ئاپتونوم رايونلۇق 13 - نۆۋەتلىك خەلق ھۆكۈمىتى 94 - قېتىملىق دائىمىي يىغىن ئاچتى

日期:2020年07月09日
来源:人民网
【字体:

       ئايدىڭكۆلنىڭ ئېكولوگىيەلىك مۇھىتىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش، تۈزەشنى ئالغا سىلجىتىش قاتارلىق خىزمەتلەر تەتقىق قىلىندى

  شىنجاڭ گېزىتى پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرى لى ياڭ خەۋەر قىلىدۇ: 7 - ئاينىڭ 7 - كۈنى چۈشتىن كېيىن، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى شۆھرەت زاكىر ئاپتونوم رايونلۇق 13 - نۆۋەتلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ 94 - قېتىملىق دائىمىي يىغىنىنى رىياسەتچىلىك قىلىپ ئاچتى، يىغىندا ئايدىڭكۆلنىڭ ئېكولوگىيەلىك مۇھىتىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش، تۈزەشنى ئالغا سىلجىتىش، شىنجاڭنىڭ باغ - ئورمانچىلىق مەھسۇلاتلىرىنى ئىنچىكە پىششىقلاش ئىشلەش كەسپىنىڭ تەرەققىياتىنى تېزلىتىش قاتارلىق خىزمەتلەر تەتقىق قىلىندى.

  يىغىندا مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: 2016 - يىلى تۇرپان ئايدىڭكۆل دۆلەت سۇلۇق يەر باغچىسىنى نۇقتىدا سىناق قىلىش خىزمىتى قانات يايدۇرۇلغاندىن بۇيان، ئاپتونوم رايونىمىز بىر تۈركۈم ئېكولوگىيەنى ئاسراش، تۈزەش تۈرلىرىنى يولغا قويدى، ئايدىڭكۆلنىڭ ئېكولوگىيەلىك مۇھىتى ئۈنۈملۈك ئەسلىگە كەلتۈرۈلدى. شى جىنپىڭ ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى ئىدىيەسىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇپ، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىدە چىڭ تۇرۇپ، سۈزۈك سۇ، يېشىل تاغنىڭ ئۆزى بىر بايلىق، دېگەن ئىدىيەنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، ئايدىڭكۆلنىڭ ئېكولوگىيە سىستېمىسىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش، تۈزەش قۇرۇلۇشىنى سىجىل ئالغا سىلجىتىپ، كۆلدە سۇ كۆلىمىنىڭ تەدرىجىي ئېشىشى، سۇلۇق يەر ئىقتىدارىنىڭ تەدرىجىي ئەسلىگە كېلىشى، رايون ئېكولوگىيەسىنىڭ ئۆزىنى ئۆزى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ئىقتىدارىنىڭ تەدرىجىي كۈچىيىشىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىپ، دەريا، كۆللەرنىڭ ئەبەدىي سۈزۈك بولۇشى ۋە يېشىل تەرەققىياتىنى تىرىشىپ ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك. «ئايدىڭكۆلنىڭ ئېكولوگىيەسىنى ئاسراش، تۈزەش يىرىك پىلانى»نى داۋاملىق يولغا قويۇپ، «ئايدىڭكۆل سۇلۇق يەرنى قوغداش ۋە ئەسلىگە كەلتۈرۈش ئومۇمىي يىرىك پىلانى»نى مۇۋاپىق تۈزۈپ، مەخسۇس تۈر مەبلىغى جەھەتتىكى قوللاشنى پائال قولغا كەلتۈرۈپ، سۇلۇق يەرنى پەرۋىش قىلىش، سۇلۇق يەرنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش، ئىلمىي تەتقىق قىلىپ ئۆلچەپ تەكشۈرۈش، پەننى ئومۇملاشتۇرۇش تەشۋىقاتى، بايلىق تەكشۈرۈش قاتارلىق خىزمەتلەرنى ئىلمىي، تەرتىپلىك قانات يايدۇرۇش كېرەك. دەريا - كۆل باشلىقى تۈزۈمىنى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، «ئايدىڭكۆلنى ئۈچ يىل تۈزەش مەخسۇس ھەرىكەت لايىھەسى»نى چوڭقۇر يولغا قويۇپ، مەسىلە يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇپ، مەسئۇلىيەت تىزىملىكىنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ، گەۋدىلىك مەسىلىلەرنى تۈزىتىش كېرەك. سۇ بايلىقىنى باشقۇرۇش بىلەن قوغداشنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، ئېقىن رايونىنىڭ سۇ ئېكولوگىيەسىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشنى چىڭ تۇتۇپ، يېزا ئىگىلىكىدە سۇ تېجەشنى زور كۈچ بىلەن ئالغا سىلجىتىپ، سۇ مۇھىتىنىڭ سۈپىتىنى كۆزىتىپ ئۆلچەشنى قانات يايدۇرۇپ، ئېقىن رايونىنىڭ سۇ ئېكولوگىيەسىنى ئاسراش، ئېكولوگىيەنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشنى ئىلمىي تىرەك بىلەن تەمىنلەش كېرەك. تەۋەلىك بويىچە باشقۇرۇش مەسئۇلىيىتىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، تارماقلارنىڭ ماسلىشىش، ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىپ، خىزمەت بىرىكمە كۈچى شەكىللەندۈرۈپ، ئايدىڭكۆل ئېقىن رايونىنىڭ ئېكولوگىيەلىك مۇھىتىنى تېخىمۇ ياخشىلاش، دەريا - كۆللەرنىڭ قىياپىتىنى ئۈزلۈكسىز ياخشىلاشنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك.

  يىغىندا مۇنداق كۆرسىتىلدى: باغ - ئورمانچىلىق مەھسۇلاتلىرىنى ئىنچىكە پىششىقلاش كەسپىنىڭ تەرەققىياتىنى تېزلىتىش ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ يېزا ئىگىلىكى كەسىپ قوشۇلما قىممىتىنى ئۆستۈرۈش، بازار رىقابەت كۈچىنى ئاشۇرۇش، دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى سىجىل ئاشۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈشتە مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە. باغ - ئورمانچىلىق بازىسىنى ئۆلچەملەشتۈرۈش قۇرۇلۇشىنى تېز ئالغا سىلجىتىپ، خاسلىقى روشەن، يۈرۈشلەشتۈرۈلۈشى مۇكەممەل بولغان بىر تۈركۈم خاس باغ - ئورمانچىلىق مەھسۇلاتلىرىنى پىششىقلاش توپلانما رايونلىرىنى مۇۋاپىق ئورۇنلاشتۇرۇش كېرەك. باشلامچى كارخانىلارنى زور كۈچ بىلەن يېتىلدۈرۈپ، زورايتىپ، تېخنىكا تەتقىق قىلىپ ئېچىش مەركىزى قۇرۇپ، ئىنچىكە پىششىقلاش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈش كېرەك. «باشلامچى كارخانا + ھەمكارلىق كوپىراتىپى + دېھقان ئائىلىسى» قاتارلىق تىجارەت ئەندىزىسىنى كېڭەيتىپ، زەنجىرسىمان ئامباردا سوغۇق ساقلاش، ئەشيا ئوبوروتى قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىپ، ئىشلەپچىقىرىلغان جايغا يېقىن جايدا دەسلەپكى پىششىقلاشقا تۈرتكە بولۇش كېرەك. چوڭ سانلىق مەلۇمات، نەرسە تورى، رايون زەنجىرى، 5G قاتارلىق يېڭى تېخنىكىلارنىڭ باغ - ئورمانچىلىق پىششىقلاش كەسپىدە قوللىنىلىشىنى پائال ئالغا سىلجىتىپ، باغ - ئورمانچىلىق مەھسۇلاتلىرىنى ئىنچىكە پىششىقلاش كەسىپلەر باغچە رايونىنىڭ ئۇل ئەسلىھە ۋە ئاممىۋى مۇلازىمەت سۇپىسى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، شىنجاڭغا ياردەم بېرىۋاتقان ئۆلكە، شەھەرلەر بىلەن بولغان ھەمكارلىشىش، ئالاقىلىشىشنى قانات يايدۇرۇش كېرەك. مالىيە جەھەتتىن يۆلەش سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، تۈرلۈك ئېتىبار بېرىش سىياسەتلىرىنى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، پۇل مۇئامىلە مۇلازىمىتىدە يېڭىلىق يارىتىپ، باغ - ئورمانچىلىق مەھسۇلاتلىرىنى پىششىقلاش كەسپىنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشنى كۈچلۈك مەدەت بىلەن تەمىنلەش كېرەك.