210مىڭ پىدائىي يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇشنىڭ 1- سېپىگە ئاتلاندى

شىنجاڭ يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەشنى پۈتۈن كۈچ بىلەن قانات يايدۇردى

日期:2020年08月03日
来源:人民网
【字体:

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 3- ئاۋغۇست بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق سەھىيە-ساغلاملىق كومىتېتىنىڭ ئەڭ يېڭى ئۇقتۇرۇشىدا كۆرسىتىلىشىچە، 7- ئاينىڭ 31- كۈنى سائەت 24 كىچە، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى (شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش-قۇرۇلۇش بىڭتۈەنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ)دا ئېنىق دىئاگنوز قويۇلغان بىماردىن 547سى، كېسەللىك ئالامىتى كۆرۈلمىگەن يۇقۇملانغۇچىلاردىن 109ى بايقالغان. 15- ئىيۇل سائەت نۆلدىن 31- ئىيۇل سائەت 24 كىچە، 16 بىمار دوختۇرخانىدىن ساقايىپ چىققان، كېسەللىك ئالامىتى كۆرۈلمىگەن يۇقۇملانغۇچىلار سۈپىتىدىكى 16 بىمارنىڭ تېببىي كۆزىتىلىشى بىكار قىلىنغان .

  بۇ قېتىمقى يۇقۇم يۈز بەرگەندىن كېيىن، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ يېڭى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش خىزمىتى رەھبەرلىك گۇرۇپپىسى ۋە ئاپتونوم رايونىنىڭ يېڭى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش خىزمىتى قوماندانلىق ئىشتابى ۋەزىيەتكە يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، جىددىي تاقابىل تۇرۇش لايىھەسىنى دەرھال يولغا قويۇپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش خىزمىتىنى تەرتىپلىك ۋە يۇقىرى ئۈنۈملۈك قانات يايدۇردى.

  ئومۇمىي خەلقنىڭ يادرو كىسلاتاسىنى ھەقسىز تەكشۈرۈشنى قانات يايدۇرۇپ، يۇقۇمنىڭ تارقىلىش يوللىرىنى ئۈزۈپ تاشلىدى. ئۈرۈمچى شەھەرلىك سەھىيە-ساغلاملىق كومىتېتىنىڭ مۇدىرى جاڭ ۋېي مۇنداق دېدى: ئۈرۈمچى شەھىرى بالدۇر بايقاش، بالدۇر دوكلات قىلىش، بالدۇر ئايرىش ۋە بالدۇر داۋالاشقا كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، «تەكشۈرۈشكە تېگىشلىكلىرىنى تولۇق تەكشۈرۈش، تەكشۈرۈشنى خالايدىغانلىرىنى تولۇق تەكشۈرۈش» پىرىنسىپى بويىچە، پۈتۈن شەھەر دائىرىسىدە تۈركۈمگە بۆلۈپ يادرو كىسلاتاسىنى ھەقسىز تەكشۈرۈش خىزمىتىنى تەرتىپلىك قانات يايدۇردى.210 مىڭ پىدائىي يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇشنىڭ 1- سېپىگە ئاتلىنىپ، مەھەللە مۇلازىمەت خىزمىتىنىڭ ياخشى ئىشلىنىشىگە ياردەم بەردى. ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى 210 مىڭ پىدائىي يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىشتىكى «مېھىر-مۇھەببەت يەتكۈزۈش» پىدائىيلار ھەرىكىتىگە ئاتلىنىپ، 7- ئاينىڭ 28- كۈنىگىچە 3 مىليون 700 مىڭ ئادەم قېتىم پىدائىيلار مۇلازىمىتى قانات يايدۇرۇلدى. ھەرقايسى مەھەللىلەر پۈتۈن كۈچى بىلەن تۇرمۇش مۇلازىمىتى كاپالىتى بىلەن تەمىنلەپ، شەھەر ئاھالىلىرىنىڭ ئاساسىي ئېھتىياجىنى قاندۇردى. مەھەللە خىزمەتچىلىرى تەۋەلىكىدىكى ئىگە-چاقىسىز ياشانغانلار، ھامىلىدار ئاياللار، مېيىپلار ۋە ئاستا كېسەللەر قاتارلىق ئالاھىدە ئاممىنى ئۆيمۇ ئۆي زىيارەت قىلىپ، ئۇلارنىڭ ئەندىشىسىنى ھەل قىلىشىغا ياردەم بەردى. ئاھالىلەرنىڭ ماددىي ئەشيا سېتىۋېلىشىغا ياردەم بېرىش ئۈچۈن، ئۈرۈمچى شەھىرى ئولتۇراق رايون ياكى بىنانى بىرلىك قىلىپ ئۈندىدار توپى قۇرۇش ئارقىلىق، ئاھالىلەر توپتا ئېھتىياجىنى ئۇچۇر قىلىپ يوللىسا، مەھەللە كادىرلىرى بىرىنچى بولۇپ ئاھالىلەرنىڭ تەلىپىگە ئىنكاس قايتۇردى.

  ماددىي ئەشيا بىلەن تەمىنلەشكە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىپ، مال باھاسىنىڭ مۇقىم بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلدى. ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى سۇڭ ياجۈن تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: بۇ قېتىمقى يۇقۇم ئەھۋالى يۈز بەرگەندىن بۇيان، ئۈرۈمچى شەھىرى ئاساسىي تۇرمۇش ئەشيالىرىنىڭ بازار باھاسىنى پۈتۈن كۈچى بىلەن مۇقىملاشتۇردى. پۈتۈن شەھەردىكى مەھەللە كۆكتات بىۋاسىتە سېتىش نۇقتىلىرىدىكى 491 نۇقتىدا سېتىش باھاسىغا چەك قويۇش ئىجرا قىلىنىپ، مالىيەدىن 10 مىليون يۈەن تولۇقلىما بېرىلدى.

 مەنبە:  http://uyghur.people.com.cn/155989/15819577.html