شىنجاڭنىڭ 2020-يىللىق ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپ ئىمتىھان نەتىجىسى 7-ئاينىڭ 24-كۈنى سائەت 22 دە ئېلان قىلىنىدۇ

日期:2020年07月24日
来源:人民网
【字体:

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 24- ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: شىنجاڭدىكى 2020-يىللىق ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانى بەرگەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ نەتىجىسى 7-ئاينىڭ 24- كۈنى سائەت 22دە ئېلان قىلىنىدۇ، شۇ چاغدا ئىمتىھان بەرگەن ئوقۇغۇچىلار ئىمتىھانغا قاتنىشىش كىنىشكا نومۇرى ۋە مەخپىي نومۇر ئارقىلىق، تۆۋەندىكى ئۇسۇللاردا ئۆزىنىڭ ئالىي مەكتەپ ئىمتىھان نەتىجىسىنى سۈرۈشتۈرسە بولىدۇ:

  بىرىنچى ئۇسۇل: توردا سۈرۈشتۈرۈش

  1.ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ نازارىتى تورى: http://jyt.xinjiang.gov.cn

  2.ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى تورى: http://www.xinjiang.gov.cn

  3.شىنجاڭ ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش تورى: http://www.xjzk.gov.cn

  4.شىنجاڭ تىيانشان تورى: http://www.ts.cn

  5.شىنجاڭ ھۆكۈمەت ئىشلىرى مۇلازىمىتى تورى: http://zwfw.xinjiang.gov.cn

  ئىمتىھان بەرگەن ئوقۇغۇچىلار ئىمتىھانغا قاتنىشىش كىنىشكا نومۇرى ۋە مەخپىي نومۇر ئارقىلىق ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىنىڭ ئىمتىھان نەتىجىسىنى سۈرۈشتۈرسە بولىدۇ.

  ئىككىنچى ئۇسۇل: يانفون قىسقا ئۇچۇرىدا تەكشۈرۈش

  1. نەتىجە ئۇچۇرى ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن، كۆچمە تېلېفون ئابونتلىرى «GK#准考证号#密钥» (مەخپىي نومۇرGK#2065XXXXXXXXX#) شەكلىدە قىسقا ئۇچۇر يېزىپ، 10658333 كە ئەۋەتسە ئىمتىھان نەتىجە ئۇچۇرىنى تاپشۇرۇۋالالايدۇ.

  2. 12580گە تېلېفون بېرىپ ئادەملىك مۇلازىمەتكە ئۇلاش ئارقىلىق، نەتىجە سۈرۈشتۈرۈش كەسپىنى زاكاز قىلىپ سۈرۈشتۈرسە بولىدۇ.

  گوۋۇيۈەن بەنگۇڭتىڭىنىڭ «يېڭى دەۋردىكى ئادەتتىكى تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپلەرنىڭ ئادەم تەربىيەلەش ئۇسۇلى ئىسلاھاتىنى ئىلگىرى سۈرۈش توغرىسىدىكى يېتەكچى پىكرى»، مائارىپ مىنىستىرلىقىنىڭ «2020-يىللىق ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپلەرگە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇش»ىنىڭ تەلىپىگە ئاساسەن، ھەرقايسى جايلار، ھەرقايسى ئوتتۇرا مەكتەپلەر «ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىنىڭ ئەلىيۇلئەلاسى»، «يۇقىرى نومۇر ئالغان ئوقۇغۇچى»، «نۇقتىلىق مەكتەپلەرگە ئۆتۈش نىسبىتى»، «ئۆرلەپ ئوقۇش نىسبىتى»، «بېيجىڭ داشۆ، چىڭخۇا داشۆلەرگە ئۆتۈش نىسبىتى»، «ئۆگىنىش ماھىرى»، «خۇش خەۋەر» قاتارلىق مەزمۇنلارنى تەشۋىق قىلىپ كۆپتۈرۈشكە بولمايدۇ، ھەرقانداق شەكىلدە ئىمتىھان نەتىجىسى، ئۆرلەپ ئوقۇش نىسبىتى، يۇقىرى نومۇر نىسبىتى، ئوتتۇرىچە نەتىجە، نۇقتىلىق مەكتەپلەرگە قوبۇل قىلىنىش نىسبىتى قاتارلىق تېمىلارنى كۆپتۈرۈشكە بولمايدۇ. بەلگىلىمىگە خىلاپ تەشۋىق قىلىپ كۆپتۈرگەنلەرنىڭ مەسئۇلىيىتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ.

  ئالىي مەكتەپ ئىمتىھان نەتىجىسىنى قايتا تەكشۈرۈشئالىي مەكتەپ ئىمتىھان نەتىجىسى ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن، ئىمتىھان بەرگەن ئوقۇغۇچى ئۆزىنىڭ نەتىجىسىدىن گۇمانلانسا، 7-ئاينىڭ 25-كۈنىدىن 31-كۈنىگىچە ئۆزى ئوقۇغان ئوتتۇرا مەكتەپ ئارقىلىق ۋىلايەتلىك (ئوبلاستلىق، شەھەرلىك) ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش ئىشخانىسىدىن «ئاپتونوم رايوننىڭ 2020-يىللىق ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانى نەتىجىسىنى قايتا تەكشۈرۈشنى ئىلتىماس قىلىش جەدۋىلى»نى ئېلىپ، بەلگىلىمىدىكى تەلەپ بويىچە قايتا تەكشۈرۈشنى ئىلتىماس قىلسا بولىدۇ، بەلگىلەنگەن ۋاقىتتىن ئۆتۈپ كەتسە ئىلتىماس قوبۇل قىلىنمايدۇ. ئاپتونوم رايونلۇق ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانى نەتىجىسىنى قايتا تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسى ئىمتىھان بەرگەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ جاۋاب يېزىش كارتىسىدىكى ھەرقايسى كىچىك سوئاللارنىڭ تەكشۈرۈشتە چۈشۈپ قالغان- قالمىغانلىقى ھەم نومۇر جەملىنىشىنىڭ توغرا بولغان-بولمىغانلىقىنى قايتا تەكشۈرىدۇ، ئىمتىھان قەغىزىنى تەكشۈرۈشنىڭ بوش-چىڭلىق دەرىجىسى تەكشۈرۈلمەيدۇ.

  يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش خىزمىتىنىڭ ئېھتىياجىغا ئاساسەن، بۇ يىل ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ ئىمتىھان يۇرتى نەق مەيداندا نەتىجىنى قايتا تەكشۈرۈش بويىچە كۈتۈۋېلىش پونكىتى تەسىس قىلمايدۇ، ئىمتىھان بەرگۈچىلەرنىڭ شەخسىي ياكى ئوتتۇرا مەكتەپلەرنىڭ بىۋاسىتە ئىلتىماسىنى قوبۇل قىلمايدۇ. ئىمتىھان بەرگۈچىلەرنىڭ نەتىجىسىنى قايتا تەكشۈرۈشتىكى بارلىق ئىلتىماسنى تەرتىپ بويىچە ئوتتۇرا مەكتەپلەر ئارقىلىق ۋىلايەت (ئوبلاست ، شەھەر) لىك ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش ئىشخانىلىرى بىر تۇتاش جەملەپ يۇقىرىغا يوللىشى كېرەك.