ئۈرۈمچىدە 28 دوختۇرخانا يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش مەزگىلىدە نورمال داۋالاش مۇلازىمىتىنى قانات يايدۇرىدۇ

日期:2020年07月29日
来源:人民网
【字体:

 خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 29- ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 7-ئاينىڭ 28-كۈنى سائەت 18 دە، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسى نۆۋەتتىكى ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمى ۋە ئالدىنى ئېلىش، تىزگىنلەش خىزمىتى ئەھۋالى توغرىسىدا 11-مەيدان ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئاچتى ھەمدە مۇخبىرلارنىڭ سوئالىغا جاۋاب بەردى.

  ئۈرۈمچى شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ مۇئاۋىن باش كاتىپى شاڭ يۈلەن تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: يۇقۇم مەزگىلىدە يۈرەك، مېڭە قان تومۇر، ھامىلىدار-تۇغۇتلۇق ئاياللار، بالىلار، ئۆسمە كېسەللەر قاتارلىق جىددىي، خەتەرلىك، ئېغىر كېسەللەرنى داۋالاش، قۇتقۇزۇش خىزمىتىنى يەنىمۇ ياخشى ئىشلەپ، شەھەر ئاھالىلىرىنىڭ ئاساسىي داۋالىنىش مۇلازىمىتى ئېھتىياجىنى پۈتۈن كۈچ بىلەن قاندۇرۇش ئۈچۈن، داۋالاشتىكى 28 نۇقتىلىق دوختۇرخانا مەخسۇس بېكىتىلدى، بۇنىڭ ئىچىدە ھامىلىدار- تۇغۇتلۇق ئاياللارنى قۇتقۇزۇش، داۋالاشتا بەلگىلەنگەن دوختۇرخانىدىن يەتتىسى، بالىلارنى داۋالاشتا بەلگىلەنگەن دوختۇرخانىدىن ئۈچى، قاننى دىئالىزلاپ داۋالاشتا بەلگىلەنگەن دوختۇرخانىدىن ئون بىرى، ئۆسمىنى داۋالاشتا بەلگىلەنگەن دوختۇرخانىدىن ئۈچى، يۈرەك، مېڭە قان تومۇر كېسەللىكلىرىنى داۋالاشتا بەلگىلەنگەن دوختۇرخانىدىن تۆتى بار.

  شاڭ يۈلەن مۇنداق دېدى: يۇقىرىقى داۋالاش ئاپپاراتلىرى يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش مەزگىلىدە نورمال داۋالاش مۇلازىمىتىنى قانات يايدۇرىدۇ ھەمدە زۆرۈر بولغان جىددىي قۇتقۇزۇش ئارىلىق رايونى، جىددىي ئوپېراتسىيە ئارىلىق رايونى ۋە كېسەلخانا ئارىلىق رايونى تەسىس قىلىپ، مۇداپىئەنى ياخشى ئىشلەش ئاساسىدا جىددىي، ئېغىر بىمارلارنى ۋاقتىدا داۋالايدۇ، يۇقىرى دەرىجىدە گۇمانلانغان ھەم يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغىغا گىرىپتار بولغانلىقىنى نەزەردىن ساقىت قىلغىلى بولمايدىغان بىمارلارغا قارىتا، داۋالاش بىلەن بىر ۋاقىتتا يادرو كىسلاتاسى تەكشۈرۈلىدۇ، داۋالانغاندىن كېيىنمۇ دوختۇرخانىدا يېتىپ داۋالىنىشقا توغرا كەلسە، ئالدى بىلەن ئارىلىق رايونىدا يالغۇز كىشىلىك ئايرىپ داۋالاش ئېلىپ بېرىلىپ، يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى گۇمانى تۈگىتىلگەندىن كېيىن، ئاندىن ئادەتتىكى كېسەلخانىغا يۆتكىلىدۇ.

  شاڭ يۈلەن مۇنداق دېدى: يۇقۇم مەزگىلىدە، ئاھالىلەر تۇيۇقسىز كېسەل بولۇپ قالسا، دەرھال 120 جىددىي قۇتقۇزۇش تېلېفونىغا تېلېفون قىلىپ ياكى تۇرۇشلۇق مەھەللە بىلەن ئالاقىلىشىپ، بەلگىلەنگەن دوختۇرخانىغا ۋاقتىدا بېرىپ داۋالىنىش كېرەك. دوختۇرغا كۆرۈنۈش مەزگىلىدە، بىمار ۋە ئائىلە تاۋابىئاتلىرى پۈتۈن مۇساپىدە ماسكا تاقىشى كېرەك. ھامىلىدار- تۇغۇتلۇق ئاياللار ئادەتتە كەيپىياتىنى ياخشى تەڭشەپ، ھامىلە ھەرىكىتى، قان بېسىمىنى كۆزىتىش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەپ، نورمالسىزلىق كۆرۈلسە ۋاقتىدا تەكشۈرتۈشى كېرەك؛ ھامىلىدارلىقنىڭ ئوتتۇرا مەزگىلىدە تۇغۇتتىن ئىلگىرىكى تەكشۈرتۈشكە توغرا كەلسە، تۇغۇت تەكشۈرتۈش ۋاقتىنى كەينىگە سۈرۈپ، يۇقۇم ئەھۋالى كۆپ يۈز بېرىدىغان مەزگىلدىن ساقلىنىپ، باشقا مۇۋاپىق ۋاقىت تېپىپ ئالدىن كېلىشىشكە بولىدۇ.

  ياشانغانلار توپىغا قارىتا كۈندىلىك ساغلاملىق باشقۇرۇش ۋە پىسخىكىلىق تەڭشەش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش كېرەك، يۇقىرى قان بېسىمى قاتارلىق ئۇل خاراكتېرلىك كېسەللىكلەر بولسا، چوقۇم ۋاقتىدا دورا يېيىشى لازىم، ئادەتتە تۇخۇم، سۈت، گۆش (بېلىق گۆشى، توخۇ گۆشى) قاتارلىق ئەلا سۈپەتلىك ئاقسىللىق يېمەكلىكلەرنى كۆپرەك يەپ، ئوزۇقلۇقنىڭ تەكشى بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىپ، ئىممۇنىتېت ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈش كېرەك. بالىلار توپىغا نىسبەتەن قىزىش، روھى چۈشكۈنلىشىش، جانلىق بولماسلىق ياكى پات-پات يۆتىلىش قاتارلىق ئالامەتلەر كۆرۈلسە، ۋاقتىدا دوختۇرغا كۆرۈنۈش كېرەك.