سۈن چۈنلەن شىنجاڭدا تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلغاندا مۇنۇلارنى تەكىتلىدى

ئىلمىي، دەل جايىدا تەدبىر قوللىنىپ، يۇقۇمنىڭ كېڭىيىپ كېتىشىنى توسۇپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ھاياتىي بىخەتەرلىكى ۋە تەن ساغلاملىقىنى قوغداش لازىم

日期:2020年07月27日
来源:人民网
【字体:

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 27- ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم يوليورۇقىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇش ئۈچۈن، ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، گوۋۇيۈەننىڭ مۇئاۋىن زۇڭلىسى سۈن چۈنلەن 23-ئىيۇلدىن 25-ئىيۇلغىچە شىنجاڭغا كېلىپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش خىزمىتىنى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەنگە ۋاكالىتەن شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت كادىرلار، ئاممىغا كۆڭۈل بۆلدى ۋە ئۇلاردىن ھال سورىدى. سۈن چۈنلەن ئاپتونوم رايوننىڭ يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش ئەھۋالى توغرىسىدىكى دوكلاتىنى ئاڭلىدى، يۇقۇملانغۇچىلارنى داۋالاش بېكىتىلگەن دوختۇرخانىلار، كېسەللىكلەرنى كونترول قىلىش مەركىزى، ئايرىش نۇقتىسى، مەھەللە ۋە تەكشۈرۈش، ئەۋرىشكە ئېلىش نۇقتىلىرىنى نەق مەيداندا تەكشۈرۈپ، بىمارلارنى قۇتقۇزۇش، يادرو كىسلاتاسىنى تەكشۈرۈش، ئېقىمنى تەڭشەش، مەنبەنى تەكشۈرۈش، تۇرمۇش ماددىي ئەشيالىرى بىلەن كاپالەتلەندۈرۈش قاتارلىق ئەھۋاللارنى ئىگىلىدى. سىن ئارقىلىق چېگرا ئېغىزلىرىدىكى يۇقۇم مۇداپىئەسىنى تەكشۈردى، بىرىنچى سەپتىكى داۋالاش خادىملىرى، مەھەللە كادىرلىرى ۋە ئاھالىلەر، پىدائىيلار، ئايرىۋېتىلگەنلەرنى يوقلىدى، پارتىيە، ھۆكۈمەت كادىرلىرى ۋە مۇتەخەسسىسلەر بىلەن سۆھبەتلەشتى.

  ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ شۇجىسى چېن چۈەنگو ئالاقىدار پائالىيەتلەرگە قاتناشتى.

  شىنجاڭنىڭ قىسمەن جايلىرىدا توپلىنىش خاراكتېرلىك يۇقۇم ئەھۋالى يۈز بەرگەندىن كېيىن، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم ۋە خەلق ھۆكۈمىتى ۋاقتىدا كۈچلۈك ئالدىنى ئېلىش، تىزگىنلەش تەدبىرلىرىنى قوللىنىپ، ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى بارلىق خادىملارغا قارىتا يادرو كىسلاتاسىنى تەكشۈرۈشنى قانات يايدۇردى، 2 مىليوندىن ئارتۇق ئادەمنى تەكشۈرۈش تاماملاندى، يېڭىدىن پەيدا بولغان بىمارلارنىڭ ھەممىسى باشقۇرۇش-كونترول قىلىش دائىرىسىدە بولدى. سۈن چۈنلەن شىنجاڭنىڭ ئالدىنقى باسقۇچلۇق ئالدىنى ئېلىش، تىزگىنلەش خىزمەت تەدبىرلىرىنى تولۇق مۇئەييەنلەشتۈردى. ئۇ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: بۇ قېتىمقى يۇقۇم ئەھۋالى كۆپ مىللەتكە چېتىلىدۇ، يۇقۇملانغۇچىلارنىڭ كېسەل بولۇش ئوتتۇرىچە يېشى نىسبەتەن ياش، كېسەللىك ئالامىتى يوق يۇقۇملانغۇچىلارنىڭ نىسبىتى بىر قەدەر يۇقىرى. دۆلەتنىڭ 7-نۇسخىسىدىكى داۋالاش لايىھەسى بويىچە ئوخشاش سۈپەتلەشتۈرۈپ، قېلىپلاشتۇرۇپ داۋالاش كېرەك، ئۆتكەلنى ئالدىغا سۈرۈپ، كېسەللىك ئالامىتى بولمىغان يۇقۇملانغۇچىلارنى داۋالاش ئۇسۇلىنى چوڭقۇر تەتقىق قىلىپ، ئېغىر كېسەلگە ئايلىنىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىپ، ھەر مىللەت بىمارلىرىنى كۆڭۈل قويۇپ داۋالاپ، سالامەتلىكىنىڭ بالدۇرراق ئەسلىگە كېلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. دۆلەت سەھىيە-ساغلاملىق كومىتېتى ئېغىر كېسەللەر، پەرۋىش، جۇڭيى تېبابىتى دورىلىرى قاتارلىق جەھەتلەردىكى مۇتەخەسسىسلەر ۋە داۋالاش ئۈسكۈنىلىرى، جىددىي قۇتقۇزۇش دورىلىرىنى يۆتكەش ئاساسىدا قوللاش سالمىقىنى داۋاملىق زورايتىپ، ئېقىم تەڭشەش، دوختۇرخانىدا يۇقۇملىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش، تىزگىنلەش قاتارلىق كەسىپلەر بويىچە تەربىيەلەشنى كۈچەيتىپ، داۋالاش، قۇتقۇزۇش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈشكە ياردەم بېرىپ، ھەر مىللەت بىمارلىرىنىڭ يۇقىرى سەۋىيەلىك داۋالىنىشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

  سۈن چۈنلەن مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىشنىڭ ئاچقۇچى «تۆت بالدۇر» تەلىپىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشتە، يادرو كىسلاتاسىنى تەكشۈرۈش ئىقتىدارى ۋە سۈپىتىنى تېزدىن ئۆستۈرۈش، بىمارلارنى بايقىغاندا ۋاقتىدا دوكلات قىلىش، تارقىلىشچان كېسەللىكلەر ئىلمى بويىچە تەكشۈرۈش ۋە مەنبەسىنى تەكشۈرۈش خىزمىتىنى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇپ، مەخسۇس كۈچ تەشكىللەپ، ئاممىۋى سەھىيە قاتارلىق كەسپىي خادىملارنىڭ رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، زامانىۋى ئۇچۇر تېخنىكىسىدىن پايدىلىنىپ مەخسۇس تۈزەش بىلەن ئامما تۈزەشنى بىرلەشتۈرۈپ، ئامما ئالدىنى ئېلىش، ئامما كونترول قىلىش، يۇقۇم تارقىلىش زەنجىرىنى تېزدىن ئېنىقلاش كېرەك. ئىشەنچنى چىڭىتىش، جاپا- مۇشەققەتتە ھەمدەم بولۇش، ئىلمىي ئالدىنى ئېلىش، دەل جايىدا تەدبىر قوللىنىش ئومۇمىي تەلىپى بويىچە ھەرىكەتچان، جانلىق ئالدىنى ئېلىش، تىزگىنلەش تاكتىكىسىنى يولغا قويۇپ، يېپىق مەھەللىلەرنىڭ ئىنسانىي غەمخورلۇقى ۋە مۇلازىمەت كاپالىتىنى ياخشى ئىشلەش كېرەك. يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەشكە بىر تۇتاش قوماندانلىق قىلىش، بىر تۇتاش ئورۇنلاشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، «تۆت تەرەپ» مەسئۇلىيىتىنى چىڭىتىپ، ئۇچۇردىن ئورتاق بەھرىمەن بولۇشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، تۈرلۈك ئالدىنى ئېلىش، تىزگىنلەش تەدبىرلىرىنى ئەستايىدىل ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يۇقۇم ئەھۋالىنى تېزدىن كونترول قىلىپ، نورمال ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇش تەرتىپىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش كېرەك.