ئالدىنقى يېرىم يىلدا شىنجاڭنىڭ ئىقتىسادى %3.3 ئاشتى

日期:2020年07月23日
来源:人民网
【字体:

  شىنجاڭ گېزىتى پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرى ليۇ شياڭنىڭ ئاپتونوم رايونلۇق ئىستاتىستىكا ئىدارىسىدىن ئىگىلىشىچە، رايون ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتىنى بىرتۇتاش ھېسابلاش نەتىجىسىگە ئاساسلانغاندا، بۇ يىلنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدا، شىنجاڭنىڭ ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتى GDP) 641) مىليارد 280 مىليون يۈەنگە يېتىپ، ئۆزگەرمەس باھا بويىچە ھېسابلىغاندا، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %3.3 ئاشقان.

  «ئالدىنقى يېرىم يىلدا، ئاپتونوم رايونىمىز ئىقتىسادىنىڭ ئايلىنىشى ئومۇمىي جەھەتتىن تەكشى، مۇقىم ھالەتنى ساقلىدى، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش ۋە ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىدا كۆرۈنەرلىك نەتىجە - ئۈنۈم قولغا كەلتۈرۈلدى، ئاساسلىق ئىقتىسادىي كۆرسەتكۈچلەردە ئايمۇئاي، پەسىلمۇپەسىل قايتا ئۆرلەش ۋەزىيىتى كۆرۈلدى.» ئاپتونوم رايونلۇق ئىستاتىستىكا ئىدارىسى پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى، ئىدارە باشلىقى شۈ بىن مۇنداق دېدى: «ئالدىنقى يېرىم يىلدا، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىشى مۇقىم ھالەتنى ساقلىدى، سانائەت ئىشلەپچىقىرىشى ئوڭۇشسىز ۋەزىيەتتە يۈكسىلىپ، تۇراقلىق مۈلۈك سېلىنمىسى تېز ئېشىشنى ساقلىدى، ئىستېمال بازىرى زور دەرىجىدە قايتىدىن جانلاندى، مۇلازىمەت كەسپىنىڭ تۆۋەنلەش نىسبىتى ئۇدا تارايدى، ئاھالە ئىستېمال باھاسى(CPI)نىڭ ئۆسۈش نىسبىتى پۈتۈن مەملىكەتنىڭكىدىن تۆۋەن بولدى».

  كەسىپلەر بويىچە قارىغاندا، ئالدىنقى يېرىم يىلدا، شىنجاڭدىكى 1 - كەسىپنىڭ قوشۇلما قىممىتى 44 مىليارد 38 مىليون يۈەن بولۇپ، %4.6 ئاشقان؛ 2 - كەسىپنىڭ قوشۇلما قىممىتى 233 مىليارد 825 مىليون يۈەن بولۇپ، %8.1 ئاشقان؛ 3 - كەسىپنىڭ قوشۇلما قىممىتى 363 مىليارد 417 مىليون يۈەن بولۇپ، %0.1 ئاشقان.

  «بۇ يىلنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدا، ئاپتونوم رايونىمىز ئىقتىسادىنىڭ ئېلاستىكلىقلىقى ۋە خەۋپ - خەتەرگە تاقابىل تۇرۇش ئىقتىدارى يۇقۇم زەربىسى ئېلىپ كەلگەن سىناققا بەرداشلىق بەردى، ئاساسلىق ئىقتىسادىي كۆرسەتكۈچلەر پۈتۈن مەملىكەتنىڭكىدىن ياخشى بولدى.» شۈ بىن مۇنداق دېدى: «كېيىنكى باسقۇچتا، بىز ئاپتونوم رايوننىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇش نەق مەيدان يىغىنىنىڭ تەلىپى بويىچە، مۇقىملىق ئاساسىدا ئىلگىرىلەش خىزمەت باش رىتىمىدا چىڭ تۇرۇپ، <ئالتىنى مۇقىملاشتۇرۇش> خىزمىتىنى پۇختا، ياخشى ئىشلەپ، <ئالتىگە كاپالەتلىك قىلىش> ۋەزىپىسىنى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، دائىملاشقان يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش ۋە ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ئالغا سىلجىتىشتا قوش غەلىبە قىلىشنى پۈتۈن كۈچ بىلەن ئىشقا ئاشۇرىمىز».