسەللىك ئالامىتى كۆرۈلمىگەنلەر كۆپ بولۇش، كېسەل بولغانلارنىڭ يېشى جەھەتتىكى ئوتتۇرىچە ساننىڭ تۆۋەن بولۇشتەك ئالاھىدىلىك كۆرۈلدى، پۈتۈن كۈچ بىلەن ئېغىر كېسەلنى داۋالاش بىلەن بىر ۋاقىتتا، كېسەللىك ئالامىتى يوقلارنى داۋالاشقىمۇ ئەھمىيەت بېرىلىپ، كۈچنى مەركەزلەشتۈرۈپ، يېنىك كېسەللەرنى بالدۇر داۋالاپ، ساقىيىش نىسبىتىنى ئۈنۈملۈك ئۆستۈرۈش نەتىجىسىدە، قۇتقۇزۇش مۇددىتى قىسقارتىلدى. نۆۋەتتە 42 بىمار دوختۇرخانىدىن ساقىيىپ چىقتى، كېسەللىك ئالامىتى يوق يۇقۇملانغۇچىلاردىن 37سىنىڭ تېببىي كۆزىتىلىشى بىكار قىلىندى، ئېغىر كېسەلدىن 19ى ئادەتتىكى دەرىجىدىكى كېسەلگە ئۆزگەردى.
  مەنبە:  http://uyghur.people.com.cn/155989/15819895.html